تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

يەنجى ناھىيەسىنىڭ 2-نۆۋەتلىك يېزا-كەنت ساياھىتى مەدەنىيەت بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى

9-ئاينىڭ 1-كۈنى، يەنجى ناھىيەسىنىڭ 2-نۆۋەتلىك يېزا-كەنت ساياھىتى مەدەنىيەت بايرىمى (دەنزىل بازىرى مەخسۇس  مەيدانى) ۋە دەنزىل بازىرىنىڭ 6-نۆۋەتلىك ئۈزۈم باھالاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

  مۇخبىرىمىز يۈەن خەيجۈن خەۋىرى، فوتوسى: ئالتۇن كۈزدە، يەنجى ناھىيەسىنىڭ دەنزىل بازىرىدا ئۈزۈملەر پىشىپ كەتتى. 9-ئاينىڭ 1-كۈنى، يەنجى ناھىيەسىنىڭ 2-نۆۋەتلىك يېزا-كەنت ساياھىتى مەدەنىيەت بايرىمى (دەنزىل بازىرى مەخسۇس مەيدانى) ۋە دەنزىل بازىرىنىڭ 6-نۆۋەتلىك ئۈزۈم باھالاش پائالىيىتى باشلاندى. شۇ كۈنى كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 25 مىڭدىن ئېشىپ، ساياھەتچىلىكتىن قىلىنغان كىرىم ئاشتى.

  پائالىيەت مەيدانىدا كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئىككى قاتار قىلىپ قويۇلغان كۆرگەزمە سۇپىسىغا كۆك ئۈزۈملەر تىزىۋېتىلگەن ئىدى. بۇ بازاردىكى 60 ئۈزۈمچىلىك چوڭ ئائىلىسى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈزۈملىرىنى پائالىيەت نەق مەيدانىغا ئېلىپ كېلىپ، باھالىغۇچىلار ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ تېتىپ بېقىشىغا سۇندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى