تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

7-نۆۋەتلىك شىنجاڭ كۆچەت، گۈل-گىياھ يەرمەنكىسى باشلاندى

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: 7-نۆۋەتلىك شىنجاڭ كۆچەت، گۈل-گىياھ يەرمەنكىسى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ كۆچەت سودىسى بازىرىدا باشلاندى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىنى شىنجاڭ دەل-دەرەخ كۆچىتى جەمئىيىتى، جۇڭگو گۈل-گىياھ جەمئىيىتىنىڭ تەشتەككە تىكىلىدىغان ئۆسۈملۈكلەر شۆبىسى، سانجى كۆچەت، گۈل-گىياھ ئىشلەپچىقىرىش بىرلەشمىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدىكى كارخانىلار پائال قاتنىشىپ، «ھۆكۈمەت سەھنە ھازىرلاش، كارخانىلار ماھارەت كۆرسىتىش» نامايان قىلىنىدىكەن.

  نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ كۆچەت يېتىشتۈرۈش كۆلىمى 520 مىڭ موغا يەتكەن بولۇپ، يىللىق سېتىلىش سوممىسى 3 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ كۆچەت يېتىشتۈرۈش كۆلىمى 148 مىڭ موغا يەتكەن بولۇپ، يىللىق سېتىلىش سوممىسى 1 مىليارد 370 مىليون يۈەنگە يەتكەن. قۇتۇبى ناھىيەسى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ «دۆلەت دەرىجىلىك كۆچەت سودىسى بازىرى»، «دۆلەت كۆچەت، گۈل-گىياھ ئېكسپورت بازىسى»، «دۆلەتنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى»، «دۆلەتنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇش نۇقتىسىدىكى سىناق قىلىنىدىغان ناھىيە» دېگەن ناملارغا ئېرىشكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى