تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

‹‹توققۇزدا چىڭ تۇرۇش››نى تۈپ مىزان قىلىش

ـــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك تەشۋىقات ـ ئىدىيە خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

   قانۇنىيەتنى ئىگىلەشكە ماھىر بولۇش ـــ جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ تارىخىي ئاڭلىقلىقى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىش ۋە تۈرتكە بولۇشتىكى غەلىبە ئەڭگۈشتىرى.

   ‹‹ئەمەلىيەت جەريانىدا، بىز تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىگە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق››. مەملىكەتلىك تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىنىڭ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشلىرىنى ئەسلەپ، ئەمەلىيەت جەريانىدا يېتىشتۈرۈلگەن نەزەرىيەدىكى يېڭىلىق يارىتىشنى سىستېمىلىق يەكۈنلىدى ھەم ئۇنى ‹‹توققۇزدا چىڭ تۇرۇش››قا يىغىنچاقلىدى. بۇ مۇھىم ئىدىيەلەر تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىنىڭ ئورنى، رولى، نىشانى، ۋەزىپىسى، مەسئۇلىيىتى، بۇرچى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى شەرھلەپ، تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىدىكى يۆنىلىش خاراكتېرلىك، ئومۇمىيەت خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى، ئۇ، تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈپ مىزان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، ئۇنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇش شەرت.

   ‹‹توققۇزدا چىڭ تۇرۇش››نى تۈپ مىزان قىلىشتا، ئۇنىڭ روھىي ماھىيىتى ۋە مول مەزمۇنىنى توغرا ئىگىلەش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقىدا چىڭ تۇرۇش، ئىدىيە خىزمىتىدىكى ‹‹ئىككىنى مۇستەھكەملەش››تىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىدە چىڭ تۇرۇش، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇش، خەلقنى تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇش، مەدەنىيەت ئىشەنچىنىڭ تېخىمۇ ئۇللۇق، تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ چوڭقۇر ئىشەنچ ئىكەنلىكىدە، تېخىمۇ تۈپ، تېخىمۇ سالماق، تېخىمۇ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان كۈچ ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ئاخبارات ئاممىۋى پىكرىنىڭ تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى، ئاممىۋى ئىشەنچ كۈچىنى ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا تور بوشلۇقى بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش، جۇڭگو ساداسىنى ياخشى تارقىتىشتا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ‹‹توققۇزدا چىڭ تۇرۇش›› مۇھىم ئىدىيەسى  تارىخ بىلەن رېئاللىقنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، خەلقئارا بىلەن دۆلەت ئىچىنى ئۆزئارا باغلاش، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتىكى كەڭ نەزەر دائىرە، يېڭى ۋەزىيەتتە تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىگە قارىتىلغان چوڭقۇر ئويلىنىش، تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىگە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، شۇنداقلا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى.

   ‹‹توققۇزدا چىڭ تۇرۇش››نى تۈپ مىزان قىلىشتا، ئۇنىڭ رېئال ئەھمىيىتى ۋە دەۋر قىممىتىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك. دەۋر ئىدىيەنىڭ ئانىسى، ئەمەلىيەت نەزەرىيەنىڭ مەنبەسى. جۇڭخۇا مىللىتى ئۇلۇغ گۈللىنىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان، دۇنيا 100 يىل مابەينىدە كۆرۈلمىگەن زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە يۈزلەنگەن، تارقىتىش ئەندىزىسىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش، ئاممىۋى پىكىر ئېكولوگىيەسىدە مۇھىم، زور ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەن تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتى پۇرسەتنى قانداق چىڭ تۇتۇپ، خىرىسقا قانداق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك؟ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئارقا – ئارقىدىن يىغىن ئېچىپ، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىشىدىن تەشۋىقات – ئىدىيە سېپىدىكىلەرنىڭ پائال نەتىجە يارىتىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلىشىگىچە، تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتى ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يول ئېچىش داۋامىدا راۋاجلىنىپ، يېپيېڭى ۋەزىيەت ئېچىپ، يېڭى تەجرىبىلەرنى ياراتتى. ‹‹توققۇزدا چىڭ تۇرۇش›› دەل بەش يىلدىن بۇيانقى مول ئەمەلىيەت، قىممەتلىك تەجرىبىلەرنىڭ چوڭقۇر خۇلاسىلىنىشى، يېڭى ۋەزىيەتتە تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىنى قانداق ياخشى ئىشلەشنىڭ ئىلمىي جاۋابى بولۇپ، بىزنىڭ تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىگە بولغان تونۇشىمىزنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىنىڭ تارقىتىش ئەندىزىسىنىڭ يېڭى ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىشى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشىنى سىستېمىلىق بىلىش نەزەرىيەسى ۋە مېتودولوگىيە بىلەن تەمىنلىدى.

   ‹‹توققۇزدا چىڭ تۇرۇش››نى تۈپ مىزان قىلىشتا، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە زور كۈچ سەرپ قىلىش، ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. ‹‹بىلىش ھەرىكەتنىڭ باشلىنىشى، ھەرىكەت بىلىشنىڭ ئورۇندىلىشى››. ‹‹توققۇزدا چىڭ تۇرۇش›› مۇھىم ئىدىيەسى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىستراتېگىيەلىك يېتەكلەشچانلىققا ۋە رېئال قاراتمىلىققا ئىگە، ئۇ، نەزەرىيە يېتەكچىلىكى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ: ‹‹بىر ئۈلۈش ئورۇنلاشتۇرۇشتا، توققۇز ئۈلۈش ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە›› دەپ قايتا – قايتا تەكىتلىدى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق چىڭ تۇتۇشنى رەھبىرىي كادىرلار چوقۇم كۈچەيتىشى زۆرۈر بولغان ‹‹سەككىز خىل ماھارەت››نىڭ بىرى قىلدى. ‹‹توققۇزدا چىڭ تۇرۇش››نىڭ تۈرلۈك تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، تەھلىل قىلمايلا قارىسىغا قوبۇل قىلىشقا، چالا – بۇلا بىلىشكە، يۈزەكى بولۇپ قېلىشقا، باشتىن – ئاياغ بىر خىل بولۇپ قېلىشقا بولمايدۇ. پەقەت مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ‹‹توققۇزدا چىڭ تۇرۇش››نى ئەمەلىيەت جەريانىدا ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرگەندىلا، كىچىك ئىشلاردا ئەمەلىيلەشتۈرگەندىلا، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرگەندىلا، خىزمەتنىڭ پىرىنسىپاللىقى، سىستېمىلىقلىقى، ئالدىن كۆرەرلىكلىكى، ئىجادچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكىلى بولىدۇ.

   بىلىش قانچە ئېنىق بولسا، ھەرىكەت شۇنچە پۇختا بولىدۇ؛ ھەرىكەت قانچە پۇختا بولسا، بىلىش شۇنچە روشەن بولىدۇ. ‹‹توققۇزدا چىڭ تۇرۇش››نى تۈپ مىزان قىلىپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش بىلەن ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكىلىكلىكىنى ئىشقا ئاشۇرساق، ئىدىيەۋى تونۇشىمىزدىكى يېڭى ھالقىش ئارقىلىق خىزمەتلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 – ئاينىڭ 26 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى