ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ياڭ لېي، جاۋ مىنيۈەن خەۋىرى، فوتوسى: قۇملۇقتىكى بوستانلىق تىلغا ئېلىنسىلا، كىشىلەر قاقاس قۇملۇقتىكى بىر پارچە يېشىللىقنى ئەسكە ئالماي قالمايدۇ. ئەمما، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ توقسۇ ناھىيەسىدىكى قۇملۇقتا كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك گۈل دېڭىزى بار بولۇپ، ھەر يىلى بۇ يەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ.
ئىككى يىل بۇرۇن، بۇ جاي بىر پارچە قاقاس قۇملۇق بولۇپ، ھەريىلى ئەتىياز، كۈز پەسلىدىكى بورانلىق كۈنلەردە شامال قۇملارنى ئۇچۇرۇپ، ئەتراپنىڭ مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانىدى. توقسۇ ناھىيەلىك پارتكوم ۋە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى قۇملۇقنىڭ مۇھىتىنى تۈزەش بىلەن ئېكولوگىيە ساياھەتنى بىرلەشتۈرۈپ، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىپ، «قۇملۇق» ساياھىتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى.
قىسقىغىنا ئىككى يىل ئىچىدە، شەھەر ئىچىدە قۇملۇق، قۇملۇق ئىچىدە گۈللۈك، گۈللۈك ئىچىدە سۇ، سۇ ئىچىدە نېلۇپەر بولغان، بېلىقلار سۇدا ئويناقشىپ ئۈزىدىغان، رەڭدار گۈل-گىياھلار بەس-بەستە ئېچىلغان، ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان دۆلەت 4A دەرىجىلىك قۇملۇقتىكى گۈل دېڭىزى مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىندى.