تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

كېيىنكى ئەۋلادىنى ئورتاق باققاندا ...

ماتېرىيال سۈرەت: نېكروفورۇس قۇرتى

  ئەنگلىيەنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، دادىسىز ياكى ئانىسىز بېقىلغان ھايۋان ئەۋلادىنى سېلىشتۇرغاندا، ئاتا- ئانىسى تەڭ باققان ھايۋان ئەۋلادىنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن، ھايات قىلىش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.

  گلاسگوۋ داشۆسى بىلەن ئېدىنبۇرگ داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى نېكروفورۇس قۇرتى ئۈستىدە ئەستايىدىل تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئۇلار نېكروفورۇس قۇرتى لىچىنكىسىنىڭ ئوخشىمىغان ئىككى خىل شارائىت ئاستىدا ياشاش ۋە ئۆسۈش ئەھۋالىنى سېلىشتۇرغان، يەنى دادا ۋە ئانا قۇرت تەڭ باققان لىچىنكا بىلەن يالغۇز دادا قۇرت ۋە ئانا قۇرت باققان لىچىنكىنى سېلىشتۇرغان. نەتىجىدە بايقىلىشىچە، ئالدىنقىسى باققان لىچىنكىنىڭ تېنى يوغان، قورامىغا يەتكۈچە ھايات قىلىش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى
  • شاللىق رەسىمى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • بۇغدا كۆلىدىكى تۇنجى قار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى