تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   يەرلىك چارىلەر

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر قائىدىسى

  (2008 – يىل 5 – ئاينىڭ 29 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3 – يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2018 – يىل 5 – ئاينىڭ 20 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3 –يىغىنىدا ئۆزگەرتىلدى)

 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى (4–نومۇرلۇق)

 ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر قائىدىسى›› 2018 – يىل 5 – ئاينىڭ 20 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى. ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى

  2018 – يىل 5 – ئاينىڭ 20 – كۈنى

  1 – ماددا بۇ قائىدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى (تۆۋەندە دائىمىي كومىتېت دېيىلىدۇ) نىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن، دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

  2 – ماددا دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئورگانىك بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت تۈپ سىياسىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىشى كېرەك.

  3 – ماددا دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر سىياسىي ئاڭ، ئومۇملۇق ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا ۋە ھەرىكەتتە ئاڭلىق ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك. ھەقىقىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەشەببۇس قىلغانغا قەتئىي ئاۋاز قوشۇشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قارار قىلغاننى قەتئىي ئىجرا قىلىشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەنئى قىلغاننى قەتئىي قىلماسلىقى كېرەك.

  4 – ماددا دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، تاش، تۆمۈردە ئىز قالدۇرغۇدەك روھ بىلەن، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىلى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە كەم – كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇشقا، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  5 – ماددا دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئۆگىنىپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار ۋە خەلق قۇرۇلتىيى كەسپىي بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە زۆرۈر بولغان زامانىۋى ئىقتىساد بىلىمى، باشقۇرۇش بىلىمى، پەن – تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىشى كېرەك.

  6 – ماددا دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن – نىزاملارغا نەمۇنىلىك بىلەن رىئايە قىلىشى، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى سۆيۈشى ۋە تىرىشىپ ئىشلىشى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىشى، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىلىق ئۇسۇلىدىن ئاڭلىق پايدىلىنىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشى، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى، تىرىشىپ ئىشلىشى، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىشى كېرەك.

  7 – ماددا دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى، خەلققە ۋاكالىتەن دۆلەت ھاكىمىيىتىنى يۈرگۈزىدىغان سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداش ۋە ئىشقا ئاشۇرۇشنى خىزمەتلەرنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىشى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك.

  8 – ماددا دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر دائىمىي كومىتېت تەشكىللىگەن پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسلىق پارتىيە – ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ئورۇنلاشتۇرغان مۇھىم پائالىيەتلەر، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى ئورۇنلاشتۇرغان ئۆگىنىش ۋە تەستىقلىغان چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشتىن باشقىلىرىدا دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇشى، دائىمىي كومىتېت ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەتلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  9 – ماددا دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر دائىمىي كومىتېتنىڭ ئىش قائىدىسى ۋە باشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى، يىغىن ئىنتىزامىنى قاتتىق ساقلىشى كېرەك. دائىمىي كومىتېت يىغىنى مەزگىلىدە، يىغىن كۈنتەرتىپى ۋە يىغىن رىياسەتچىسىنىڭ تەلىپى بويىچە، تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ، تولۇق پىكىر بايان قىلىشى، باشقا پائالىيەتلەرنى دەپ يىغىننىڭ نورمال ئېچىلىشىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىكى كېرەك.

  10 – ماددا دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر ئالدىن بېرىلگەن يىغىن ماتېرىياللىرىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىشى ھەمدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، يازما قاراپ چىقىش پىكرى تەييارلىشى كېرەك. تەكلىپلەرنى قاراپ چىققاندا، قارالمىلارنى چۆرىدەپ پىكىر بېرىشى ھەمدە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى كېرەك؛ تەكلىپلەرنى ئاۋازغا قويغاندا، ئاۋاز بېرىشكە چوقۇم قاتنىشىشى شەرت، يىغىن رىياسەتچىسى تەكلىپى ئاۋازغا قويۇشنى جاكارلىغاندىن كېيىن، شۇ تەكلىپكە قايتا پىكىر بېرىشكە بولمايدۇ ھەمدە قانۇن بويىچە بېرىلگەن ئاۋاز نەتىجىسىگە بويسۇنۇشى كېرەك.

  11 – ماددا دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا بىنائەن، دائىمىي كومىتېت تەشكىللىگەن قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش، كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە ئىش تەقسىماتى بويىچە قاتنىشىپ، تۈرلۈك دوكلاتلارنى پائال تەييارلاپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلىشىنى ئاساس بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر خىزمەت ھوقۇقىنى كوللېكتىپ يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇشى، دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەتلىرىگە قاتناشقاندا، شەخسلەر كونكرېت مەسىلىلەرنى بىۋاسىتە بىر تەرەپ قىلماسلىقى كېرەك.

  12 – ماددا دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك بولۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاڭلىق رىئايە قىلىشى كېرەك، ۋەزىپىسى، سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ قانۇن ئىجراسىغا، كونكرېت ئەدلىيە دېلولىرىغا ياكى خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش قاتارلىقلارغا ئارىلىشىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ، كىچىك گۇرۇھنىڭ ۋە ئالاھىدە مۇناسىۋىتى بار كىشىلەرنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، يىغىن مەزگىلىدە ۋە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش پائالىيەتلىرىدە مۇناسىۋەت باغلاش، شەخسىي ئىشىنى بېجىرىش، شەكلى ئۆزگەرگەن سودا پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ.

  13 – ماددا دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر مەخپىيەتلىك ساقلاش ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىشى، دۆلەت مەخپىيىتىنى ساقلىشى، ئاشكارىلىماسلىق بەلگىلەنگەن مەزمۇنلارنى ھەرقانداق شەكىلدە تارقاتماسلىقى كېرەك. چەتكە چېتىشلىق پائالىيەتلەردە تاشقى ئىشلار ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىشى، دۆلەتنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتى ۋە مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.

  14 – ماددا دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر دائىمىي كومىتېتنىڭ يىغىن ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، كۈندىلىك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يىغىنغا ۋاقتىدا قاتنىشىشى كېرەك. كېسەل سەۋەبى ياكى باشقا ئالاھىدە سەۋەبلەر بىلەن يىغىنغا قاتنىشالمايدىغان بولسا، ئومۇمەن يىغىن ئېچىلىشتىن بەش كۈن بۇرۇن رۇخسەت سوراش خېتى يېزىپ، دائىمىي كومىتېت ئىش ئاپپاراتى ئارقىلىق دائىمىي كومىتېت مۇدىرىغا تەستىقلىتىشى، تەستىقلانمىسا يىغىنغا قاتنىشىشى كېرەك.

  15 – ماددا دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەزگىلدە، بىرەر سەۋەب بىلەن مەلۇم بىر قېتىملىق يىغىنغا قاتنىشالمايدىغان بولسا، بىر كۈن بۇرۇن رۇخسەت سوراش خېتى يېزىپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ مۇدىرىدىن رۇخسەت سورىشى، رۇخسەت قىلمىسا، يىغىنغا قاتنىشىشى كېرەك.

  16 – ماددا دائىمىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى، گۇرۇپپا يىغىنى، بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىش ئەھۋالىنى ئىش ئاپپاراتى ئىستاتىستىكىلاپ، دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا ۋە ئاخباراتىدا ئېلان قىلىدۇ ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى، بىرلىك سەپ بۆلۈمى ۋە دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر تۇرۇشلۇق ئورۇنلارغا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ. يىغىنغا قاتنىشىش ئەھۋالى، قاراپ چىققاندا سۆز قىلىش ئەھۋالى ۋە يىغىن يېپىق مەزگىلدىكى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئەھۋالى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى باھالاشنىڭ ئاساسى قىلىنىدۇ.

  17 – ماددا دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر مەسئۇلىيىتىنى نورمال ئادا قىلماي، بىر يىل ئىچىدە جەمئىي ئىككى قېتىم دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا قاتنىشالمىسا، دائىمىي كومىتېتنىڭ مۇدىرى ياكى مۇدىر ھاۋالە قىلغان مۇئاۋىن مۇدىر سۆزلىشىدۇ؛ دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا تەستىقلاتماي تۇرۇپ بىر قېتىم قاتناشمىسا ياكى دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا بىر يىل ئىچىدە جەمئىي ئۈچ قېتىم قاتناشمىسا، تەرتىپ بويىچە دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشى كېرەك.دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر تەستىقلاتماي تۇرۇپ، گۇرۇپپا يىغىنىغا، بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا بىر قېتىم قاتناشمىغانلار ياكى بىر يىل ئىچىدە گۇرۇپپا يىغىنىغا، بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشمىغان قېتىم سانى جەمئىي يىغىن قېتىم سانىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىغا يەتكەنلەرمۇ، تەرتىپ بويىچە دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشى كېرەك.

  18 – ماددا مەخسۇس كومىتېت تەركىبىدىكىلەرگە مۇشۇ قائىدە تەتبىقلىنىدۇ.

  19 – ماددا بۇ قائىدە ماقۇللانغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  (تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى