ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەن گوشىن، يەن يوۋسەي، ئاينارلار خەۋىرى، فوتوسى: ساياھەتچىلەر 8-ئاينىڭ 25-كۈنى سانجى ئوبلاستىنىڭ گۇچۇڭ ناھىيەسى جامبۇلاق مەنزىرە رايونىدا «بۈركۈتنىڭ چۈجە تۇتۇشى» ئويۇنىنى ئوينىماقتا. 8-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە، سانجى ئوبلاستى گۇچۇڭ ناھىيەسى جامبۇلاق مەنزىرە رايونىنىڭ تىيانشان بۇغداي دېڭىزى مەنزىرە رايونىدا «ئالتۇن رەڭلىك بۇغدايلىقتا بالىلىقنى ئەسلەش، جامبۇلاقتا خۇشال-خۇرام ئويناش» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلەرنى بۇ گۈزەل جايدا بالىلىقىنى ئەسلەشكە جەلپ قىلدى.
بۇ مەنزىرە رايونى بۇغداي يىغىۋېلىنغاندىن كېيىنكى تەبىئىي مەنزىرىدىن پايدىلىنىپ، ئېڭىزلىقتا ئىجادىي تۈس ئالغان خىلمۇخىل مودىل ۋە شەكىللەرنى ياساپ، گۈزەل سەھرا مەنزىرىسىنى نامايان قىلدى. پائالىيەت مەيدانىدا 10 نەچچە خىل ئويۇن تۈرى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئوينىشىغا سۇنۇلدى.