تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

ئېرىڭىزگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلىۋېلىڭ

ماتېرىيال سۈرەت

    ۋاڭ تاۋ ئۇتۇق قازانغان شەخس بولسىمۇ، ئەمما ئاچچىقى بىر ئاز يامان ئىدى. ئۇنىڭ ئايالى زىيارەت قوبۇل قىلىپ، ئىككىسىنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىنىڭ سىرىنى سورىغاندا :«بەزىدە ئېرىمنى نەۋرەمدەك كۆرىمەن» دېدى.
    ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئېرىنىڭ خىزمىتى ئالدىراش بولۇپ، بەزىدە ئىشتىن چۈشۈپ خاپىغانلا قايتىپ كېلىدىكەن، ناۋادا ئېرىگە «مومىسىنىڭ نەۋرىسىگە مۇئامىلە قىلىشى»دەك مۇئامىلە قىلغاندا، ئايال كىشى كۆڭلىدە تەڭپۇڭسىزلىق ھېس قىلمايدىكەن. چۈنكى ھېچكىممۇ تۆت-بەش ياشلىق بالا بىلەن تەڭ تۇرمايدۇ-دە!
    كۆڭلىدە ئېرىنى بەزىدە نەۋرىسىدەك كۆرەلىگەن ئاياللار پىشقان، پاراسەتلىك ئاياللاردۇر.
    مەسىلەن: ئېرىڭىز ئىشتىن خاپىغان قايتىپ كەلسە، چوقۇم كۆڭۈلسىزلىك يۈز بەردى دېگەن گەپ، شۇڭا، بۇ چاغدا ئۆيدىكى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار تۈپەيلى ئۇنىڭ ئارامىنى بۇزماڭ. ئۇنىڭغا بەزى ئىشلارنى ئېيتماقچى بولسىڭىز، كەيپىياتى ئەسلىگە كەلگەندە ئاندىن ئېيتىڭ، بۇ چاغدا ئۇ چوقۇم ئېيتقانلىرىڭىزنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدۇ. ئۇ ئەزۋەيلەپ قالغاندا، ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇۋالماڭ. ئۇ ئاچچىقلاپ قالدى خالاس، ئاچچىقى يانغاندا چوقۇم ئاقىللىق بىلەن قارار چىقىرالايدۇ.
    ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئەڭ ئەخمەق ئايال باشقىلارنىڭ قانداق كەيپىياتتا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئاچچىقىنى چىقىرىمەن دەپ ئۆزىنىڭمۇ، ئۆزگىنىڭمۇ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدۇ.
    ئەرلەر ئەڭ ئېھتىياجلىق ئۈچ خىل ھېسسىيات تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
    1.ئىشەنچ. ئىشەنچ نام-ئابروي مەسىلىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سىزنىڭ ئۇنىڭغا يۈز بەرگەنلىكىڭىز دەل ئۇنىڭغا ئىشەنگەنلىكىڭىزدۇر. «سىز ھەممە ئىشنى ھەل قىلالايسىز» دېگەندەك ئاددىي جۈملىلەر ئەرلەرگە باشقىچە جاسارەت ئاتا قىلىدۇ.
    2.ماختاش. ئېرىڭىزنى ئازراقلا ماختاپ قويسىڭىز، ئۇ ئاغزىدا دېمىسىمۇ كۆڭلىدە خېلى ئۇزاققىچە خۇش بولىدۇ. ئۆزىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماختىغان ئايالىدىن مەمنۇن بولىدۇ.
    3. مۇلايىملىق. ئاياللار مۇلايىملىقنى ئەركىلەش، دەپ چۈشىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە مۇلايىملىقنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىپادىسى باشقىلارنىڭ كەيپىياتىنى چۈشىنىش؛ ھەر ۋاقىت سوغۇققان بولۇش ۋەھاكازالار. ئەرلەرنى بەزىدە بالىسى ياكى نەۋرىسىدەك، بەزىدە مۇئەللىمىدەك كۆرەلىگەن ئاياللار تەبىئىيلا ئېرىگە مۇلايىم تەسىر بېرەلەيدۇ. ياش ئەرلەر ئايالىنىڭ جانلىق، تېتىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلسا، ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا ئۇنىڭ مۇلايىم ۋە تەمكىن بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى