تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا مەملىكەتلىك تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتى يىغىنى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئەقلىي ئىقتىدار كەسىپلىرى كۆرگەزمىسىگە ئەۋەتكەن تەبرىك خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بۇرچ، ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 8–ئاينىڭ 24–كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، مەملىكەتلىك تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتى يىغىنى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئەقلىي ئىقتىدار كەسىپلىرى كۆرگەزمىسىگە ئەۋەتكەن تەبرىك خېتىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەملىكەتلىك تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتى يىغىنى پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىدىن كېيىن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاچقان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بەش يىل بۇرۇنقى ‹‹19–ئاۋغۇست›› مۇھىم سۆزىدىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتىگە بولغان يەنە بىر قېتىملىق ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى بولۇپ، تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلەپ، روھىي ماھىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىش كېرەك. بىرىنچىدىن، مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تونۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە، يېڭى دەۋردە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەنىڭ تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتىنىڭ تارىخىي مۇۋەپپەقىيىتى ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشى چوڭقۇر خۇلاسىلىنىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتىنىڭ تارىخىي ئورنى ۋە بۇرچى، ۋەزىپىسى چوڭقۇر شەرھلەنگەن، يۆنىلىش خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك، ئومۇمىيەت خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيەلىك بىر قاتار زور مەسىلىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىلىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىنغان، سۆزدە باشتىن–ئاخىر ماركسىزملىق ھەقىقەت نۇرى چاقناپ تۇرىدۇ، ئۇ، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. ئىككىنچىدىن، ئىشەنچ ۋە ئىرادىنى چىڭىتىش كېرەك. پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىسى تامامەن توغرا. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹توققۇزدا چىڭ تۇرۇش›› مۇھىم بايانى پارتىيەمىزنىڭ تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتىنىڭ قانۇنىيەتلىكىگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇردى، ئۇ، تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈپ قوللانما بولۇپ، ئۇنىڭدا جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىش كېرەك. تەشۋىقات–ئىدىيە سېپىدىكىلەر باشلامچىلىق بىلەن مەنىۋى ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداپ، ماركسىزمغا بولغان ئېتىقاد، سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزمغا بولغان ئېتىقادنى چىڭىتىش كېرەك. تۆتىنچىدىن، بۇرچ، ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىش كېرەك. تەشۋىقات–ئىدىيە سېپىدىكىلەر ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، كۈچنى مۇجەسسەملەشنى تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتىنىڭ مەركىزىي ھالقىسى قىلىپ، بايراقنى كۆتۈرۈش، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىش بۇرچى، ۋەزىپىسىنى ئاڭلىق زىممىسىگە ئېلىپ، ئىشەنچنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئەلرايىنى تېخىمۇ مۇجەسسەملەپ، كىشىلەر قەلبىنى تېخىمۇ ياخشى ئىللىتىپ، بىر مەقسەتتە بولۇشنى تېخىمۇ ياخشى مۇستەھكەملەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشقا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك. بەشىنچىدىن، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. ئىگىلمەي–سۇنماي يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، كۈچلۈك ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى ۋە يېتەكلەش كۈچىگە ئىگە سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيەنى بەرپا قىلىپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىدىكى يېڭى ئىنتىلىشىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئالتىنچىدىن، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. بايرىقى روشەن ھالدا پارتىيە تەشۋىقاتنى باشقۇرۇش، پارتىيە ئىدېئولوگىيەنى باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتىنى ئومۇمىيەت خىزمىتىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى؛ پارتكوم شۇجىسى ئۆزى بىۋاسىتە تۇتۇشى، باش مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشى، بىرتۇتاش پىلانلاپ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىشى؛ تەشۋىقات–ئىدىيە سېپىدە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹تۆت خاھىش››، بولۇپمۇ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈزىتىشى كېرەك. يەتتىنچىدىن، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قوشۇن قۇرۇش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تەشۋىقات–ئىدىيە كادىرلىرىنىڭ يېڭى بىلىملەرنى ئۈزلۈكسىز ئىگىلەپ، يېڭى ساھە بىلەن ئوبدان تونۇشۇپ، يېڭى نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئايىغى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، زېھنى ئوچۇق، قەلىمى كۈچلۈك بولۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، ماھارىتى ئۈستۈن، ئەمەلىيەتچىل، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىنتىلىدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتى قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك. سەككىزىنچىدىن، ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ غايە–ئېتىقادى، قىممەت قارىشى، ئەخلاق قارىشى جەھەتتە زىچ ئىتتىپاقلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشىنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت ۋە قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، يېڭى دەۋردە ئارمىيەنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشىگە بىر قاتار مۇھىم ئىدىيە ۋە مۇھىم ھۆكۈملەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى تۈپ مىزان ۋە ئىلمىي كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلىدى. بىز ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى باش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، نوپۇزنى قەتئىي قوغداپ، يادرونى قەتئىي قوغداپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى قەتئىي قوغداپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قوماندانلىقى ۋە بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى، ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى قوللاش ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنتايىن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولغان، ئۇيۇل تاشتەك چىڭ ئارمىيە–ھۆكۈمەت، ھەربىي–خەلق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئەقلىي ئىقتىدار كەسىپلىرى كۆرگەزمىسىگە ئەۋەتكەن تەبرىك خېتىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، رەقەملىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئورنىغا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش يارىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى قاندۇرۇش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن، پېڭ جيارۈي يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى