تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى

   ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى:

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى چوڭ رايونىدىن ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايونغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، لى شىخۇڭ سۆز قىلدى شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

   مۇخبىرلىرىمىز ياۋ تۇڭ، دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 8 – ئاينىڭ 25 – كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 –، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ۋەزىيەتكە بېقىپ يۈكسەلدۈرۈپ، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىپ، خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت بايلىقى چوڭ رايونىدىن ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايونغا ئايلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر خۇلاسە سۆزى قىلدى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى لى شىخۇڭ سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، جاڭ چۈنلىن، پېڭ جيارۈي قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
        
   چېن چۈەنگو سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەتچىلىكى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى، ساياھەت كەسپىنىڭ كۆلىمى ۋە ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارى ئۈزلۈكسىز زورىيىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى يېتەكچىلىك رولى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، بولۇپمۇ مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن پايدىنىڭ سىجىل نەپ بېرىشىگە ئەگىشىپ، ساياھەتچىلىكتە تېز ئېشىش بارلىققا كەلدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنغان، دانا، ئاقىل تەدبىر بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرغان، ئەمەلىيلەشتۈرگەندىلا شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك مۇقىم بولۇش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرغىلى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرغىلى، شىنجاڭ ئىقتىسادىدا يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوقۇم ياخشى ئىزچىللاشتۇرغىلى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.

   چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇھىم تەدبىرى، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ رېئال ئېھتىياجى، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، شىنجاڭنىڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسى. شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇشنى ھەرمىللەت خەلقنىڭ بەخت – سائادىتىگە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىگە قويۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

   چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 –، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ساياھەت خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ ساياھەت خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››دە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ دۇنيا بويىچە مۇھىم ساياھەت مەنزىلگاھى بەرپا قىلىش كېرەك. بىرىنچىدىن، پىلانلاش، يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. سىستېمىلىق، يۇغۇرۇلمىلىق، نوپۇزلۇق بولۇش تەلىپىگە ئاساسەن، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك ساياھەت تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ، ساياھەت تۈرلىرىنى قەتئىي ھالدا يىرىك پىلانغا ئاساسەن تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ، قۇرۇپ، ساياھەت يىرىك پىلانىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئۈنۈمىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، خاس جەلپكارلىق يارىتىشىمىز كېرەك. شىنجاڭنىڭ ھەيۋەتلىك تاغلىرى، ئويمانلىقلىرى، ئىپتىدائىي ئاجايىپ چۆل – باياۋانلىرى، گۈزەل دەريا – كۆللىرى، بىپايان گۈزەل ئوتلاق – ئورمانلىرى، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان مۇز تاغ، قارلىق دالىلىرى، كۆرۈپ قانمايدىغان سەھرا مەنزىرىلىرى، ئۇزاق تارىخقا ئىگە، مول يىپەك يولى مەدەنىيىتى، قويۇق، رەڭدار مىللىي ئۆرپ – ئادەتلەرنى تولۇق نامايان قىلىپ، دۇنياغا شىنجاڭنىڭ خاس جەلپكارلىقىنى نامايان قىلىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، داڭلىق ماركا يارىتىش كېرەك. تەبىئىي ئېكولوگىيە ۋە خاس مەدەنىيەتنى چۆرىدەپ، ‹‹كاتتا››، ‹‹گۈزەل›› بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹شىنجاڭ ياخشى جاي›› دېگەن ئۆزگىچە ماركىنى يارىتىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ روشەن بەلگىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنىڭ بىر پۈتۈن ئوبرازىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تۆتىنچىدىن، بازار تىجارىتىنى كېڭەيتىش كېرەك. بازار تىجارىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، تىجارەت شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تىجارەت تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىرتۇتاش بولۇش بىلەن تارقاق بولۇش بىرلەشتۈرۈلگەن، مەركەزلىك كۈچەيدىغان، قاتلاملىرى ئېنىق، رايون ئىچى – سىرتى ھەمتۈرتكە بولىدىغان ساياھەت تىجارىتى ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈش كېرەك. بەشىنچىدىن، كەسىپ ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. زور كۈچ سەرپ قىلىپ، قاتناشتىكى بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، يانداش ئەسلىھەلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاقىل ساياھەتچىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ياخشى ساياھەت بازىرى تەرتىپى ۋە ئىستېمال مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك. ئالتىنچىدىن، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ساياھەتچىلىكنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن رايون ساياھىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازار سۇبيېكتىنى زورايتىپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى موللاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا ساياھەت ئارقىلىق نىشانلىق ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىش كېرەك. يەتتىنچىدىن، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ‹‹سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قار – مۇزنىڭ ئۆزىمۇ بىر بايلىق›› دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، قوغداش خاراكتېرلىك ئېچىش – پايدىلىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداشنىڭ قىزىل سىزىقى، مۇھىت سۈپىتىنىڭ تۆۋەن چېكى ۋە تەبىئىي بايلىقتىن پايدىلىنىشنىڭ يۇقىرى چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك. سەككىزىنچىدىن، ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، يېزا – كەنت ساياھەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى، ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش مەبلىغىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىتىپ، ساياھەتچىلىك بىلەن نامراتلارنى يۆلەشنىڭ پايدا – مەنپەئىتىنى باغلاش – بىرلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، نامرات ئاممىنى ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈش كېرەك.

   چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئاپتونوم رايون پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت خىزمىتىنى تەشكىللەش، بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىشى كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ساياھەتچىلىكنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار كەسپىي ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ كەسىپ ئەھلىگە ئايلىنىشى، ھەر دەرىجىلىك ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتلىرى ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇش، ساھەگە يېتەكچىلىك قىلىش، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە ساياھەتنى تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەمكارلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىشى، ھەر دەرىجىلىك ساياھەت كەسپى جەمئىيەتلىرى كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ساياھەت تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشى، تۈرلۈك ساياھەتچىلىك بازار سۇبيېكتلىرى سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك. يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ساياھەت كەسپىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك. ساياھەتچىلىك كادىرلىرى قوشۇنى، كەسپىي ئىختىساسلىقلار قوشۇنى، كەسىپكارلار قوشۇنىنى كۈچلۈك قۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھەممە كىشى ساياھەتچىلىككە كۆڭۈل بۆلىدىغان، ھەممە كىشى ساياھەتچىلىكنى قوللايدىغان، ھەممە كىشى ساياھەتچىلىككە قاتنىشىدىغان ياخشى كەيپىيات بەرپا قىلىش كېرەك.

   لى شىخۇڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى ئۆزگىچە، سېھرىي كۈچى چەكسىز. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن پايدا سىجىل نەپ بەرمەكتە، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەۋزەللىكى روشەن، يوشۇرۇن كۈچى زور بولماقتا. بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، بازار يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، ئىسلاھاتنىڭ پايدىسىنى تارقىتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىش كېرەك؛ ‹‹سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قار – مۇزنىڭ ئۆزىمۇ بىر بايلىق›› دېگەن ئىدىيەنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يېشىل تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىش كېرەك؛ ساياھەت مەنزىلگاھى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تەمىنلەش يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىش كېرەك؛ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ‹‹ساياھەت +›› خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىش كېرەك؛ ‹‹شىنجاڭ ياخشى جاي›› دېگەن ساياھەتچىلىك ئوبرازىنى ياخشى كۈچەيتىپ، ئاۋام ساياھەتچىلىك بازىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىش كېرەك؛ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن بولغان ساياھەتچىلىك ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى قوللاش، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بايلىقىنى ئېچىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ساياھەتچىلىك ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىپ ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش، ساياھەتچىلىك يىرىك پىلان سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، شىنجاڭغا مەدەنىيەت ۋە ساياھەتچىلىك ئارقىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قاتارلىقلارغا داۋاملىق يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ساياھەت تەرەققىياتىنىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

   شۆھرەت زاكىر خۇلاسە سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: جايلار، تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ساياھەت خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، نىشان – ۋەزىپىسى ۋە خىزمەت مۇھىم نۇقتىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەتئىي، كەسكىن، كەم – كوتسىز ياخشى تۇتۇپ، پىلانلاش، يېتەكلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ساياھەتچىلىك يىرىك پىلانىنى تۈزۈش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلىشى؛ تەمىنلەش ھالقىسىدىن دەل جايىدا كۈچەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۆزگىچە ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇش، ساياھەت داڭلىق ماركىسى يارىتىش خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلىشى؛ ئېھتىياج ھالقىسىدىن دەل جايىدا كۈچەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بازار تىجارىتى ۋە كەسىپ ئاساسىنى پۇختىلاش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشى؛ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بازار مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىشى، كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى؛ دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنى ساياھەتچىلىك ئىقتىسادىدا كۈچلۈك رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، دۇنيادىكى مۇھىم ساياھەت مەنزىلگاھى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك. جايلار، تارماقلار شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى ئاڭلىق ھالدا گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇھىم ھالقىنى ئىگىلەپ، نازارەت قىلىش – باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، ساياھەت بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشنى سىياسىي جەھەتتە، ئىستراتېگىيە جەھەتتە، ئومۇمىيەت جەھەتتە، يىراق كەلگۈسى جەھەتتە تەپسىلىي كۆزىتىش، پىلانلاش ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن پايدا، سىياسەت ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى تۈرلۈك نىشان – ۋەزىپىلەرنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك.

   يىغىندا دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرى، ئاپتونوم رايون بويىچە پۈتۈن رايون ساياھىتىدىكى ئۈلگە رايونلار ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە پۈتۈن رايون ساياھىتىدىكى ئۈلگە رايون بەرپا قىلغان ئورۇنلارغا ۋىۋىسكا تارقىتىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، قاتناش – تىرانسپورت نازارىتى، بىڭتۈەن ساياھەت ئىدارىسى، ئالتاي ۋىلايىتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى، سودا – سانائەت بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى قاتارلىق ئورۇنلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

   يىغىن تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۈەننىڭ مەسئۇل رەھبەرلىرى؛ ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايوندىكى ساياھەتچىلىككە ئالاقىدار جەمئىيەتلەرنىڭ باشلىقلىرى، ئۈرۈمچىدىكى غوللۇق ساياھەت كارخانىلىرى ۋە نۇقتىلىق مەدەنىيەت كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.