ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز جاڭ خۇييۇڭ، ۋاڭ ۋېنشىن خەۋىرى: بۈگۈر ناھىيەسى بۈگۈر بازىرىنىڭ يىغىنباغ كەنتىدىكى چارۋىچى جۈمە ئابلەت 8-ئاينىڭ 26-كۈنى ھاياجانلانغان ھالدا: خىزمەت ئەترىتىنىڭ ماڭا ياردەم قىلىپ تۆگە سۈتى ساتىدىغان جاينى ئالاقىلىشىپ بەرگىنىگە رەھمەت، ھازىر مەن كۈندە تۆگە سۈتى سېتىپ 200-500 يۈەنگىچە كىرىم قىلىۋاتىمەن،-دېدى.
جۈمە ئابلەت بۈگۈر ناھىيەسى بۈگۈر بازىرىنىڭ يىغىنباغ كەنتىدە تۆگە باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئۇ ئاساسلىقى تۆگە سۈتى ۋە يېتىلگەن تۆگىلەرنى سېتىشتىن كىرىم قىلىدۇ، يىللىق كىرىمى 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق.
بۈگۈر ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۈگۈر بازىرى يىغىنباغ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بۇ يەرگە كەلگەندىن بۇيان، كەنتتىكى تۆگە باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغانلارنىڭ باقمىچىلىق كۆلىمىنى ئىگىلەپ، تۆگە بېقىش جەريانىدا ئۇچرىغان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلدى. ئۈندىدار سۇپىسى، دوستلار چەمبىرىكى قاتارلىقلار ئارقىلىق باقمىچىلارنىڭ تۆگە سۈتى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.