ياشىن تورى خەۋىرى: «ھەيۋەتلىك، كۆز يەتكۈزسىز ئالتۇن رەڭلىك قۇملۇقنى كۆرۈپ راستىنلا ھەممىنى ئۇنتۇپ كەتتىم!»... بىپايان قۇملۇق «ئوت ماكانى» تۇرپانغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى.
قۇمتاغ مەنزىرىسى (يەن شياۋفاڭ فوتوسى)
قۇملۇق ئاپتوموبىلى ساياھىتى
«رېلىسسىز پەلەك پويىزى» دەپ ئاتالغان قۇملۇق ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرغان بىر ساياھەتچى خۇشال ھالدا: تۇنجى قېتىم قۇملۇققا كېلىشىم، بىپايان قۇملۇقتا كىنولاردىكىدەك ھېسسىياتتا بولدۇم، بەك قالتىسكەن! كېلەر قېتىم چوقۇم ئوغۇل دوستۇمنى بىللە ئېلىپ كېلىپ، مىللىيچە ئالاھىدىلىككە ئىگە توي خاتىرە سۈرىتىگە چۈشىمەن، چوقۇم چىرايلىق چىقىدۇ،-دېدى.
قۇمغا كۆمۈلۈۋاتقان ساياھەتچى (مۇخبىر يەن شياۋفاڭ فوتوسى)
قۇم بىلەن داۋالاش ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى
مۇخبىر 8-ئاينىڭ 20-كۈنى تۇرپان شەھەرلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى قۇم بىلەن داۋالاش مەركىزىدە مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن قۇم بىلەن داۋالىنىشقا كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىنى كۆردى.