تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

ئەڭ قەدىمىي ھەمراھ يۇلتۇزلار سىستېمىسى 13 مىليارد ياشتىن ئاشتى

ماتېرىيال سۈرەت

    پەن-تېخنىكا گېزىتى خەۋىرى: فىزىكا ئالىملىرى تەشكىلاتى تورىنىڭ يېقىندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، سامانيولى سىسىتېمىسىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدىغان ئەڭ غۇۋا ھەمراھ يۇلتۇزلار سىستېمىسى ئالەم بوشلۇقىدىكى ئەڭ قەدىمىي يۇلتۇز سىستېمىسىنىڭ بىرى ئىكەن. ئالىملار: «بۇ ئەڭ قەدىمىي يۇلتۇزلار سىستېمىسىنى بايقىغانلىق يەر شارىدىكى تۇنجى ئىنسانلار قالدۇق سۆڭىكىنى بايقىغانلىق بىلەن باراۋار» دېگەن، بۇنىڭ ئالەمنىڭ تەدرىجىي  ئۆزگىرىش مۇساپىسىنى تەتقىق قىلىشقا ياردىمى بولىدىكەن.

    بۇ يۇلتۇزلار سىستېمىسى «سېگۇئې 1»، «پادىچى يۇلتۇز تۈركۈمى 1»، « كاككۇك يۇلتۇز تۈركۈمى 2»، «چوڭ ئېيىق يۇلتۇزلار تۈركۈمى 1» نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالەم بوشلۇقىدىكى تۇنجى تۈركۈم يۇلتۇزلار سىستېمىلىرى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، 13 مىليارد يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى