تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

مۇۋاپىق ئارىلىق ساقلاش ئەر-ئايالنى بەختكە ئېرىشتۈرىدۇ

ماتېرىيال سۈرەت

    ئەنگلىيە كامبرىج داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بۇللونىڭ قارىشىچە، ئېستېتىكا پائالىيىتىدە سۇبيېكىت بىلەن ئوبيېكىت ئوتتۇرىسىدا بەلگىلىك پسىخىكىلىق ئارىلىق بولۇشى كېرەك ئىكەن. ئارىلىق بەك چوڭ بولسا، ئۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى يىراقلىشىپ، ئېستېتىكىلىق رول ئوينىيالمايدىكەن؛ ئارىلىق بەك كىچىك بولسا، ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق زىيادە يېقىنلىشىپ، يەنە ئېستېتىكىلىق رولى بولمايدىكەن.
    شۇڭا كۈندە بىللە يۈرىدىغان ئەر-ئاياللار «ئۆزۈمگە تۇشلۇق بوشلۇق يوق» دەپ ئاغرىنسا، ئىككى جايدا ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقان ئەر-ئاياللار كۈندە بىر-بىرىنى كۆرەلمەي تۇرمۇشتىن ئاغرىنىدىكەن.
    تۇرمۇشتا ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدا ئارىلىق بولمىسا، تۇرمۇشنىڭ ھاياتىي كۈچى بولمايدۇ؛ ئارىلىق چوڭ بولسا ئەر-ئاياللار ياتلىشىپ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچ يوقاپ، ئەر-ئايالنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ھېسسىياتى سۇسلاپ كېتىدۇ.
    ھەممە ئادەم ئۆزىگە تۇشلۇق بوشلۇققا موھتاج بولىدۇ. ھەر قانچە كۈچلۈك مۇھەببەتمۇ كىشىنىڭ بۇ ئەقەللىي تەلىپىنى توسۇپ قالالمايدۇ. مۇۋاپىق ئارىلىق بولسا مۇھەببەتمۇ ئۆزىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ساقلاپ قالالايدۇ.
    مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىز-يىگىتلەر توي قىلغاندىن كېيىن بىر-بىرىگە بولغان سىرلىقلىق تۇيغۇسى ئاستا-ئاستا يوقاپ، ئىنتىلىش ئاجىزلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئوتتۇرىسىدا يېڭىلىق قالمىغاندەك تۇيۇلىدۇ. مۇھەببەت كۈنسېرى سېھرىي كۈچىنى يوقىتىپ، ئائىلە كرىزىسى پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. شۇڭا ئائىلە تۇرمۇشىدا ئارىلىق پەيدا قىلىش ۋاستە شۇنداقلا بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشىشتىكى ماھارەت.
    ئەر-ئاياللار بىر-بىرىگە ئىشەنگەندىلا قارشى تەرەپنىڭ شەخسىي بوشلۇقى بولۇشىغا ھۆرمەت قىلالايدۇ. ئېرىڭىز ئۆزىنى يالغۇز قويۇشنى تەلەپ قىلغان بولسا، سىز بۇنى ئېرىڭىزنىڭ كۆڭلى بۆلۈنۈۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتى، دەپ قارىۋالماڭ. ئۇنىڭ سىزگە ئاسىيلىق قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ ھە دېسىلا ئۇنىڭ يانفونى ياكى كۈندىلىك خاتىرىسىنى ئاختۇرۇپ يۈرمەڭ، بۇ ئۇنى بىزار قىلىپ قويىدۇ.
    تۇرمۇشتا جورىڭىزغا پسىخىكا جەھەتتە مۇستەقىل بوشلۇق بېرىڭ، ئۇ سىزنىڭ كەڭ قورساقلىقىڭىزغا مەپتۇن بولسۇن!

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى