27-نۆۋەتلىك جۇڭگو يىپەك يولى تۇرپان ئۈزۈم بايرىمى ئېچىلىش مۇراسىمى نەق مەيدانىغا قويۇلغان 220 خىل ئۈزۈم.
مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىڭجىڭ خەۋىرى، فوتوسى: «تۇرپان ئۈزۈمى پىشتى» تېمىسىدىكى 27-نۆۋەتلىك جۇڭگو يىپەك يولى تۇرپان ئۈزۈم بايرىمى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى باشلاندى. بۇ نۆۋەتلىك ئۈزۈم بايرىمىدا مەي بولۇپ پىشقان ھەر خىل ئۈزۈملەر ۋە يەرلىك نانلار بولۇپلا قالماستىن، يەنە ھەر خىل ياخشى ئويۇنلار ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئۈزۈم بايرىمىدا مەنزىرە نۇقتىلىرىدا ئۆز قولى بىلەن ئۈزۈم ئۈزۈش، يالقۇنتاغنى تۆگىلىك سەيلە قىلىش، يالقۇنتاغدا پەس ئۇچۇش، كارىزدىكى تۈن سەيلىسى، يارغول قەدىمىي شەھىرىدىكى تۈن سەيلىسى، قۇمتاغ مەنزىرە نۇقتىسىدىكى قۇملۇق ۋالىبول مۇسابىقىسى قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرى تۇرپاننىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدى.
ئۇنىڭدىن سىرت، 9-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن كېيىن، 27-نۆۋەتلىك جۇڭگو يىپەك يولى تۇرپان ئۈزۈم بايرىمى سودىگەر چاقىرىش ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈر كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىلقى ئۈزۈم بايرىمى تۈر كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمىدا جەمئىي 48 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىنىپ، مەبلەغ سېلىش ئومۇمىي سوممىسىنى 17 مىليارد 680 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈش پىلانلاندى.