تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

مېھىر – مۇھەببەت، ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، پارتىيە ئەزاسىنىڭ خىسلىتىنى نامايان قىلىش

  ــــ جىمىسار ناھىيەسى مەنچېڭ يولى مەھەللىسىدىكى پارتىيە ئەزاسى باغىگۈل نېغمەت توغرىسىدا

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ليۇ يۇڭ

  باغىگۈل نېغمەت جىمىسار ناھىيەسى مەنچېڭ يولى مەھەللىسىنىڭ كادىرى بولۇپ، بۇ يىل 44 ياش. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئۇ پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كۈچىنىڭ بارىچە ئىجتىمائىي خەيىر – ساخاۋەت ئىشلىرىنى قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا دائىم كۆڭۈل بۆلدى ۋە ياردەم بەردى. ئۇ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ قىيىنچىلىقى بار 11 ئائىلە بىلەن تۇغقان بولۇپ، قىيىنچىلىقى بار 400دىن ئارتۇق ئائىلىگە ياردەم بېرىپ، ئومۇمىي قىممىتى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلىپ، 2016 – يىلى جىمىسار ناھىيەسى بويىچە 4 – نۆۋەتلىك ‹‹بېيتىڭنى تەسىرلەندۈرگەن شەخس›› بولۇپ باھالاندى.

  مېھىر – مۇھەببەتتىن شەكىللەنگەن ئىللىق ئېقىن

  باغىگۈل نېغمەت جىمىسار ناھىيەسىنىڭ سەنتەي بازىرىدىن بولۇپ، 1997 – يىلى شىنجاڭ كەسپىي داشۆسىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، جىمىسار بازارلىق ھۆكۈمەتتە ئىشلىگەن، خەلق ئىشلىرى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغاچقا، ئۇنىڭ ئەڭ كۆپ ئۇچرىشىدىغىنى ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ئىدى.

  2002 – يىلى، باغىگۈل نېغمەت ئاممىدىن ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا ليۇ گوچۈن ئەر – خوتۇننىڭ كېرەكسىز نەرسىلەرنى يىغىپ سېتىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. بۇ بىر جۈپ ياشانغان ئەر – خوتۇن قېرىغاندا ئوغلىدىن ئايرىلىپ قالغاچقا، ياشاش ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ قويايلا دەپ قالغانىدى. باغىگۈل نېغمەت ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئىلىش كۈنلىرىدە ۋە ھېيت – بايراملاردا ئۇلارنى يوقلاپ بېرىپ، چاچلىرىنى يۇيۇپ – تاراپ قوياتتى، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرەتتى. بۇلتۇر 9 – ئايدا، باغىگۈل نېغمەت ئۇلارنى يۇرتى خېنەن ئۆلكىسىگە بىللە ئاپىرىپ، 40 نەچچە يىللىق ئارزۇسىغا يەتكۈزدى.

  2004 – يىلى، باغىگۈل نېغمەت ئائىلىلەرگە بېرىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، 75 ياشلىق ما كېمىڭ بىلەن تونۇشۇپ قالدى. ما كېمىڭ يالغۇز بولغاچقا، تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا قالغانىدى، ئۇ ئۇزاق يىل تەنھا ياشىغاچقا، سۆزلەش ئىقتىدارىنى ئاساسەن يوقىتىپ قويغانىدى. باغىگۈل نېغمەت ئۇنىڭغا تۆۋەن كاپالەت پۇلى ۋە ئەمىن ئۆي ئىلتىماس قىلىپ بېرىپ، ئۇنى ئىللىق ئۆيگە ئىگە قىلدى. قىش كەلگەندە، يەنە ئۆزىنىڭ مائاشىدىن چىقىرىپ، ما كېمىڭنىڭ پار پۇلىنى تۆلەپ بەردى. باغىگۈل نېغمەت يەنە ئارىلاپ – ئارىلاپ ئۇنىڭغا تاماق ئاپىرىپ بېرىپ، ئۆيلىرىنى تازىلاپ، يوتقان – كۆرپىلىرىنى يۇيۇپ بەردى، ما كېمىڭ ھەردائىم تەسىرلەنگەنلىكىدىن كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالاتتى.

  ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، باغىگۈل نېغمەت مىللىتى ئوخشاش بولمىغان 11 ياشانغان كىشىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ كەلدى، ناتونۇش كىشىدىن ئۇرۇق – تۇغقاندەك بولغۇچە، ئۇ مېھرىبانلىق، سەمىمىيلىك ۋە سەۋرچانلىق بىلەن ياشانغانلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى.

  ‹‹ئۇلارغا ياردەم بېرىش باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىم››

  2015 – يىلىنىڭ ياز كۈنلىرىدىكى مەلۇم بىر كېچىدە قاتتىق يامغۇر يېغىپ كەتتى. ئەمدىلا ئۇخلاشقا تەييارلانغان باغىگۈل نېغمەت مەھەللە ئاھالىسى جاڭ شياۋخۇا موماينىڭ كونا ئۆيدە ئولتۇرىدىغانلىقى، قىزىنىڭ كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتكەنلىكى، ئېرى كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى تۇيۇقسىز خىيالىغا كەلتۈرۈپ، ئۇ يالغۇز تۇرسا، بىرەر خەتەر كۆرۈلۈپ قالارمۇ، دەپ ئەنسىرىدى. باغىگۈل نېغمەت شېرىن ئۇيقۇغا كەتكەن ئېرىنى ئويغىتىپ، ئىككىيلەن جاڭ شياۋخۇانىڭ ئۆيىگە باردى. ئۇنىڭ ئۆيىدىن يامغۇر ئۆتۈپ كېتىپ يوتقان – كۆرپىلەرنى ھۆل قىلىۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، موماينى مېھمانسارايغا ئورۇنلاشتۇردى ھەم موماينىڭ قىزىغا تېلېفون بېرىپ، موماينىڭ ساق – سالامەت ئىكەنلىكىنى يەتكۈزدى. باغىگۈل نېغمەتنىڭ ياردىمىدە، جاڭ شياۋخۇا جىمىسار ناھىيەلىك ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە كىردى، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم بار بولدى.

  سىرتتىن ئىشلەمچىلىك قىلغىلى كەلگەن يەن پېيشيانىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە، ئىش ئورنىدىن قالغان ئايال ئىشچى شۈ جىنپىڭنىڭ ئوغلىنىڭ داشۆدە ئوقۇش ئارزۇسىغا يېتىشىگە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش... ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، باغىگۈل نېغمەت ئايدا يېنىدىن نەچچە يۈز يۈەن، ھەتتا بىر ئايلىق مائاشىنىڭ ھەممىسىنى چىقىرىپ باشقىلارغا ياردەم بەردى، ئېرى ئەلى سىماغۇل ئۇنىڭغا نارازى بولماي، يەنە ئۆزىنىڭ مائاشىنىمۇ بەردى، پېنسىيەگە چىققان قېيىنئاتىسىمۇ ئوچۇق قوللۇق بىلەن نەچچە ئون مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى.

  باغىگۈل نېغمەت مۇنداق دېدى: ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقى ئېغىر، ئۇلارغا ياردەم بېرىش باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىم.

  مېھىر – مۇھەببەت يەتكۈزۈش توختاپ قالمايدۇ

  2017 – يىلى 4 – ئايدا، باغىگۈل نېغمەت خىزمەت ئىشخانىسى قۇردى.

  جىمىسار ناھىيەسى مەنچېڭ يولى مەھەللىسىنىڭ خادىمى لى لۇ مۇنداق دېدى: باغىگۈل نېغمەتنىڭ تەسىرىدە، ئۇ ياردەم بەرگەنلەرمۇ مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش كوللېكتىپىمىزغا قوشۇلۇپ، ياردەمگە تېخىمۇ ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە بىرلىكتە ياردەم بەردى.

    55 ياشلىق يەن پېيشيا بېيتىڭ يېزىسى غەربىي دەرۋازا كەنتىدە 450 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان تاللا بازىرى ئاچتى، بۇنىڭدىن 12 يىل ئىلگىرىكى قاڭالتىر بىلەن ياسالغان كۆكتات دۇكىنىنى تىلغا ئالغاندا، ئۇ ھېلىھەم خۇرسىناتتى. ئەينى چاغدا، يەن پېيشيانىڭ ئېرى كېسەل سەۋەبىدىن تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتتى، ئۇنىڭ مۇقىم كىرىمى يوق، ئىككى بالىسى ئوقۇۋاتقان بولغاچقا، ئەسلىدە بەختلىك ياشاۋاتقان بۇ ئائىلە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. باغىگۈل نېغمەت بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، يېنىدىن 20 مىڭ يۈەنگە يېقىن پۇل چىقىرىپ، يەن پېيشيانىڭ كۆكتات دۇكىنى ئېچىپ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بەردى، يەنە بالىلىرىنىڭ ئوقۇش پۇلىنى تۆلەپ بەردى، ئۇنىڭ تۆۋەن كاپالەت پۇلى ئىلتىماس قىلىشىغا ياردەم بەردى.

    ھازىر نامراتلىقتىن قۇتۇلغان يەن پېيشيامۇ مەنچېڭ يولى مەھەللىسى پىدائىيلار مۇلازىمەت كوللېكتىپىغا قاتنىشىپ، باغىگۈل خىزمەت ئىشخانىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، باغىگۈل نېغمەت باشلامچىلىقىدىكى مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش كوللېكتىپىغا ئەگىشىپ، قىيىنچىلىقى بار ئون نەچچە ئائىلىگە مېھرىبانلىق ۋە ئىللىقلىق يەتكۈزمەكتە.

  ـــ مەن بىر كومپارتىيە ئەزاسى، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەمدە ئۆزۈمگە تەلەپ قويۇشۇم كېرەك، ــ دېدى باغىگۈل نېغمەت. ھازىر مەنچېڭ يولى مەھەللىسىدە ئايال پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قاتارلىق سەككىز پىدائىيلار ئەترىتى قۇرۇلدى، پىدائىي 500دىن ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى