تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

شاڭخەي شەھىرىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى

لى چياڭ، چېن چۈەنگو، لى پېڭشىن پائالىيەتكە قاتناشتى

8–ئاينىڭ 22–كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى چياڭغا ھەمراھ بولۇپ، يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئارال يېزىسى بايدۆۋە كەنتىگە كېلىپ، نامرات ئاھالە مەمەتتۇرسۇن مامۇتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلىدى ۋە ھال سورىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8–ئاينىڭ 22–كۈنىدىن 24–كۈنىگىچە، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى چياڭ باشچىلىقىدىكى شاڭخەي شەھىرىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، شاڭخەي شەھىرىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن ناھىيەسى، پوسكام ناھىيەسى، قاغىلىق ناھىيەسى، قەشقەر شەھىرىگە كېلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى، نامرات ئائىلىلەردىن ھال سورىدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىر ئىختىساسلىقلارنى يوقلىدى.

  8–ئاينىڭ 24–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شاڭخەي. شىنجاڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى قەشقەر شەھىرىدە ئېچىلدى. چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت، شۇنداقلا پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن شاڭخەي شەھىرىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرنى قىزغىن قارشى ئالدى، شاڭخەي شەھىرىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ قۇۋۋەتلىگەنلىكى ۋە خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: شاڭخەي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋۇجۇدقا كەلگەن جاي، پارتىيەمىزنىڭ ئارزۇسى باشلانغان جاي، شۇنداقلا مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدىكى باشلامچى ۋە يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلىشتا ئالدىدا ماڭغۇچى ھېسابلىنىدۇ. شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك ھۆكۈمەت شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەيگە قويغان ‹‹تۆت يېڭى نەتىجە يارىتىش›› توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىز شاڭخەينىڭ ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشنى تېزلىتىشىمىز كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: شاڭخەي باشتىن–ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، چىن مېھىر–مۇھەببىتىنى بېغىشلاپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىگە يەتكۈزۈپ، قەشقەر ۋىلايىتى ۋە قاراماي شەھىرىنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتقا ئالاقىدار تۈرلۈك ئىشلىرىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. بىز قەلبىمىزدە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، مەڭگۈ ئەستە ساقلايمىز. چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئومۇملۇق مۇقىم، ۋەزىيەتنى كونترول قىلغىلى بولىدىغان، ۋەزىيەت ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن ھالەت بارلىققا كەلدى. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇملۇقىنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، شاڭخەينىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئۆرنەك ئېلىپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ چوڭقۇر يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىپ، شاڭخەي خەلقىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىغا جاۋاب قايتۇرىمىز.

  لى چياڭ شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن، شىنجاڭنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شاڭخەينىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە قوللاۋاتقانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ تەلىپى بويىچە، شىنجاڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا كىشىنى قايىل قىلارلىق يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، چېگرا رايوننىڭ تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى، شۇنداقلا شاڭخەينى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىناق، مۇقىم مۇھىت ياراتتى. شىنجاڭلىق يولداشلارنىڭ ياخشى ئىستىلى، ياخشى تەجرىبىلىرى شاڭخەينىڭ ئەستايىدىل ئۆگىنىشىگە، ئۆرنەك قىلىشىغا ئەرزىيدۇ. شاڭخەي پۈتۈن مەملىكەتكە ئورتاق، شاڭخەينىڭ بۈگۈنكىدەك تەرەققىياتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. شاڭخەي نۆۋەتتە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەي خىزمىتى توغرىسىدىكى يوليورۇقى ۋە تەلىپى بويىچە، ھەر قايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەۋاتىدۇ. مەركەز شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە قىسمەن ۋەزىپىلەرنى شاڭخەيگە تاپشۇردى، بۇ، شاڭخەيگە ئىشەنگەنلىك، شۇنداقلا شاڭخەينىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچى. بىز قەتئىي ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش، چوڭقۇر قېزىش، سالمىقىنى كۈچەيتىشكە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاتلىنىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى تولۇق تاماملايمىز.

  لى چياڭ مۇنداق دېدى: شاڭخەي نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى چىڭ تۇتۇپ، قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دىققەتنى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كىرىمنى ئاشۇرۇشنى كۈچەيتىش، شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىپ، كەسپىي مائارىپ ۋە قوش تىل مائارىپىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىش، سەھىيە ئارقىلىق ياردەم بېرىش، يۆلەشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىدۇ. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگىچە، ھەرقايسى ھالقىلىرىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا سىڭىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىككى جايدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىل ئۇسۇل، كۆپ خىل شەكىلدىكى ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كۈچلىرىنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە قاتنىشىشقا پائال يېتەكلەيدۇ. ئىككى جاينىڭ ئالاقىسى، ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، كەسىپ، سودا، پۇل مۇئامىلە، مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا ئورتاق ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ.

  سۆھبەت يىغىنىدا، قەشقەر ۋىلايىتى قەشقەرنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى، شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى، قاراماي شەھىرىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، قارامايغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى.

  شاڭخەي شەھىرى، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ۋېڭ زۇلياڭ، جۇگې يۈجيې، پېڭ چېنلېي، سارقىت ئاقان، لى شۆجۈن، جاۋ چۇڭجيۇ، چېڭ جېنشەن قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.