تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش قارىشىنى يېتىلدۈرۈش

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ يۇڭفېي، جاۋ جىيۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى جيا چاۋ، ۋاڭ ئېرلى

  8–ئاينىڭ 21–كۈنى، بۇ يىل چاڭچۈن سانائەت پەنلىرى داشۆسىنىڭ خىمىيە قۇرۇلۇشى ۋە ھۈنەر–سەنئەت كەسپىگە ئۆتكەن ئاتىگۈل ھاشىم ناھايىتى خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: مەن بەك خۇشال بولدۇم! خىزمەت ئەترىتىدىكى تاغىلىرىمغا رەھمەت. مەن مەكتەپ ھاياتىمنى قەدىرلەيمەن، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئەلا نەتىجەم بىلەن كۆپچىلىكنىڭ ماڭا قىلغان غەمخورلۇقىغا جاۋاب قايتۇرىمەن. ئاتىگۈل قۇربان ھېيت مەزگىلىدە، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى تارقاتقان 3000 يۈەن ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى تاپشۇرۇۋالدى.

  شۇ كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ پىلال يېزىسى پىلال كەنتىدە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتى قۇربان ھېيتنى كۈتۈۋېلىش ۋە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىش مۇراسىمى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت ‹‹ئىككى كومىتېتى›› كەنتتىكى 32 نامرات ئاممىغا ئۇن، ياغ قاتارلىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى تارقاتتى، بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتكەن 37 ئوقۇغۇچى ۋە ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 14 ئوقۇغۇچىغا 100 نەچچە مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ۋە ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقاتتى.

  كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1–شۇجى جوۋ فېڭ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى كەنتتە ئائىلىسى نامرات ئوقۇغۇچىلارغىلا ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىلاتتى، بۇ يىل كەنتىمىزدىن 18 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرسىغا، سەككىزى مەخسۇس كۇرسقا ئۆتتى. بالىلارنى ياخشى ئوقۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىل ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرسىغا ئۆتكەنلەرگە 3000 يۈەن، مەخسۇس كۇرسقا ئۆتكەنلەرگە 1500 يۈەن تارقىتىشنى قارار قىلدۇق. بىز بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق كەنتتە مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان، بىلىمگە ھۆرمەت قىلىدىغان، ئوقۇشنى قەدىرلەيدىغان قويۇق كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلدۇق. بىز بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ، تۈزۈملەشكەن، دائىملاشقان ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ھەربىر بالىنى ئوقۇش ئارزۇسىغا ئوڭۇشلۇق يەتكۈزىمىز.

  قۇربان ھېيت مەزگىلىدە، جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتى نىيە ناھىيەسىنىڭ روكىيا يېزىسى لاۋگۇاڭ كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ۋە ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقاتتى ھەم 7–ئايدا بېيجىڭغا تەربىيەلەشكە بېرىپ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى.

  جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتى بالىلارنىڭ مائارىپ مەسىلىسىگە باشتىن–ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مائارىپنى تۇتۇشنى يېزا–كەنتلەرنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشتىكى تۈپ سىياسەت قىلىپ ئىلگىرى سۈردى. بۇ يىل خىزمەت ئەترىتى روكىيا يېزىسى لاۋگۇاڭ كەنتىدە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرگە، تولۇق كۇرسقا ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشىمىغان دەرىجىدە مۇكاپات تارقاتتى، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ۋە ئادەتتىكى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ياردەم بەردى. بۇ قېتىم لاۋگۇاڭ كەنتىدىكى 25 ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ۋە نامرات ئوقۇغۇچىغا 23 مىڭ 500 يۈەن ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ۋە ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقاتتى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى ۋاڭ جىخۇڭ مۇنداق دېدى: ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش، بىلىمگە ھۆرمەت قىلىش، ئوقۇشنى قەدىرلەشتەك قويۇق كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇش، ئوقۇش ئارقىلىق تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش، كەنتتە بەسلىشىش، ئۆگىنىش، يېتىشىۋېلىش، ئېشىپ كېتىشتەك ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشنى ئاساسىي مەقسەت قىلدۇق.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايون ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى كەنتتە تۇرۇپ مائارىپقا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، روكىيا يېزىسى لاۋگۇاڭ كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپى، ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپىگە 1 مىليون 100 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلىپ، توك پار تام ئورنىتىپ بەرگەن، ماسلاشتۇرۇپ 100 مىليون يۈەن ئىئانە توپلاپ، ‹‹ئەلا ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش›› بويىچە ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىشقا ئىشلەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى