تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

6–نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا–ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش

6 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

جۇڭگو ئاسىيا ـ ياۋروپا ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھەمكارلىق مۇنبىرى ئېچىلدى

خۇ چۈنخۇا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى، چېن چۈەنگو قارشى ئېلىش سۆزى قىلدى

مۇسلىميار، سكىتتىشۋىلى، لۇڭ گوچياڭ نۇتۇق سۆزلىدى، فۇ زىيىڭ سۆزقىلدى

ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئابلەت ئابدۇرېشىت تەكلىپكە بىنائەن قاتناشتى

8 – ئاينىڭ 30 – كۈنى، 6 – نۆۋەتلىك جۇڭگو  ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. سۈرەتتە: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خۇ چۈنخۇا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.
مۇخبىرىمىز لۇ مىنيى فوتوسى

   مۇخبىرلىرىمىز ياۋ تۇڭ، دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 8 – ئاينىڭ 30 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 6 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى.

   جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خۇ چۈنخۇا ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە جۇڭگو  ئاسىيا – ياۋروپا ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھەمكارلىق مۇنبىرىگە قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە ئاساسىي مۇنبەرگە قاتناشتى ھەم قارشى ئېلىش سۆزى قىلدى. ئافغانىستان پارلامېنتى پېشقەدەملەر پالاتاسىنىڭ رەئىسى مۇسلىميار، گىرۇزىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سكىتتىشۋىلى، جۇڭگو گوۋۇيۈەنى تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لۇڭ گوچياڭ قاتارلىقلار ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە ئاساسىي مۇنبەرگە قاتناشتى ھەم نۇتۇق سۆزلىدى، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا سودا سۆھبەت ۋەكىلى، قوشۇمچە مۇئاۋىن مىنىستىرى فۇ زىيىڭ سۆز قىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تىلىۋالدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت تەكلىپكە بىنائەن قاتناشتى. 6 – نۆۋەتلىك جۇڭگو  ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئېچىلىش مۇراسىمىغا ھەم ئاساسىي مۇنبەرگە رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن قاتارلىقلار ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە ئاساسىي مۇنبەرگە قاتناشتى.

   بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنىڭ باش تېمىسى ‹‹<بىر بەلباغ، بىر يول>، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش››. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دە، 6 – نۆۋەتلىك جۇڭگو  ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە جۇڭگو  ئاسىيا – ياۋروپا ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھەمكارلىق مۇنبىرى رەسمىي باشلاندى. شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ كۆپ ئىقتىدارلىق زالى ئەزىز مېھمانلار بىلەن لىق تولغان بولۇپ، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىن كەلگەن سىياسىي ئەربابلار، ئەزىز مېھمانلار بۇ يەردە سۆزلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىقىنى ئورتاق پىلانلايدۇ.

   خۇ چۈنخۇا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىگەندە مۇنداق كۆرسەتتى: رەئىس شى جىنپىڭ 2013 – يىلى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن بۇيان، جۇڭگو لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› رامكىسى ئىچىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ئۇدۇللاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتىپ، يېڭى سودا ئېشىش نۇقتىلىرىنى قېزىپ، سېلىنما ۋە كەسىپ ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، تۆمۈريول، تاشيول، پورت، ئېنېرگىيە، تېلېگراف قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، راۋانلاشتۇرۇشنى تېزلىتىشنى خالايدۇ. پۇل مۇئامىلە ۋاسىتىسى ۋە ھەمكارلىق ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، كەسىپ تۈرلىرى، ئۇل ئەسلىھەلەرنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭگو قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسىيا، ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگو كارخانىلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ھەمكارلىقنىڭ دائىرىسى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭنىڭ پۇرسەتنى تۇتۇپ، ئېچىۋېتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشىدە تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى قوللايدۇ.

   چېن چۈەنگو قارشى ئېلىش سۆزىدە مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئۆزگىرىشىنىڭ ئىچكى تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتنى تېزلىتىشتىكى ئورتاق ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈردى. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ بەش يىللىقى پەيتىدە، رەئىس شى جىنپىڭ سۆزلىشىپ كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇپ ئورتاق بەھرىلىنىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئالاقىلىشىپ ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشتىكى ئەڭ چوڭ ئورتاق تونۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇشنى چوڭقۇر، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو  ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم سۇپىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹بەشنى راۋانلاشتۇرۇش››نى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تەڭپۇڭ بولغان، ئورتاق مەنپەئەتلىنىدىغان يۆنىلىشتە راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

   فۇ زىيىڭ سۆزىدە مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئاسىيا – ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون. جۇڭگو سودا مىنىستىرلىقى شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئەتراپتىكىلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، سودا ۋە سېلىنمىنى ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوچۇق ئىقتىساد سىستېمىسىنى يۈكسەلدۈرۈشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللايدۇ. دۇنيادىكى ھەر ساھە، ھەرقايسى تەرەپلەر ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ، ھەمكارلىشىش ئۈستىدە كېڭىشىشىنى، مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى سەمىمىي قارشى ئالىدۇ، جۇڭگو سودا مىنىستىرلىقى مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇشنى چوڭقۇر، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلققە بەخت يارىتىدۇ.

   مۇسلىميار نۇتقىدا مۇنداق دېدى: ئافغانىستان جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە قايىل، جۇڭگونىڭ ئافغانىستاننىڭ تىنچلىق مۇساپىسى ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى ئافغانىستان – جۇڭگو ھەمكارلىقى ۋە رايونلارنىڭ ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، بىز جۇڭگونىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى ۋە رايون ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش مۇھىم تەشەببۇسىنى داۋاملىق قوللاپ، ئىككى تەرەپنىڭ سودا، مائارىپ، ئۇل ئەسلىھە، رايون خەۋپسىزلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرىمىز.

   سكىتتىشۋىلى نۇتقىدا مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى گىرۇزىيەگە نىسبەتەن مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. گىرۇزىيە ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئورۇن ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› رامكىسى ئىچىدە جۇڭگو بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىش، ياسىمىچىلىق، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسىيا، ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە سىجىل مۇقىملىقنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.

   لۇڭ گوچياڭ نۇتقىدا مۇنداق دېدى: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى جۇڭگو تەشەببۇس قىلغان، ھەمكارلىق نەتىجىسى دۇنياغا مەنسۇپ. بەش يىلدىن بۇيان، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى ئىدىيەدىن ھەرىكەتكە، ئارزۇدىن رېئاللىققا ئايلىنىپ، دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى. جۇڭگو شىنجاڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ھەمكارلىقىدا مۇھىم رول ئويناپ، مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

   ئاسىيا، ياۋروپادىكى قىسمەن دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۈەن رەھبەرلىرى، دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىنىڭ، قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ھەر ساھە زاتلار ۋەكىللىرى ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە ئاساسىي مۇنبەرگە قاتناشتى.

   ئېچىلىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن، خۇ چۈنخۇا، چېن چۈەنگو قاتارلىقلار جۇڭگو  ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ قىسمەن كۆرگەزمە رايونلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

   8 – ئاينىڭ 29 – كۈنى، خۇ چۈنخۇا، چېن چۈەنگو ئايرىم – ئايرىم ھالدا مۇسلىميار، سكىتتىشۋىلى بىلەن كۆرۈشتى.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.