تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

ئۆزۈمگە قىلغان بايراملىق ئالاھىدە سوۋغا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن، ئىختىيارىي مۇخبىرى سۇخاۋ

  ‹‹بۇ مېنىڭ پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسىم››. 8 – ئاينىڭ 23 – كۈنى ئەتىگەندە، قاراقاش ناھىيەسى تۈۋەت يېزىسىنىڭ چوڭكۆل كەنتىدىكى يېڭى كىيىم كىيىۋالغان خانىسە ئوبۇل ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ لياڭغا پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسىنى سۇندى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن قۇربان ھېيتتا پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى سۇنۇشنى قارار قىلغان، بۇ ئۆزۈمگە قىلغان بايراملىق ئالاھىدە سوۋغا.

  بۇ، خانىسە ئوبۇل يازغان بەشىنچى پارچە پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى ئىدى. بۇ يىل 7 – ئايدا، چوڭكۆل كەنتىدە مۇخبىرلىق قىلىۋاتقىنىمىزدا، خانىسە ئوبۇل كەنتتىكى قىز – يىگىتلەرنى يېتەكلەپ، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ بۇلاق كەچلىك بازىرى يېزا – كەنت چوڭ سەھنىسىدە نومۇر ئورۇنلاۋاتقان ئىكەن، ئەينى چاغدا ئۇ پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسىدىن ئۈچ پارچە يېزىپ بولغان ئىكەن. خانىسە ئوبۇل مۇنداق دېدى: ئالدىنقى نەچچە پارچە ئىلتىماسىمدا خەتلەرنى بەك سەت يېزىپ قويۇپتىمەن، ھەتتا بەزى خەتلەر خاتا ئىكەن. مەن ھەر كۈنى كەچلىك كۇرسقا ئوقۇشقا بېرىپ، مۇئەللىمدىن تەلىم ئالدىم. بۇ قېتىم يازغان ئىلتىماسىمدىن بەك رازى بولدۇم.

  بۇ يىل 20 ياشقا كىرگەن خانىسە ئوبۇل تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرماي، خوتەن شەھىرىگە كىرىپ قۇرۇق يەل – يېمىش دۇكىنى ئاچتى. نەچچە يىلدىن بۇيان، خانىسە ئوبۇل دۇكىنىنى ئوبدان يۈرۈشتۈرۈپ، خېلى ئوبدان سودا قىلدى. خانىسە ئوبۇل: مېنىڭ نۇرغۇن ساۋاقدىشىم ھۆكۈمەت ئورگىنى ياكى يېزا – بازارلاردا خىزمەت قىلاتتى، ئۇلار بەزىدە دۇكىنىمغا كېلەتتى، بەزىدە تېلېفون بېرىپ مۇڭدىشىپ تۇراتتى، ئۇلار ماڭا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرى، ھازىر يېزىلاردا بولۇۋاتقان يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى كەيپىياتلارنى سۆزلەپ بېرەتتى، بۇنىڭدىن ئىلھاملىنىپ ھەم ھاياجانلىنىپ، مەندە كەنتكە قايتىپ ئۇلار بىلەن بىللە ئىشلەش ئىستىكى تۇغۇلدى، دېدى. مۇشۇ يىللاردىن بۇيان، ئۇ ئەتراپىدا بولۇۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى ھەقىقىي ھېس قىلدى: يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، نېمە تېرىسا تولۇقلىما بېرىلدى، ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتتى، كەنتتىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بولدى، نامرات ئائىلىلەر تۆۋەن كاپالەتتىن بەھرىمەن بولدى، ھەممە ئائىلىنىڭ ‹‹چوڭ شەھەر››لەردە تۇغقىنى بار بولدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش كەيپىياتى بارغانسېرى قويۇقلاشتى.

  بۇ يىل چاغاندىن كېيىن، خانىسە ئوبۇل قەتئىي قارارغا كېلىپ دۇكىنىنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ، يۇرتىغا قايتىپ كەلدى. ‹‹ئاتا – ئانامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاچ، كەنتتە بىرەر ئىش تېپىپ ئىشلەپ، كەنت ئاھالە كومىتېتى ۋە خىزمەت ئەترىتىگە ياردەملىشىپ، كەنت ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى ئويلىدىم››. خانىسە ئوبۇل جاڭ لياڭغا كۆڭلىدىكىنى ئېيتتى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن سەمىمىيلىك چىقىپ تۇراتتى.

  جاڭ لياڭنىڭ ئېيتىشىچە، شەھەردىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، خانىسە ئوبۇل ھەر كۈنى ئەتىگەندە تەشەببۇسكارلىق بىلەن كەنت ئاھالە كومىتېتىغا كېلىپ، ئۆزىگە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىلەن بىللە، كەنتتىكى ئاياللارنى ئەدەبىيات – سەنئەت، ئۇسسۇل بويىچە تەربىيەلەش، كۆپچىلىكنى كەچلىك بازارلارغا بېرىپ ئويۇن قويۇشقا تەشكىللەش، ھەر خىل ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى قىلغان، ئۇنىڭ قىزغىنلىقى يۇقىرى، غەيرىتى كۈچلۈك بولغان. ئۇ، دۆلەت بايرىقى چىقىرىش، تەشۋىقات ئاڭلاشقىمۇ دائىم بالدۇرلا كېلىدىكەن. خانىسە ئوبۇل مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى بىلەن بىللە ئىشلەش، ئۆگىنىش جەريانىدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندىم، ھاسىلاتىم مول بولدى، پارتىيە ۋە ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىقىم تېخىمۇ كۈچەيدى.

  خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر خانىسە ئوبۇلنىڭ قىزغىنلىقى ۋە ئالغا ئىنتىلىش روھىنى كۆرۈپ، چىن كۆڭلىدىن خۇشال بولدى. جاڭ لياڭ ئۇنى پارتىيە تەشكىلاتىغا پائال يېقىنلىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ياشنىڭ ئالغا ئىنتىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، بالدۇرراق شەرەپلىك ھالدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى. خانىسە ئوبۇل ئىنتايىن ھاياجانلاندى. خانىسە ئوبۇل مۇنداق دېدى: بۇ پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسىمنى خەتمۇخەت خېلى ئۇزاق ۋاقىت ئەستايىدىل يېزىپ چىقتىم، بۇ مېنىڭ سەمىمىي قەلبىمنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ، بۈگۈن پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسىمنى تاپشۇردۇم، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق پارتىيە تەشكىلىنىڭ ئىشەنچى ۋە ياردىمىگە جاۋاب قايتۇرىمەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن، ھەرقايسى كەنت پارتىيە ياچېيكىلىرى پارتىيە–ئىتتىپاق پائالىيىتىنى قەرەللىك تەشكىللەپ، پۈتۈن كەنتتىكى ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلارنى پارتىيە تەشكىلاتىغا پائال يېقىنلىشىشقا يېتەكلەپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى، چاقىرىق كۈچى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى