تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش

——ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى تېزلەتكەنلىكى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان(3)

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ دۇڭلەي

  بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇلدى، قاتناش راۋانلاشتۇرۇلدى، كەسىپ مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىلدى، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىلدى، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت، ھەر ساھە، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تىرىشچانلىقىدا، پۈتۈن شىنجاڭ بىر چوڭ مەنزىرە رايونىغا ئايلىنىپ، دۇنياغا باغرىنى كەڭ ئاچتى.

  تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا كىشىلەر گۈل–چېچەكلەرنى تاماشا قىلىپ، ئات چاپتۇرماقتا، بىپايان زېمىندا ساياھەتچىلەر كۆز يەتكۈسىز مەنزىرىدىن ھۇزۇرلانماقتا، تايانچ ساياھەت كەسپىنى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسپىگە ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات موتورىغا ئايلاندۇرۇشنىڭ زور ئىجتىمائىي ئاساسى پۇختا قەدەمدە شەكىللەنمەكتە.

  ئۈرۈمچى ئايروپورتىدىكى قۇرۇلۇشنىڭ قاينام–تاشقىنلىق بىلەن داۋاملىشىۋاتقىنىغا يېرىم يىل بولاي دېدى. جەمئىي 41 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان بۇ تۈر ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹13–بەش يىل›› مەزگىلىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش. ئۇچۇش رايونى ئەسلىھەلىرى 2030–يىلى 63 مىليون ئادەم (قېتىم) يولۇچى توشۇش، 750 مىڭ توننا يۈك توشۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش نىشانى بويىچە بىر قېتىمدا پۈتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، بۇ ئايروپورتتا شىنجاڭنىڭ ھازىرقى بارلىق ئاھالىسىنى بىر يىل ئىچىدە ئۈچ قېتىم توشۇغىلى بولىدىكەن.

  شىنجاڭ ئەمدى يىراق ئەمەس، قولايلىق قاتناش سىستېمىسى ‹‹سەپەر ۋاقتى ئۇزاق، ساياھەت ۋاقتى قىسقا›› بولۇشتەك قاتمال ۋەزىيەتنى ئاخىرلاشتۇرماقتا. ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى يىغىلىش–تارقىلىش مەركىزى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرىنى تايانچ قىلىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئۆيىدىن چىقىپلا قىسقا ۋاقىتتا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىگە بارالايدۇ، فەن جىڭۋېن شۇلارنىڭ بىرى.

  نىڭبولىق بۇ قىز يانفونىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: بەكلا تاسادىپىي بولدى، بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى دوۋيىندىن شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسىنىڭ ناھايىتى گۈزەللىكىنى كۆرۈپ، تۇيۇقسىزلا بارغۇم كەلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھەپتە ئاخىرى كېلىپ قالغاچقا، مەن يىللىق دەم ئېلىشىمنى ئېلىپلا، شىنجاڭغا كەلدىم. تەكشۈرۈپ باقتىم، ناراتنىڭ ھازىرقى مەنزىرىسى ئەڭ گۈزەل ئىكەن، بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئايروپىلان بار ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلىدىن بىۋاسىتە ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ قەشقەرگە بارغىلى بولىدىكەن، بەك قولايلىق ئىكەن.

  شىنجاڭ ئايروپورت گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى تاۋ رۇنۋېن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئىچىدە ئۇلاپ ئۇچۇش، ئايلىنىپ ئۇچۇش لىنىيەلىرى تېز كۆپەيدى، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئىنتايىن ياخشى تۈرتكىلىك رول ئوينىدى، بولۇپمۇ مەنزىرە رايونلىرى ئارىسىدا بىۋاسىتە قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن ئارتۇق يول يۈرۈش ئاۋارىچىلىكىدىن خالاس قىلدى، بۇ يىل شىنجاڭ ئىچىدە قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلار كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى.

  ۋاقتى يېتەرلىك ساياھەتچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ‹‹پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش›› ياخشى تاللاش. شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول يول تورى قۇرۇلمىسىنى پائال مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قىزىق نۇقتا ساياھەت لىنىيەلىرىنى لايىھەلەپ، شىمالىي شىنجاڭنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىش، ئاجايىپ ئوت يۇرتى، جەنۇبىي شىنجاڭنى راۋان ساياھەت قىلىش ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ مەدەنىيەت ساياھىتى مەخسۇس پويىزى قاتارلىق يۈرۈشلۈك ساياھەت مەھسۇلات تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، مەھسۇلاتلارنىڭ مەزمۇنىنى بارغانسېرى موللاشتۇردى. ئۈرۈمچى تۆمۈريول خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى خۇاڭ تىڭفېن مۇنداق دېدى: بۇنداق بولغاندا ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلەر ئاپتوبۇس، ساياھەت پويىزىغا ئولتۇرۇپ ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى ئارا ئايلانسا بولىدۇ، بۇ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا نىسبەتەن پائال ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.

  ‹‹13–بەش يىل›› مەزگىلىدە، ئايرودۇرۇم، تۆمۈريول، تاشيول قۇرۇلۇشى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، ئاۋىياتسىيە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئەلالاشتۇرۇلىدۇ، نۇقتىلىق ساياھەت رايونلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشى ۋە توشۇش خىزمىتى داۋاملىق كۈچەيتىلىدۇ؛ تۆمۈريولنىڭ يولۇچى توشۇش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى ساياھەت قىزىق نۇقتا شەھەرلىرى ئارىسىدا قاتنايدىغان پويىز قېتىم سانى ۋە توشۇش مىقدارى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىلىپ، ئۈرۈمچىدىن دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ شەھەرلەر چەمبىرىكىگە قاتنايدىغان ئوق پويىز ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز لىنىيەسى پەيدىنپەي ئېچىلىدۇ؛ يول يۈرۈش سىستېمىسىمۇ ئۈزلۈكسىز پىششىپ يېتىلىۋاتىدۇ. ساياھەت لىنىيەلىرىدىكى ئۇل ئەسلىھەلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت رايونىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، ساياھەت ئۆمىكىنى تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىپ، تېز ئۆتكۈزۈش مېخانىزمى ئورنىتىش، يول قاتناش مۇھىتىنى تۈزەشنى كۈچەيتىش قاتارلىق كۆپ خىل تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق مەنزىرە رايونلىرى ئارىسىدىكى يولنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش شارائىتىمۇ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت لىنىيەسى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇلىدۇ.

  سان–ساناقسىز تاشيول شىنجاڭ زېمىنىدىكى ھەربىر مەنزىرە نۇقتىسى، كەنتلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇردى، ئاپتوموبىل ئاممىباب ئىستېمال بۇيۇمىغا ئايلانغان بۇ دەۋردە، شىنجاڭدا ‹‹ئۈچ سائەتلىك ساياھەت ئىقتىساد چەمبىرىكى›› دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنمەكتە.

  ئومۇمىيەتكە سىڭىشىپ، ئالاھىدىلىك گەۋدىلەندۈرۈلدى، ئەۋزەللىك نامايان قىلىندى

  ساياھەتچىلىك بىر رايوننىڭ جەمئىيىتىنىڭ مۇقىم، مۇھىتىنىڭ ياخشى، مەدەنىيىتىنىڭ مول، كەيپىياتىنىڭ ئىناق بولۇشىنىڭ بارومېتىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭنىڭ مەركەزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن خۇشاللىنارلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈردى.

  قولايلىق قاتناش سىستېمىسى ساياھەتچىلەرنى ساياھەت نۇقتىلىرىغا ئۈزۈلدۈرمەي يەتكۈزدى، چوڭ ساياھەتچىلىك ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تۈزۈلمە–مېخانىزمىنىڭ داۋاملىق بەرپا قىلىنىشى بىلەن، ساياھەت تەرەققىياتى مۇھىم مەزمۇن سۈپىتىدە ھەرقايسى جايلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە شەھەر–يېزا قۇرۇلۇشى، يەردىن پايدىلىنىش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ساياھەت شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇملۇقىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلانماقتا.

  يېزا–كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشى بىلەن، كەنتلەر شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدىكى مۇھىم بۆلەككە ئايلاندى، ھەتتا نۇرغۇن كەنت بىۋاسىتە ساياھەت مەنزىلىگە ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ساياھەت يىغىلىش–تارقىلىش مەركىزى، مەسلىھەتچىلىك مەركىزى، ساياھەت بەلگىسى ئارقا–ئارقىدىن شەھەر ئاممىۋى مۇلازىمىتى ۋە شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈلمەكتە. ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئورنى ئىلمىي، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق، يۆنىلىشى ئېنىق بولغان ساياھەت يېتەكچىلىك بەلگە سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىلدى.

  تېخىمۇ كۆپ كىشى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىگە بېرىپ، پامىر ئېگىزلىكىنىڭ مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندى ياكى موڭغۇلكۈرەگە بېرىپ، كۆز يەتكۈسىز ئوتلاقنى تاماشا قىلىپ، ‹‹تۇلپار››لارنى كۆرۈپ قەلبى ھاياجانغا تولدى. پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكى بۇ جايلارنىڭ ئىقتىسادىنى كىرىش بېلىتى ئىقتىسادىدىن ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادقا ئۆزگەرتمەكتە. 2020–يىلىغا بارغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەتلىك پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكى ئۈلگە رايونىدىن 20 سى بەرپا قىلىنىدۇ. مۇشۇنداق ئۇلۇغۋار نىشاننى تىكلەشكە شىنجاڭنىڭ تەبىئىي يەر شەكلى ۋە گۇمانىتار مەنزىرىسىنىڭ كۆپ خىللىقى مۇھىم سەۋەب بولغان. دەل مۇشۇ ئاساستا، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرگەن ھالدا، شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇردى، بۇ نۇقتىنى ھەممىدىن بەكرەك ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغىنى دەل ئۇزاقتىن بۇيان داڭقى چىققان بايرام پائالىيەتلىرى ئىدى.

  تۇرپان ئۈزۈم بايرىمىدىكى شېرىن تەملەردىن ئىلى تۇلپار خەلقئارا ساياھەت بايرىمىنىڭ داغدۇغىسىغىچە، شىخو پىۋا بايرىمىنىڭ ئۆزگىچىلىكىدىن ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار–مۇز مەنزىرىسى بايرىمىنىڭ ساپلىقىغىچە، سايرام كۆلىنى ئايلىنىش تاشيول ۋېلىسىپىت ساياھەت بايرىمىنىڭ ھۇزۇرىدىن تارتىپ مارالبېشى توغراق مەدەنىيەت بايرىمىنىڭ جۇلاسىغىچە، ھەر جايدىكى بايرام تەنتەنىسى يەرلىكنىڭ ئۆزگىچە تېپىلغۇسىز ساياھەت بايلىقىنى نامايان قىلدى، بۇلار ئاپتونوم رايوننىڭ زور كۈچ بىلەن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ئارقىسىدا، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپلىق پىلانلاپ، ‹‹تۈجۈپىلەپ ئىشلىگەنلىكى››نىڭ نەتىجىسى. ھازىر، يەرلىك بايراملار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت ئىقتىسادىدا كەم بولسا بولمايدىغان بۆلەككە ئايلاندى، شۇنداقلا كۇرسلۇق مەھسۇلات ئۈنۈمى ئارقىلىق مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان دېھقان–چارۋىچىغا نەپ يەتكۈزدى.

  مەزمۇن بېيىتىلدى، مول ساياھەت تۈرلىرى ساياھەتچىلەر مەنبەسىنى كۆپەيتتى

  ساۋەن ناھىيەسىدىكى تۈپتۈز كەتكەن ئاسفالت يوللار مەنزىرىسى گۈزەل لۇجياۋۋەن بىلەن دۇڭداتاڭ مەنزىرە رايونىنى تۇتاشتۇرغان بولۇپ، ئاپتوموبىللار كەينى – كەينىدىن ئۈزۈلمەي ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، ھەممىلا جاي گۈزەل مەنزىرە ئىدى. ئىككى مەنزىرە رايونى ئارىلىقىدىكى تىيانشاننىڭ ئىچكى قىسمىغا جايلاشقان ئارشاڭ دەم ئېلىش–داۋالىنىش بازىسى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ھەيرانلىق ۋە خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى. بۇ بازا ئېگىز تاغلارغا ئۇدۇلمۇئۇدۇل قارىشىپ تۇرىدۇ، ئاسمان شۇنچە سۈزۈك، كىشىلەر ئارشاڭ سۈيىدىن راھەتلىنىپ قانغۇچە ھۇزۇرلاندى، ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسىمۇ شۇنچە كېڭەيدى.

  8–ئاينىڭ 22–كۈنى، ساۋەن ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى يۈ شىنيىڭ مۇنداق دېدى: بىز ئەسلىدىكى ‹‹ئارشاڭ جۇڭيى تېبابىتى ساناتورىيەسى›› ئاساسىدا، خېرىدار چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش ئارقىلىق كۆلەم، قاتلام جەھەتتە غەربىي شىمالدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارشاڭ دەم ئېلىش–داۋالىنىش بازىسىنى قۇردۇق. بۇ يەردىكى ئارشاڭنىڭ ئېچىلغىنىغا نەچچە ئون يىل بولغان بولسىمۇ، بۇ يىل ئەمدى تېخى كەسىپلەر تەرەققىيات ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلگەن ئېسىل مەنزىرە رايونىغا ئايلاندى.

  بۇ، يىللىق كۈتۈۋېلىش مىقدارى 400 مىڭ ئادەم (قېتىم) ئەتراپىدا بولغان ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كۈتۈنۈش بازىسى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدە بېيىتىلغان مەزمۇنلارنىڭ كارتىنىسى. ‹‹ساياھەت+›› شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنى ھەر قايسى ساھەلەر بىلەن يوچۇقسىز ئۇدۇللاشتۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى شەكىلگە ئايلاندى.

  ‹‹ساياھەت+شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش›› شەكلى ئارقىلىق تۈرلۈك ساياھەت بايلىقى بىرلەشتۈرۈلۈپ، مەنزىرە رايونلارنى باشقۇرۇش جەھەتتە ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ئىلغار تەجرىبىسى قوبۇل قىلىندى، 19 ئۆلكە، شەھەردىكى ساياھەتچىلەر ساياھەت مەخسۇس پويىزى ئارقىلىق ئارقا – ئارقىدىن شىنجاڭغا كەلدى، ‹‹ساياھەت+مەدەنىيەت›› شەكلى ئارقىلىق ئەنئەنىۋى كەنت، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، مەدەنىيەت سەنئەت ئۆمىكى قاتارلىقلاردىن ئىلمىي پايدىلىنىش نەتىجىسىدە، مەدەنىيەت ساياھىتى مەھسۇلاتلىرى بارلىققا كېلىپ، مەدەنىيەت كەسپىگە تۈرتكە بولدى؛ ‹‹ساياھەت+تەنتەربىيە›› شەكلى ئارقىلىق قار–مۇز، دالا، سۇ ئۈستى، ئاۋىياتسىيە، بەدەن چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كۈتۈنۈش قاتارلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇلۇپ، تەنھەرىكەت ساياھىتى بويىچە بىر تۈركۈم ئۈلگە كۆرسىتىش بازىلىرى ۋە ئېسىل مۇسابىقىلەر تەسىس قىلىندى؛ ‹‹ساياھەت+ئالاقە تورى›› شەكلى ئارقىلىق شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى ۋە ساياھەت ئۇنىۋېرسال مۇلازىمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سۇپىسى تېزدىن قۇرۇلۇپ، تور ساياھەت مۇلازىمىتى كارخانىلىرى يېتىشتۈرۈلۈپ، ئۇچۇر كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى...

  ھالبۇكى، بارلىق ‹‹ساياھەت+›› تۈرلىرىنىڭ يىلتىزى بىر ئاساسىي ئەمەلىيەتكە، يەنى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا چوڭقۇر ئەمەلىيلىشىشىگە باغلىق. ئاپتونوم رايوندىن تارتىپ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە، شەھەر، يېزا–بازارلارغىچە، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىسلىسىز دەرىجىدە قوغدالدى، بۇ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ كاپالىتىگە ئايلاندى. ھالبۇكى، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قار–مۇزمۇ بايلىق، دېگەن ئىدىيە ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئورتاق تونۇشقا ئايلاندى.

  ‹‹شىنجاڭ ياخشى جاي›› دېگەن ناخشا تېخىمۇ ياڭراق ئاۋازدا دۇنيادا ئېيتىلىپ، كىشىلەر قەلبىگە سىڭدۈرۈلدى. شىنجاڭنىڭ سەمىمىيلىكىنى، ياخشىلىقىنى ۋە گۈزەللىكىنى تەشۋىق قىلىش پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئاڭلىقلىقىغا ئايلاندى. شىنجاڭ ساياھەت تەشۋىقاتىنى ۋە تونۇشتۇرۇشنى ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق، ئۈزۈلدۈرمەي بارلىق تاراتقۇلار ئارقىلىق كۈچەيتىۋاتىدۇ. تونۇشتۇرۇش مەزمۇنى، مەنزىرە مەدەنىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماي، يەنە شىنجاڭنىڭ جەمئىيىتى مۇقىم، مىللەتلەر ئىتتىپاق، ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلىۋاتقان ياخشى ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئىشەنچىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى.

  ئومۇميۈزلۈك تەشۋىقات ۋە پۇختا ئىشلەنگەن ئاساسىي خىزمەتنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى. 2018–يىلى شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكى مىسلىسىز جانلاندى. پامىر ئېگىزلىكىدە كىشىلەر نەيگە جور بولۇپ ئۇسسۇلغا چۈشتى، موڭغۇلكۈرە ئوتلىقىدا ساياھەتچىلەر ئات مىنىپ ئۇچقاندەك چاپتى؛ دۆڭكۆۋرۈك خەلقئارا چوڭ بازىرىدا ئەتىگەندىن كەچكىچە مېھمانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.

  مۇشۇ پەيتتە، مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان كىشىلەر ئايروپىلان ۋە پويىزغا ئولتۇرۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا ئارقا–ئارقىدىن سەپەر قىلىۋاتقاندا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سانسىزلىغان كىشىلەر يان تېلېفون، تور، تېلېۋىزور، ئۇرۇق–تۇغقان، دوستلىرىدىن شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنى بىلىپ، شىنجاڭغا كېلىش پىلانى تۈزمەكتە. شىنجاڭ كىشىلەر ئىنتىلىدىغان جايدىن ساياھەت مەنزىلگاھىغا ئايلاندى، بىپايان شىنجاڭ ھەر تەرەپتىن كەلگەن مېھمانلارنى قارشى ئالماقتا، بۇ، كىشىلەر ئۆمۈربويى ئەستىن چىقارمىغۇدەك ياخشى جاي!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى