تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

ئېلىمىز ئاسترونوملىرى ئۆزگىرەلەيدىغان يۇلتۇزسىمان جىسىمدىن 21 نى بايقىدى

ئۆزگىرەلەيدىغان يۇلتۇزسىمان جىسىمنىڭ يادرولۇق رايون ئىسخېمىسى. مەركىزى دەرىجىدىن تاشقىرى ماسسىلىق قارا ئۆڭكۈر ۋە يىغىش تەخسىسى (سۈرەت مەنبەسى يالې داشۆسى)

    جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۆلەت رەسەتخانىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يۇلتۇزسىمان جىسىم ئالەمدىكى نۇر چىقىرىش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئاكتىپ يۇلتۇزلار سىستېمىسى يادروسى بولۇپ، ئۇ يىراق ئالەمنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم تەكشۈرگۈچ ھېسابلىنىدىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بېيجىڭ داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى ۋۇ شۆبىن باشلامچىلىقىدىكى تەتقىقات كوللېكتىپى  ئۆزگىرەلەيدىغان يۇلتۇزسىمان جىسىمدىن 21 نى بايقىغان، بۇنىڭ بىلەن بۇ تۈردىكى ئاسمان جىسىملىرىنىڭ سانى بىر ھەسسە كۆپەيگەن. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات نەتىجىسى يېقىندا «ئاسمان جىسىملىرى فىزىكىسى ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان.

    كۆزىتىش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئاكتىپ يۇلتۇزلار سىستېمىسى يادروسىنىڭ ئىسپېكتىر ئىچىدىكى كەڭ نۇر چىقىرىش سىزىقى بىرقانچە يىل ۋاقىت ئىچىدە يوقاپ كېتىدىكەن، بەزىلىرىدە كېيىنكى نەچچە يىلدا قايتىدىن كەڭ نۇر چىقىرىش سىزىقى پەيدا بولىدىكەن، بۇ تۈردىكى ئالاھىدە ئاسمان جىسىمى ئۆزگىرەلەيدىغان يۇلتۇزسىمان جىسىم، دەپ ئاتىلىدىكەن. ھازىر بۇ ئاسمان جىسىملىرىنىڭ «ئۆزگىرەلەيدىغان» لىقىنىڭ فىزىكىلىق مېخانىزمى جەھەتتە يەنىلا تالاش-تارتىش مەۋجۇت.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى