كىيىمنى قولدا يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، كۈچەپ سىقساقمۇ كىيىمدىكى سۇ مىقدارىنىڭ خېلى كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.
بۇ ۋاقىتتا ئالدى بىلەن ھۆل كىيىمنىڭ ئۈستىگە بىر ۋاراق قەغەز قويساق قەغەز كىيىمدىكى سۇنى ئۆزىگە سۈمۈرۈۋالىدۇ.
ئارقىدىن ھۆل كىيىمنى قۇرغاق لۆڭگىگە ئوراپ سەل تۇرغۇزغاندىن كېيىن، كۈچەپ بىر قانچە قېتىم سىقىمىز.
سىقىپ بولغاندىن كېيىن، كىيىمنىڭ ئۈستىگە قەغەز قويۇپ باسىمىز. شۇنىڭ بىلەن يۇيغان كىيىمنىڭ خېلى قۇرۇپ بولغانلىقىنى بايقايمىز.
پۇرلىشىپ كەتكەن كىيىمنى تۈزلەش
كىرئالغۇدا يۇيغان كىيىم دائىم دېگۈدەك قۇرىغاندىن كېيىن پۇرلىشىپ قالىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا قانداق قىلىش كېرەك؟
ئىككى لۆڭگىنى ھۆلدىگەندىن كېيىن پۇرلىشىپ قالغان كىيىمنىڭ ئۈستىگە يېپىپ ئاسىمىز، ئاندىن كىيىم ئۈستىدىن بوشراق بېسىپ قويىمىز، قۇرىغاندىن كېيىن، كىيىمدىكى پۇرلاشقان جايلارنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن يوقالغانلىقىنى بايقايمىز، قېنى دەزمال يوق شارائىتتا بۇ ئۇسۇلنىمۇ قوللىنىپ بېقىڭ.