تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

تۇخۇمداننى ئاسراش ئۈچۈن پۇتنى سىيرىپ بېرىش كېرەك

  ئاياللار ئۈچۈن ئىككى نەرسە ئەڭ مۇھىم، بىرى يۈز، بىرى تۇخۇمدان. ئاياللار ئۆزىنى ياش تۇتىمەن، دەيدىكەن، يۈز تېرىسىنى ئاسراپلا قالماي، تۇخۇمدانغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك.

  تۇخۇمداننىڭ ئاساسلىق رولى تۇخۇم چىقىرىش ۋە ئانىلىق ھورمون، ھامىلىدارلىق ھورمونى ئاجرىتىپ چىقىرىش. ئاياللار 35-45 ياشتا تۇخۇمدان كىچىكلەشكە باشلايدۇ، ئادەت توختىغاندىن كېيىن تۇخۇمدان كىچىكلەپ ئەسلىدىكى چوڭلۇقىنىڭ يېرىمىدەك بولۇپ قالىدۇ. بۇ فىزىئولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەر تۇخۇمدان ئىقتىدارىنىڭ چېكىنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. فىزىئولوگىيەلىك چېكىنىشتىن باشقا، ئۇزۇن مۇددەت يېمەك-ئىچمەكنىڭ قالايمىقان بولۇشى، تۈنەش، ھەرىكەت ئاز بولۇش قاتارلىق ئادەتلەر تۇخۇمدان قېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  تۇخۇمدان ئاسراشتىكى  ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل ـــ پۇتنى سىيرىش بولۇپ، كونكرېت ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

  60 گىرادۇسلۇق ئىلىمان سۇ تەييارلاپ پۇتنى 15 مىنۇت چىلاش، سۇنىڭ مىقدارى پۇت چىلاشقۇدەك بولۇش؛ ئاندىن پۇتنى پاكىز سۈرتۈۋېتىپ، سەنيىنجياۋ پەللىسى (ئوشۇق ئۇچىنىڭ ئۈستىدىن ئۈچ سۇڭلۇق جاي)، تەيشى پەللىسى (ئىچكى ھوشۇق بىلەن ئۆكچە پېيى ئارىسىدىكى ئويمان جاي)، تەيچۇڭ پەللىسى (1-، 2-تاپان سۆڭىكى بىرلىشىدىغان ئورۇن ئالدىدىكى ئويمان جاي) قاتارلىق ئۈچ پەللە ۋە پۇت ئۆكچە قىسمىغا چەككىلەنگەن ماي ياكى ئۇۋىلاش مېيىنى سۈرۈپ، تاشتىن ياسالغان سىيرىش تاختىسى بىلەن سىيرىپ بېرىش كېرەك، ھەرقېتىمدا 30-50 قېتىمغىچە پۇت ئازراق ئاغرىغۇدەك كۈچ بىلەن سىيرىش، تاپان قىسمىنى كۆپرەك سىيرىش كېرەك. ئادەتتە بۇ داۋالاشتا 15-20 كۈننى بىر داۋالاش باسقۇچى قىلىنىدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى