چاچ ۋە تۈكلەر ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ كىچىك ئەزا. ئوخشاش ياشتىكى ئادەملەرنىڭ ئىچىدە چېچى چۈشۈپ كەتكەنلەر چېچى چۈشمىگەنلەرگە قارىغاندا چوڭ كۆرۈنىدۇ. چاچ چۈشۈشنىڭ پىسخىكىغا بولغان تەسىرىمۇ ناھايىتى چوڭ بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ سەۋەبتىن ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدۇ.
چاچ چۈشۈشنىڭ تۆت خىل تۈرى بار، 1. ئاتىلىق ھورمون خاراكتېرلىك چاچ چۈشۈش. 2. يارا خاراكتېرلىك چاچ چۈشۈش 3. تۇغما خاراكتېرلىك چاچ چۈشۈش 4. دائىرىلىك چاچ چۈشۈش
ئۇنداقتا قانداق ئامىل چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟ بىرى، ھورمون سەۋەبلىك؛ ئىككىنچىسى، ئېرسىيەت سەۋەبلىك؛ يەنە بىرى، ياخشى بولمىغان تۇرمۇش ئادىتى سەۋەبلىك؛ يەنى داۋاملىق چاچ قۇرۇتقۇچ ئىشلەتكەندە يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا چاچنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى كېراتىن بۇزۇلۇش سەۋەبلىك. چاچنى داۋاملىق تاراپ بەرگەندە چاچتىكى كېپەكلەر يوقاپلا قالماي، چاچ پارقىرايدۇ، باشنىڭ قان ئايلىنىشى ياخشىلىنىپ، چاچ چۈشۈش تىزگىنلىنىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، داۋاملىق تۈنەپ ئۆزىدە روھىي بېسىم پەيدا قىلماسلىق، ئۇزۇن ۋاقىت ئاپتاپقا قاقلانماسلىق كېرەك.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھەركۈنى چۈشكەن چاچ 100 تالدىن ئاز بولسا نورمال ھېسابلىنىدۇ.
ياز پەسلىدىن كۈز پەسلىگە قەدەم قويغاندا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەپ، باش تېرىسىغا يەتكۈزۈلىدىغان ئوزۇقلۇق ھەمدە تېرە يېغى ئاجرالمىسى ئازىيىدۇ، بۇنىڭ بىلەن چاچ قۇرغاقلىشىپ كۈندە چۈشىدىغان چاچ باشقا پەسىللەرگە سېلىشتۇرغاندا كۆپ بولىدۇ.
مۇتەخەسسىىسلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، چاچ كۆپ چۈشكەندە سالمون بېلىقى، گازىر، ياڭاق، تاتلىقياڭيۇ، پالەك يەپ بەرگەندە چاچ چۈشۈشنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىگىلى بولىدىكەن.
- خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى