شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۈرۈمچى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى تېلېگراممىسى. ئاپتونوم رايونىمىز قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ساياھەتچىلىكنىڭ بېسىق مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى، ئاپتونوم رايونىمىز جەمئىي كۈتۈۋالغان ساياھەتچى سانى 8 مىليون 443 مىڭ 100 ئادەم (قېتىم) گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40.32 ئاشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 8-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت ئومۇمىي ئىستېمال سوممىسى 11 مىليارد 976 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %42.23 ئاشقان، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىستېمال سوممىسى 1418.42 يۈەن بولغان.