ئاناتومىيە (ئوپېراتسىيە ئىلىمى) نۇقتىسىدىن قارىغاندا، كىندىكنىڭ ئاستىدا قورساق بوشلۇقى بىلەن داس بوشلۇقى، يەنە نېرۋا تۈگۈنچىسى بار؛ جىڭلو ئىلمىدىن ئېيتقاندا قورساق ئەتراپىدا رېنمەي پەللىسى (任脉)، دەيمەي پەللىسى (带脉)، چۇڭمەي پەللىسى قاتارلىق پەللىلەر بار.
كىندىك ئۇۋۇلاش ئۇسۇلى
ھەر كۈنى سەھەر، چۈش، كەچلىك تاماقتىن كېيىن كىچىك قورساقنى سائەت ئىستىرىلكىسى يۆنىلىشى ۋە سائەت ئىستىرىلكىسىگە قارشى يۆنىلىش بەش مىنۇت ئۇۋۋۇلايمىز.
ئاشقازان كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش
ھەركۈنى سەھەر، چۈش ۋە كەچلىك تاماقتىن كېيىن قورساقنى بەش مىنۇت ئۇۋۇلاپ بەرسە يارا كېسىلىنى قوشۇمچە داۋالاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. چۈنكى ئاشقازان يارىسىنىڭ پەيدا بولۇشى ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ كۆپلەپ ئاجرىلىپ چىقىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. قورساقنى دائىم ئۇۋۇلاپ بەرسە پىروستاگلاندىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىشىنى كۆپەيتىپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ كۆپ مىقداردا ئاجرىلىپ چىقىشىنىڭ ۋە ئاشقازان يارىسى كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
قەۋزىيەتنى داۋالاش
قورساقنى ئۇۋۇلاپ بەرگەندە قورساق مۇسكۇلى ۋە ئۈچەي سىلىق مۇسكۇلىنىڭ قان ئېقىم مىقدارى كۆپىيىپ، ئاشقازان، ئۈچەي دىۋارى مۇسكۇلىنىڭ كېڭىيىشى ۋە لىمفا سىسىتېمىسى ئىقتىدارى كۈچىيىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يېمەكلىكنىڭ ھەزىم بولۇش ۋە سۈمۈرۈلۈش ئەھۋالى، چوڭ-كىچىك ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش ئىقتىدارى روشەن ياخشىلىنىپ تەرەت راۋانلىشىدۇ.
ساغلاملىق ۋاقىتلىق گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى