تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   يەرلىك چارىلەر

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كادىرلارنى تەيىنلەش – قالدۇرۇش چارىسى

(1999 – يىل 7 – ئاينىڭ 30 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10 – يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2010 – يىل 12 – ئاينىڭ 1 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22 – يىغىنىدا ئۆزگەرتىلگەن، 2018 – يىل 5 – ئاينىڭ 20 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3 – يىغىنىدا ئۆزگەرتىلدى)

 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى (2–نومۇرلۇق)

 ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كادىرلارنى تەيىنلەش – قالدۇرۇش چارىسى›› 2018 – يىل 5 – ئاينىڭ 20 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى. ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى

  2018 – يىل 5 – ئاينىڭ 20 – كۈنى

  1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

  1 – ماددا بۇ چارە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كادىرلارنى تەيىنلەش – قالدۇرۇش خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇن، يەرلىك تەشكىلىي قانۇن قاتارلىق ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

  2 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يەرلىك دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنى تەيىنلەش – قالدۇرۇش، تەيىنلەش – قالدۇرۇشنى قارار قىلىش، مۇۋەققەت ۋەزىپىگە قويۇشنى قارار قىلىش، تەيىنلەش – قالدۇرۇشنى تەستىقلاش، ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاش، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى سايلىغان ۋە دائىمىي كومىتېت تەيىنلىگەن يەرلىك دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنىڭ ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىقلاردا مۇشۇ چارە تەتبىقلىنىدۇ.

  3 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يەرلىك دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنى تەيىنلەشتە، كادىرنى پارتىيە باشقۇرۇش ۋە دېموكراتىيە مەركەزلەشتۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ، قەتئىي تۈردە قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ئىش كۆرىدۇ.

  2 – باب تەيىنلەش – قالدۇرۇش دائىرىسى

  4 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىق مەزگىلدە، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى مەلۇم سەۋەب بىلەن ۋەزىپە ئۆتىيەلمەي قالغاندا، مۇدىرلار يىغىنىنىڭ نامزات كۆرسىتىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن ۋەزىپىدىكى خادىملىرى ئىچىدىكىلەردىن مۇۋەققەت رەئىس، مۇۋەققەت مۇدىر، مۇۋەققەت مەھكىمە باشلىقى، مۇۋەققەت باش تەپتىشلىككە قويۇش قارار قىلىنىدۇ. مۇئاۋىن ۋەزىپىدە بولمىغان خادىملارنى مۇۋەققەت ۋەزىپىگە قويۇشقا توغرا كەلسە، نامزات كۆرسەتكۈچى ئورگاننىڭ تەكلىپ نامزاتىغا ئاساسەن، مۇدىرلار يىغىنىنىڭ نامزات كۆرسىتىشى بىلەن، ئاۋۋال مۇئاۋىن رەئىس، مۇئاۋىن مۇدىر، مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى، مۇئاۋىن باش تەپتىش قىلىپ تەيىنلەشنى قارار قىلىپ، ئاندىن مۇۋەققەت رەئىس، مۇۋەققەت مۇدىر، مۇۋەققەت مەھكىمە باشلىقى، مۇۋەققەت باش تەپتىشلىككە قويۇش قارار قىلىنسا بولىدۇ. مۇۋەققەت رەئىس، مۇۋەققەت مۇدىر، مۇۋەققەت مەھكىمە باشلىقى، مۇۋەققەت باش تەپتىش خىزمەت ھوقۇقىنى كېيىنكى قېتىملىق ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى رەئىس، مۇدىر، مەھكىمە باشلىقى، باش تەپتىشنى يېڭىدىن سايلاپ چىققۇچە يۈرگۈزىدۇ. قارار قىلىنغان مۇۋەققەت باش تەپتىش ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ.

  5 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىق مەزگىلدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى سالامەتلىكى يار بەرمەي خىزمەت ئىشلىيەلمىگەندە ياكى ئورنى بوش قالغاندا، مۇدىرلار يىغىنىنىڭ نامزات كۆرسىتىشى بىلەن، دائىمىي كومىتېت مۇئاۋىن مۇدىرلار ئىچىدىن بىر كىشىنى مۇۋەققەت مۇدىرلىققا كۆرسىتىدۇ. مۇۋەققەت مۇدىر خىزمەتنى مۇدىرنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگۈچە ياكى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يېڭى مۇدىر سايلاپ چىققۇچە داۋاملاشتۇرىدۇ.

  6 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىق مەزگىلدە، ئاپتونوم رايون رەئىسىنىڭ نامزات كۆرسىتىشى بىلەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئايرىم مۇئاۋىن رەئىسلىرىنى تەيىنلەش – قالدۇرۇش قارار قىلىنىدۇ. ئاپتونوم رايون رەئىسىنىڭ نامزات كۆرسىتىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى، نازىر، كومىتېت مۇدىرى قاتارلىق ھۆكۈمەت تەركىبىدىكىلەرنى تەيىنلەش – قالدۇرۇش قارار قىلىنىدۇ.

  7 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى مۇدىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، ئەزالىرى؛ ۋىلايەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، ئەزالىرى؛ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ۋە ئۇنىڭ ھەرقايسى شى رېۋىزىيە كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، ئەزالىرى تەيىنلىنىدۇ ۋە قالدۇرۇلىدۇ.

  8 – ماددا مۇدىرلار يىغىنىنىڭ نامزات كۆرسىتىشى بىلەن، ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشلىقىنى تەيىنلەش – قالدۇرۇش قارار قىلىنىدۇ.ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى باشلىقىنىڭ تەكلىپى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ۋە ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى، كوللېگىيە باشلىقى، مۇئاۋىن كوللېگىيە باشلىقلىرى، سوت ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى، سوتچىلار؛ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى شۆبە مەھكىمىسى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشلىقلىرى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى، كوللېگىيە باشلىقلىرى، مۇئاۋىن كوللېگىيە باشلىقلىرى، سوت ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى، سوتچىلار تەيىنلىنىدۇ ۋە قالدۇرۇلىدۇ.

  9 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى باش تەپتىشىنىڭ نامزات كۆرسىتىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى شۆبىلىرىنىڭ باش تەپتىشلىرىنى تەيىنلەش – قالدۇرۇش قارار قىلىنىدۇ.ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى باش تەپتىشىنىڭ تەكلىپى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى شۆبە مەھكىمىلىرىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشلىرى، تەپتىش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى، تەپتىشلەر شۇنىڭدەك ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەسىس قىلغان تۈرمە تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ باش تەپتىشلىرى، مۇئاۋىن باش تەپتىشلىرى، تەپتىش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى، تەپتىشلەر؛ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى شۆبە مەھكىمىلىرىنىڭ باش تەپتىشى، مۇئاۋىن باش تەپتىشلىرى، تەپتىش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى، تەپتىشلەر تەيىنلىنىدۇ ۋە قالدۇرۇلىدۇ.

  10 – ماددا ئاپتونوم ئوبلاستلىق، شەھەرلىك ۋە ۋىلايەتكە قاراشلىق ناھىيەلىك، شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ باش تەپتىشى ئاپتونوم ئوبلاستلىق، شەھەرلىك ۋە ناھىيەلىك، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا سايلاپ چىقىلغان ياكى ۋەزىپىدىن قالدۇرۇۋېتىلگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى ئۇنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنىدۇ. تەستىقلانغۇچە ئەسلىدىكى باش تەپتىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىۋېرىدۇ.

  11 – ماددا مۇدىرلار يىغىنىنىڭ نامزات كۆرسىتىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ ئايرىم مۇئاۋىن مۇدىرلىرى ۋە قىسمەن ئەزالىرى تەيىنلىنىدۇ ۋە قالدۇرۇلىدۇ.

  12 – ماددا مۇدىرلار يىغىنىنىڭ نامزات كۆرسىتىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، ئەزالىرى نامزاتى ماقۇللىنىدۇ. ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر ئىچىدىن كۆرسىتىلىدۇ.

  13 – ماددا مۇدىرلار يىغىنىنىڭ نامزات كۆرسىتىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، ئىش ئاپپاراتىنىڭ ۋە خىزمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇدىرلىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ ۋە بىڭتۈەن خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، باش كاتىپلىرى، ئەزالىرى تەيىنلىنىدۇ ۋە قالدۇرۇلىدۇ.

  3 – باب تەيىنلەش – قالدۇرۇش تەرتىپى

  14 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەيىنلەش – قالدۇرۇشىغا، تەيىنلەش – قالدۇرۇشنى قارار قىلىشىغا، مۇۋەققەت ۋەزىپىگە قويۇشنى قارار قىلىشىغا، تەيىنلەش – قالدۇرۇشنى تەستىقلىشىغا، ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاشنى قارار قىلىشىغا، ئىستېپاسىنى تەستىقلىشىغا سۇنۇلىدىغان خادىملار ھەققىدە سۇنغۇچى ئورگان ياكى سۇنغۇچى كىشى دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىلىشتىن 15 كۈن بۇرۇن دائىمىي كومىتېتنىڭ كادىرلارنى تەيىنلەش – قالدۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل ئاپپاراتىغا دۆلەت ئورتاق يېزىقى ۋە ئۇيغۇرچە يېزىقتا يازما تەكلىپ سۇنىدۇ. دائىمىي كومىتېتنىڭ كادىرلارنى تەيىنلەش – قالدۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل ئاپپاراتى قاراپ چىقىشقا سۇنۇلىدىغان تەيىنلەش – قالدۇرۇش تەكلىپى، ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاش تەكلىپىنى يىغىپ مۇدىرلار يىغىنىغا سۇنىدۇ، مۇدىرلار يىغىنى ئۇنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش – سۇنماسلىقنى قارار قىلىدۇ. مۇدىرلار يىغىنى زۆرۈر دەپ قارىسا، سۇنغۇچى ئورگان ياكى سۇنغۇچى كىشى، تەيىنلەنگۈچى، قالدۇرۇلغۇچى، ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلانغۇچىنىڭ ئەھۋالىنى مۇدىرلار يىغىنىغا تونۇشتۇرسا بولىدۇ.

  15 – ماددا تەيىنلەش، تەيىنلەشنى قارار قىلىش، مۇۋەققەت ۋەزىپىگە قويۇشنى قارار قىلىش، تەيىنلەشنى تەستىقلاشقا سۇنۇشتا، تەيىنلەنگۈچىنىڭ ياكى مۇۋەققەت ۋەزىپىگە قويۇلغۇچىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى ۋە سىناش ماتېرىيالى قوشۇمچە قىلىنىدۇ؛ قوشۇۋېتىلگەن، كۆپەيتىپ قۇرۇلغان ۋە نامى ئۆزگەرگەن ئاپپاراتلارنىڭ خادىملىرىنى تەيىنلەشكە سۇنۇشتا، يۇقىرىنىڭ تەستىق ھۆججىتى قوشۇمچە قىلىنىدۇ؛ ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش، قالدۇرۇشنى قارار قىلىش، قالدۇرۇشنى تەستىقلاشقا سۇنۇشتا قالدۇرۇلغۇچىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى ۋە قالدۇرۇش سەۋەبى توغرىسىدىكى ماتېرىيال قوشۇمچە قىلىنىدۇ؛ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاشنى قارار قىلىشقا سۇنۇشتا، ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلانغۇچىنىڭ ئالاقىدار ماتېرىيالى قوشۇمچە قىلىنىدۇ؛ ۋەزىپىدىن ئىستېپا بېرىشتە، شۇ كىشى دائىمىي كومىتېتقا يازما ئىلتىماس سۇنىدۇ؛ ئىستېپانى تەستىقلاشقا سۇنۇشتا، ئىستېپا سورىغۇچىنىڭ ئىلتىماسى ۋە تەڭ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ياكى دائىمىي كومىتېتنىڭ ئىستېپانى قوبۇل قىلىش قارارى قوشۇمچە قىلىنىدۇ.

  16 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىنى تەيىنلەش – قالدۇرۇش تەكلىپى، ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاش تەكلىپىنى قاراپ چىققاندا، سۇنغۇچى ئورگان، سۇنغۇچى كىشى ياكى ئۇ ھاۋالە قىلغان ئالاقىدار تارماقنىڭ مەسئۇلى يىغىنغا كېلىپ ئەھۋال تونۇشتۇرىدۇ، پىكىرلەرنى ئاڭلايدۇ، سوئاللارغا جاۋاب بېرىدۇ.

  17 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ياكى خەلق ئاممىسىنىڭ تەيىنلەشكە كۆرسىتىلگۈچىنىڭ مەسىلىسىنى پاش قىلىپ، ئەھۋالنى ئىنكاس قىلىپ يازغان ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋالغاندا ياكى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر تەيىنلەنگۈچىدە يەنىمۇ ئىگىلەشكە تېگىشلىك مەسىلە بار دەپ قارىغاندا، مۇدىرلار يىغىنىنىڭ قارارى بىلەن، سۇنغۇچى ئورگان ياكى سۇنغۇچى كىشى دائىمىي كومىتېتقا يازما دوكلات قىلىدۇ ۋە ياكى دائىمىي كومىتېتنىڭ كادىرلارنى تەيىنلەش – قالدۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل ئاپپاراتى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىنى ئىگىلەپ يازما دوكلاتنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ كېيىنكى يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنىدۇ.

  18 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر تەيىنلىنىدىغان، قالدۇرۇلىدىغان ئايرىم نامزاتلار ئۈستىدە بىردەك پىكىرگە كېلەلمىسە، مۇدىرلار يىغىنى ۋاقتىنچە ئاۋازغا قويماسلىقنى قارار قىلىدۇ. ئاۋازغا قويۇشتىن بۇرۇن، سۇنغۇچى ئورگان ياكى سۇنغۇچى كىشى كادىرلارنى تەيىنلەش – قالدۇرۇش تەكلىپىنى قايتۇرۇۋېلىشنى يازما ئوتتۇرىغا قويسا، دائىمىي كومىتېت يىغىنى بۇ تەكلىپنى قاراپ چىقىشنى توختىتىدۇ.

  19 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى كادىرلارنى تەيىنلەش – قالدۇرۇش تەكلىپى، ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاش تەكلىپىنى ماقۇللاشتا، نامسىز بېلەت تاشلاش (جۈملىدىن ئېلېكتىرونلۇق ئاۋاز بەرگۈدە ئاۋاز بېرىش) ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، باشقا ئۇسۇل قوللىنىلسىمۇ بولىدۇ. دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر تەيىنلەش – قالدۇرۇشقا سۇنۇلغان نامزاتقا قوشۇلۇپ ئاۋاز بەرسىمۇ، قارشى ئاۋاز بەرسىمۇ ياكى ھوقۇقىدىن ۋاز كەچسىمۇ بولىدۇ. كادىرلارنى تەيىنلەش – قالدۇرۇش تەكلىپى، ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاش تەكلىپى دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى بارلىق خادىملارنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ماقۇللىنىدۇ. ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىنى يىغىن رىياسەتچىسى نەق مەيداندا جاكارلايدۇ.

  20 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ ئايرىم مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، ئەزالىرى، دائىمىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، ئىش ئاپپاراتىنىڭ ۋە خىزمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇدىرلىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، باش كاتىپى، نازىرلار، كومىتېت مۇدىرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، ۋىلايەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىرلىرى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، بىڭتۈەننىڭ ھەرقايسى شى رېۋىزىيە كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى، ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشلىقلىرى ۋە بىڭتۈەن شۆبە مەھكىمىلىرىنىڭ باشلىقلىرى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى شۆبە مەھكىمىلىرىنىڭ باش تەپتىشلىرى، بىڭتۈەن خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ باش تەپتىشلىرى، مۇئاۋىن باش تەپتىشلىرىنى تەيىنلەش – قالدۇرۇش ئايرىم ئاۋازغا قويۇلىدۇ.يەرلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ باشقا خادىملىرىنى تەيىنلەش – قالدۇرۇشنى تۈرگە ئايرىپ بىراقلا ئاۋازغا قويۇشقا بولىدۇ. دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ بىراقلا ئاۋازغا قويۇلىدىغان تەيىنلەش – قالدۇرۇش تەكلىپىدىكى ئايرىم نامزاتقا پىكرى بولسا، شۇ نامزات ئايرىم ئاۋازغا قويۇلسا بولىدۇ.

  21 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەيىنلەشنى قارار قىلىشىغا سۇنۇلغان نامزات ماقۇللانمىسا، خىزمەت ئېھتىياجى ۋە شۇ كىشىنىڭ شەرتىگە قاراپ، سۇنغۇچى كىشى دائىمىي كومىتېتنىڭ كېيىنكى قېتىملىق يىغىنىغا نامزاتلىققا داۋاملىق كۆرسەتسە بولىدۇ. دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا ئۇدا ئىككى قېتىم ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللانمىغانلارنى ئوخشاش بىر ۋەزىپىگە يەنە نامزات قىلىپ كۆرسىتىشكە بولمايدۇ.

  22 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يەرلىك دۆلەت ئورگىنىنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن خادىملىرىغا تەيىننامە بېرىدۇ. تەيىننامىگە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئىمزا قويىدۇ.تۆۋەندىكى خادىملارغا تەيىننامە بېرىلمەيدۇ: ئاپتونوم رايوننىڭ مۇۋەققەت رەئىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇۋەققەت مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇۋەققەت باش تەپتىشى، تەيىنلەش تەستىقلانغان ئاپتونوم ئوبلاستلىق، شەھەرلىك ۋە ۋىلايەتكە قاراشلىق ناھىيەلىك، شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ باش تەپتىشلىرى.

  23 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەيىنلەيدىغان، قالدۇرىدىغان ۋە ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاشنى قارار قىلىدىغان يەرلىك دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا ماقۇللىنىشتىن بۇرۇن ۋەزىپىگە ئولتۇرسا، ۋەزىپىدىن ئايرىلسا ۋە سىرتقا ئېلان قىلىنسا بولمايدۇ.

  24 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەيىنلىگەن، قالدۇرغان ياكى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىغان يەرلىك دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنىڭ ئىسىملىكى ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىدۇ ھەمدە ھۆججەت ئارقىلىق سۇنغۇچى ئورگان ياكى سۇنغۇچى كىشىگە ئۇقتۇرۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ھۆججەت ئالاقىدار ئورگانلارغا قوشۇمچە ئەۋەتىلىدۇ.

  25 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ماقۇللىغان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى ۋە ئەزالىرى، تەيىنلەشنى قارار قىلغان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى، نازىرلار، كومىتېت مۇدىرلىرى، ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن ۋىلايەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىرلىرى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەرقايسى شى رېۋىزىيە كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىرلىرى، ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشلىقلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى شۆبە مەھكىمىسىنىڭ ۋە بىڭتۈەن ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشلىقلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى شۆبە مەھكىمىلىرىنىڭ باش تەپتىشلىرى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ۋە شۆبە تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ باش تەپتىشلىرىنى نۆۋەت ئالماشقاندىن كېيىن، ئايرىم – ئايرىم ھالدا مۇدىرلار يىغىنى ياكى سۇنغۇچى ئورگان ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى بىر نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىپ ۋەزىپىگە تەيىنلىشىگە قايتا سۇنىدۇ.ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى نۆۋەت ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، دائىمىي كومىتېت تەيىنلىگەن يەرلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ باشقا خادىملىرىنىڭ ۋەزىپىسىدە ئۆزگىرىش بولمىسا، قايتىدىن تەيىنلەنمەيدۇ.

  26 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەيىنلىگەن، تەيىنلەشنى قارار قىلغان، تەيىنلەشنى تەستىقلىغان يەرلىك دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى ئۆزى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئورگاننىڭ نامى ئۆزگەرگەن ياكى شۇ ئورگان ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، بىرلەشتۈرۈۋېتىلگەندە، ئەسلىي ۋەزىپىسىدىن ئۆزلۈكىدىن قالىدۇ، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش رەسمىيىتى بېجىرىلمەيدۇ، ئۇنى ئەسلىي سۇنغۇچى ئورگان ياكى سۇنغۇچى كىشى دائىمىي كومىتېتقا ئەنگە ئالدۇرىدۇ. نامى ئۆزگەرگەن ياكى بىرلەشتۈرۈۋېتىلگەندىن كېيىنكى ئاپپاراتلاردىكى يەرلىك دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنى سۇنغۇچى ئورگان ياكى سۇنغۇچى كىشى دائىمىي كومىتېتنىڭ قايتىدىن تەيىنلىشىگە سۇنىدۇ.

  27 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەيىنلىگەن يەرلىك دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنىڭ خىزمىتىدە ئۆزگىرىش بولغاندا ياكى ۋەزىپە ئۆتەش يېشى توشۇپ قالغاندا، سۇنغۇچى ئورگان ياكى سۇنغۇچى كىشىنىڭ تەكلىپى بىلەن دائىمىي كومىتېت ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغاندىن كېيىن، ۋەزىپىدىن ئايرىلىش ياكى پېنسىيەگە چىقىش رەسمىيىتى بېجىرىدۇ. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ۋاپات بولغان بولسا، ئەسلىي تەيىنلەشكە سۇنغان ئورگان دائىمىي كومىتېتقا ۋاقتىدا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

  28 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەيىنلىگەن يەرلىك دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنىڭ نىسپىي مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك. ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشقۇچە، ئومۇمەن ئۆزگەرتمەسلىك كېرەك. خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن ئايرىملىرىنى ھەقىقەتەن تەڭشەشكە توغرا كەلگەندە، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ئىش كۆرۈش كېرەك.

  4 – باب ئىستېپا سوراش، ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاش

  29 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىق مەزگىلدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى دائىمىي كومىتېتتىن ئىستېپا سورىسا بولىدۇ، ئىستېپانى قوبۇل قىلىش – قىلماسلىقنى دائىمىي كومىتېت يىغىنى قارار قىلىدۇ. دائىمىي كومىتېت ئىستېپانى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېيىنكى قېتىملىق يىغىنىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى ئارقىلىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنىدۇ.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى باش تەپتىشىنىڭ تەكلىپ بىلەن، دائىمىي كومىتېت ئاپتونوم ئوبلاستلىق، شەھەرلىك ۋە ۋىلايەتكە قاراشلىق ناھىيەلىك، شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى باش تەپتىشلىرىنىڭ ئىستېپاسىنى تەستىقلايدۇ.

  30 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ئورگىنى، رېۋىزىيە ئورگىنى، سوت ئورگىنى ۋە تەپتىش ئورگىنىدا ۋەزىپە ئۆتىسە بولمايدۇ. ئەگەر يۇقىرىقى ۋەزىپىلەرنى ئۆتىسە، دائىمىي كومىتېتتىن دائىمىي كومىتېتتىكى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا سورىشى شەرت.

  31 – ماددا مۇدىرلار يىغىنىنىڭ تەكلىپى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ ئايرىم مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، ئەزالىرىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش قارار قىلىنىدۇ.

  32 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىق مەزگىلدە، ئاپتونوم رايون رەئىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئايرىم مۇئاۋىن رەئىسلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى، نازىرلار، كومىتېت مۇدىرلىرىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش قارار قىلىنىدۇ.

  33 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى مۇدىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، ئەزالىرى؛ ۋىلايەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتلىرى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ۋە ئۇنىڭ ھەرقايسى شى رېۋىزىيە كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىرلىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، ئەزالىرىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش قارار قىلىنىدۇ.

  34 – ماددا مۇدىرلار يىغىنىنىڭ تەكلىپى بىلەن، ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشلىقلىرىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش قارار قىلىنىدۇ.ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى باشلىقىنىڭ تەكلىپى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ، ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى، سوت ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى، كوللېگىيە باشلىقلىرى، مۇئاۋىن كوللېگىيە باشلىقلىرى، سوتچىلارنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش قارار قىلىنىدۇ؛ يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى بىڭتۈەن شۆبە مەھكىمىلىرىنىڭ ۋە بىڭتۈەن ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشلىقلىرى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى، سوت ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى، كوللېگىيە باشلىقلىرى، مۇئاۋىن كوللېگىيە باشلىقلىرى، سوتچىلارنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش قارار قىلىنىدۇ.ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى باشلىقىنىڭ تەكلىپى بىلەن، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، شەھەرلىك ۋە ۋىلايەتكە قاراشلىق ناھىيەلىك، شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشلىقلىرىنى ئالماشتۇرۇۋېتىش تەستىقلىنىدۇ.

  35 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى باش تەپتىشىنىڭ تەكلىپى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشلىرى، تەپتىش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى، تەپتىشلەرنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش قارار قىلىنىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى شۆبە مەھكىمىلىرىنىڭ باش تەپتىشلىرى، مۇئاۋىن باش تەپتىشلىرى، تەپتىش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى، تەپتىشلەرنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش قارار قىلىنىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەسىس قىلغان تۈرمە تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ باش تەپتىشلىرى، مۇئاۋىن باش تەپتىشلىرى، تەپتىش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى، تەپتىشلەرنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش قارار قىلىنىدۇ؛ بىڭتۈەن خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ۋە بىڭتۈەن خەلق تەپتىش مەھكىمىسى شۆبە مەھكىمىلىرىنىڭ باش تەپتىشلىرى، مۇئاۋىن باش تەپتىشلىرى، تەپتىش ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى، تەپتىشلەرنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش قارار قىلىنىدۇ.ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى باش تەپتىشىنىڭ تەكلىپى بىلەن، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، شەھەرلىك ۋە ۋىلايەتكە قاراشلىق ناھىيەلىك، شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ باش تەپتىشلىرىنى ئالماشتۇرۇۋېتىش تەستىقلىنىدۇ.

  36 – ماددا مۇدىرلار يىغىنىنىڭ تەكلىپى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، ئىش ئاپپاراتى ۋە خىزمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش قارار قىلىنىدۇ.

  37 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەردىن بەشتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكى بىرلىشىپ، دائىمىي كومىتېت تەيىنلىگەن يەرلىك دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاش ھەققىدە يازما تەكلىپ بەرسە بولىدۇ، بۇنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش – سۇنماسلىقنى مۇدىرلار يىغىنى قارار قىلىدۇ. مۇدىرلار يىغىنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلغان بولسا، ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلانغۇچى يىغىنغا كېلىپ پىكىر بايان قىلسا ياكى يازما پىكىر بەرسە بولىدۇ؛ مۇدىرلار يىغىنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنماسلىقنى قارار قىلغان بولسا، تەكلىپ بەرگەن دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرگە ئىزاھات بېرىدۇ.

  38 – ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەيىنلىگەن يەرلىك دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن مەمۇرىي چارە كۆرۈلگەنلىرىنى بىر تەرەپ قىلغۇچى ئورگان دائىمىي كومىتېتقا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

  5 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

  39 – ماددا بۇ چارە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  (تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى