تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ مۇھىم ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش سۇپىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولايلى

  ــــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹بىربەلباغ، بىريول›› قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكىنىڭ بەش يىللىقى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  ‹‹دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگەندىلا، تەرەققىياتتىن نەپكە ئېرىشەلەيمىز››.

  بەش يىل ئىلگىرىكى كۈز كۈنلىرىدە، رەئىس شى جىنپىڭ غەربتە قازاقىستانغا، جەنۇبتا ھىندونېزىيەگە بېرىپ، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21 – ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنى ئورتاق قۇرۇشنى، يەنى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بەش يىلدىن بۇيان، بۇ مۇھىم، زور تەشەببۇس دۇنيا ئومۇمىي ۋەزىيىتى ۋە دەۋر تەلىپىگە ماسلىشىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتنى تېزلىتىش ئورتاق ئارزۇسىغا ماسلىشىپ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەتنىڭ قىزغىن ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى.

  8 – ئاينىڭ 27 – كۈنى ئېچىلغان ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكىنىڭ بەش يىللىقى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، بەش يىلدىن بۇيانقى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇشتا قولغا كەلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى سىستېمىلىق يەكۈنلەپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇشتا دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ مۇھىم سۆزدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، ئومۇمىيەت بىرتۇتاش ئىگىلەنگەن بولۇپ، سۆزنىڭ ئىدىيەسى چوڭقۇر، مەزمۇنى مول، ئۇ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى تۈپ مىزانغا ئىگە قىلدى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشقا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى.

  بەش يىللىق قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەش، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش دۇنيا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشتى. بۇ يىل 7 – ئايغىچە، دۇنيا بويىچە 100دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات جۇڭگو بىلەن ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىدى، ئىمزالاش دائىرىسى ئاسىيا – ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب رايونى، جەنۇبىي تىنچ ئوكيان رايونىغىچە كېڭەيدى. بەش يىلدىن بۇيان، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش دۆلىتىمىزنىڭ سودا، سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېچىۋېتىش بوشلۇقىنىڭ دېڭىز بويى، دەريا بويىدىن ئىچكى قۇرۇقلۇق، چېگرا بويىغىچە كېڭىيىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئىچى – سىرتى ھەمتۈرتكە بولىدىغان، شەرق بىلەن غەرب قوش يۆنىلىشتە ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى؛ بىزنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››غا ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بولغان مال سودا سوممىمىز جەمئىي 5 تىرىليون دوللاردىن، چەت ئەلگە بىۋاسىتە سالغان مەبلىغىمىز 60 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ، شۇ جايلارغا 200 مىڭدىن ئارتۇق ئىش ئورنى يارىتىپ بەردى، دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەلگە سالغان مەبلىغى دۇنيا بويىچە چەت ئەلگە سېلىنىدىغان بىۋاسىتە مەبلەغنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم موتورغا ئايلاندى. خۇددى خەلقئارا زاتلار كۆرسەتكەندەك، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ئۈچۈنمۇ مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

  بەش يىلدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە يېڭى تۆھپە قوشتى. تىنچ ھەمكارلىشىش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆرنەك ئېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئېلىش يادرو قىلىنغان يىپەك يولى روھىدا چىڭ تۇرۇشتىن دىققەتنى سىياسەتتە ئورتاقلىشىش، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، كىشىلەر قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشقىچە يەنە قول تۇتۇشۇپ يېشىل يىپەك يولى، ساغلام يىپەك يولى، ئەقلىي يىپەك يولى، تىنچ يىپەك يولى بەرپا قىلىشقىچە، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى ئوخشاشمىغان رايون، ئوخشاشمىغان تەرەققىيات باسقۇچى، ئوخشاشمىغان مەدەنىيەتتىن ھالقىدى، ئۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان ھەمكارلىق سۇپىسى، شۇنداقلا تەرەپلەر ئورتاق بەرپا قىلغان دۇنيا خاراكتېرلىك ئاممىۋى مەھسۇلاتتۇر. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ ئىچكى تەلىپىگە ماسلىشىپ، جاپا – مۇشەققەتتە ھەمدەم بولىدىغان، ھوقۇق – مەسئۇلىيەتنى ئورتاق زىممىسىگە ئالىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى نامايان قىلىپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى يېڭى تەپەككۇر، يېڭى لايىھە بىلەن تەمىنلىدى.

  ‹‹دەسلىپىدە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتالمىغان كىچىك ئىشلار كېيىنچە تەرەققىي قىلىپ زور تەسىر پەيدا قىلالايدۇ››. بۈگۈنكى كۈندە، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى بۇ قۇرۇلۇشقا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنى زىچ باغلاپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشقا كۈچەپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ ياخشى ئورتاق بەھرىمەن قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، تەڭپۇڭ، تەڭ پايدا ئالىدىغان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش دۆلىتىمىزنىڭ دۇنياۋى ئوچۇق ھەمكارلىققا قاتنىشىش، دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ياخشىلاش، دۇنيا بويىچە ئورتاق تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى جۇڭگو لايىھەسىگە ئايلانماقتا. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ مۇھىم، زور تەشەببۇسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش ئالاقىدار ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى غايەت زور ھەمكارلىق سۇپىسىغا، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ مۇھىم ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش سۇپىسىغا ئايلاندى.

  ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇش دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ گۈزەل ئارزۇسى. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇشنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش سۇپىسى قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئورتاق كۈرەش قىلغاندا، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش چوقۇم ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىدۇ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش نىشانىغا چوقۇم يەتكىلى بولىدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 – ئاينىڭ 27 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى