تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

قابا ناھىيەسىدە قورۇما قورۇشنى ئۆگىنىش بويىچە كۇرس ئېچىلدى

  ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ۋېي زىيۈن، شۈ جىڭ، ئانار خەۋىرى: كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى ۋە ساغلاملىق سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، قابا ناھىيەسى كۆلباي يېزىسى تاشقارا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنى تەشكىللەپ، كەنت كومىتېتىدا قورۇما قورۇشنى ئۆگىنىش بويىچە كۇرس ئاچتى.

  تاشقارا كەنتىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، جەمئىي 97 ئائىلىلىك 337 نوپۇس بار، كەنت ئاھالىلىرى ئەتىگەندە ئەتكەن چاي، نان، بوغۇرساق قاتارلىقلار بىلەن ناشتا قىلىدۇ، بىر كۈندە ئۈچ ۋاق ئەتكەن چاي ئىچىشكە، گۆشلۈك، خېمىرلىق تاماقلارنى يېيىشكە ئادەتلەنگەن، سەي-كۆكتاتلارنى ئىنتايىن ئاز يەيدۇ. ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكنى ھەقسىز تەكشۈرتۈش پائالىيىتىدە كەنت ئاھالىلىرىدە قاندا ماي كۆپ بولۇش، يۇقىرى قان بېسىمى قاتارلىق كېسەللەر بىرقەدەر كۆپ بايقالغان بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ساغلام يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنى تەشكىللەپ، كەچلىك دېھقان-چارۋىچىلار كۇرسى ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، قورۇما قورۇشنى ئۆگىنىش بويىچە كۇرس ئاچتى. بۇ قېتىملىق كۇرستا كەنت ئاھالىلىرى ماھارەت ئۆگىنىپلا قالماي، ساغلاملىق ئېڭىنىمۇ كۈچەيتتى، بۇ كۇرس كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى