تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۈچ كارخانا «جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك پۇقراۋى كارخانا» تىزىملىكىگە كىردى

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 9-ئاينىڭ 2-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن ئىگىلىشىچە، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان 2018-يىللىق «جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك پۇقراۋى كارخانا»نى ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بۇ يىلدىكى جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك پۇقراۋى كارخانىنىڭ تىزىملىكى ۋە ئانالىز دوكلاتى رەسمىي ئېلان قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۈچ كارخانا ـــ شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئوقەتچىلىك مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھى)  چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ ئالاھىدە تىرانسفورموتور چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 8-شىسىنىڭ تىيانشان ئاليومىنچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى تىزىملىككە كىرگەن.

  تىزىملىكتە كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئوقەتچىلىك مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھى)  چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 19-ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، يىللىق تىجارەت كىرىمى 176 مىليارد 440 مىليون يۈەن بولغان؛ شىنجاڭ ئالاھىدە تىرانسفورموتور مەسئۇلىيەت چەكلىك شىركىتى 118-ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، يىللىق تىجارەت كىرىمى 52 مىليارد 731 مىليون يۈەن بولغان؛ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 8-شىسىنىڭ تىيانشان ئاليومىنچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى 360-ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، يىللىق تىجارەت كىرىمى 20 مىليارد 890 مىليون يۈەن بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى