تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

دەۋر ئاتا قىلغان بۇرچ، ۋەزىپىنى زىممىمىزگە ئالايلى

  ـــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  ئۇلۇغ دەۋر ئۇلۇغ روھقا موھتاج، ئۇلۇغ روھ ئۇلۇغ ئىشلارغا تۈرتكە بولىدۇ.

  ‹‹يېڭى ۋەزىيەتتىكى تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، جەزمەن بايراقنى كۆتۈرۈش، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىش بۇرچى، ۋەزىپىسىنى ئاڭلىق زىممىگە ئېلىش كېرەك››. مەملىكەتلىك تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىچكى – تاشقى ۋەزىيەتنى، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ ۋەزىيىتىنى، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى بۇرچ، ۋەزىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى بىزنىڭ مەۋقەنى يېڭى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى كوردىناتنى توغرا تېپىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشىمىزدىكى تىرىشىش يۆنىلىشىمىزنى كۆرسىتىپ بەردى.بىر دەۋرنىڭ ئۆزىگە خاس باش تېمىسى بولىدۇ، بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە تېگىشلىك بۇرچى بولىدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ناھايىتى ياخشى بولۇۋاتىدۇ، تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پۇختا نەزەرىيەۋى ئاساسقا، ئەمەلىيەت ئاساسىغا، ماددىي ئاساسقا، ئەلرايى ئاساسىغا ئىگە. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ھەرگىزمۇ داقا – دۇمباق چېلىش بىلەنلا ئاسان ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس. نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەنسېرى، شۇنچە ئېھتىياتچان بولۇش، تىنچ شارائىتتىمۇ خەۋپ – خەتەرنى ئويلايدىغان كۈلپەت ئېڭى بولۇش كېرەك. پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىشەنچنى مۇستەھكەملەش، جەڭگىۋارلىقنى ئۇرغۇتۇشقا تېخىمۇ موھتاج، بىر مەقسەتتە بولۇش، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا تېخىمۇ موھتاج.

  دۆلەت ئىچىدىن قارىغاندا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھالقىلىق مەزگىلدە تۇرماقتا، بىز جەزمەن خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى كۈرەش نىشانىمىز قىلىپ ھەم ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ھەم ئىدىيەدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىشەنچنى تېخىمۇ ياخشى كۈچەيتىپ، ئەلرايىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، كىشىلەر قەلبىنى تېخىمۇ ياخشى ئىللىتىپ، بىر مەقسەتتە بولۇشنى تېخىمۇ ياخشى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك. خەلقئارادىن قارىغاندا، دۇنيا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلمىگەن زور ئۆزگىرىش دەۋرىدە تۇرماقتا، بىز جەزمەن ھەم جۇڭگو يولى، جۇڭگو ئالاھىدىلىكىنى ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى شەرھلىشىمىز، ھەم دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكى ۋە مەدەنىيەت بىخەتەرلىكىنى ئۈنۈملۈك قوغدىشىمىز كېرەك.

  ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىن قارىغاندا، ئىدىيە، مەدەنىيەت بىر – بىرىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە، قىممەت قارىشى كۆپ مەنبەلىشىپ، كۆپ خىللاشماقتا، بىز جەزمەن تىكلەشنى ئاساس قىلىپ، تىكلەش بىلەن يوقىتىشنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيەنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە يېتەكلەش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ئۇچۇرلاشتۇرۇشنىڭ تەرەققىياتى ۋە يۈزلىنىشىدىن قارىغاندا، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن – تېخنىكا ئىنقىلابى تارقىتىش ئەندىزىسىگە چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى، بىز جەزمەن تورنىڭ تارقىتىش قانۇنىيىتىنى ئىلمىي تونۇپ، تورنى ئىشلىتىش، تورنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرۈپ، ئالاقە تورىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىشچان مىقدارنى ئىشلىرىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاشۇرۇلما مىقدارىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  ‹‹بايراقنى كۆتۈرۈش، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىش››تىن ئىبارەت باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بۇ بۇرچ، ۋەزىپە يېڭى ۋەزىيەتتىكى تەشۋىقات – ئىدىيە سېپىنىڭ شەرەپلىك مەسئۇلىيىتى، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنىڭ تۈپ تەلىپى. بۇ بۇرچ ۋە ۋەزىپىنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇنى تىرىشىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىيىتىدە تۇرۇپ ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ مۇساپىسىدە تۇرۇپ كۆزىتىپ، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى، خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئۈمىدى نۇقتىسىدا تۇرۇپ تونۇشىمىز، ئۇنىڭ تارىخىي مۇقەررەرلىكى ۋە ئىنتايىن مۇھىملىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىشىمىز كېرەك. بۇ بۇرچ ۋە ۋەزىپىنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇنى تىرىشىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە، بەش جەھەتنىڭ ئاددىي تەڭداش مۇناسىۋەت بولماستىن، بەلكى بىر – بىرىگە تايىنىدىغان، بىر – بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئورگانىك پۈتۈنلۈك ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز، ئەمەلىيەت جەريانىدا ئۇنى دەپلا بۇنىڭدىن قۇرۇق قالماسلىقىمىز، بىرىنى تۇتۇپلا باشقىسىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتمەستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ ماسلىشىشچانلىقىغا، باغلىنىشچانلىقىغا، بىر پۈتۈنلۈكىگە ئەھمىيەت بېرىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ ئىگىلىشىمىز، بىرلەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. بۇ بۇرچ ۋە ۋەزىپىنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇنى تىرىشىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، تەلەپلەر بويىچە سېلىشتۇرۇپ، پەرقلەرنى تېپىپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ‹‹سەككىز خىل ماھارەت››نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، قەيسەر، جاسارەتلىك، ئىجادچان بولۇشتەك قىياپەت بىلەن دەۋرگە مۇناسىپ نەتىجىلەرنى يارىتىشىمىز كېرەك.

  تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتى پارتىيەنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پارتىيە قۇرۇلغاندىن بۇيان مۇقەددەس مەسئۇلىيەت ۋە شەرەپلىك بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭخۇا مىللىتى ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قەدەم قويغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە، دەۋر ئاتا قىلغان شەرەپلىك بۇرچ، ۋەزىپىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئادا قىلغاندىلا، تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتى پۈتكۈل خەلقنىڭ غايە – ئېتىقادتا، قىممەت قارىشىدا، ئەخلاق قارىشىدا زىچ ئۇيۇشۇشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشالايدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 – ئاينىڭ 28 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى