تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ساياھەتچىلىكنىڭ «بەخت ئاساسىي رەڭگى»نى نامايان قىلايلى

  شېن ياپىڭ

    ھاۋا ئوچۇق، مەيىن شامال يۈزلەرنى سىيپاپ تۇرىدىغان گۈزەل پەسىل، قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىنى تېخىمۇ قىزىتىۋەتتى. ھەر مىللەت ئامما ئائىلىسىدىكىلەر، دوست – بۇرادەرلىرى بىلەن بىللە، گۈزەل مەنزىرىلىك جايلارغا بېرىپ ئارام ئالدى، تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان ساياھەتكە دائىر بەزى ئۇچۇرلارمۇ كىشىلەرنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرۇپ، دىلىنى يايراتتى. مەسىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا ‹‹دۆلەت ئىلكىدىكى نۇقتىلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ كىرىش بېلىتى باھاسىنى تۆۋەنلىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى››نى بېسىپ تارقىتىپ، دۆلەت ئىلكىدىكى نۇقتىلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ يۇقىرىراق بولغان كىرىش بېلىتى باھاسى ۋە رايونلار ئارا قاتنايدىغان ئاپتوبۇس بېلىتى باھاسىنى زور نىسبەتتە تۆۋەنلەتتى، كىرىش بېلىتى باھاسى 150 يۈەندىن يۇقىرى بولغان مەنزىرە رايونلىرىدا باھا تۆۋەنلىتىش نىسبىتى %30كە يەتتى؛ يەنە مەسىلەن، قۇربان ھېيت مەزگىلىدە، بايىنبۇلاق، نارات قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرى كىرىش بېلىتى ھەققىنى تۆۋەنلىتىش، كەچۈرۈم قىلىشتەك ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى تەرەققىياتىنىڭ پايدىسىدىن بەھرىمەن قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ چەكسىز مەنزىرىسىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

    ئۇزاقتىن بۇيان، بەزى مەنزىرە رايونلىرى تەرەققىيات ئۈمىدىنى كىرىش بېلىتى ئىقتىسادىغا باغلىۋالدى، ئۈزلۈكسىز ئۆرلەۋاتقان ‹‹كىرىش ھەققى›› سەۋەبىدىن، كىرىمى يۇقىرى بولمىغان بىر قىسىم ئامما بىر تەرەپتىن ‹‹دۇنيا شۇنچە چوڭ تۇرسا، مەنمۇ سىرتلارغا چىقىپ كۆرۈپ كەلسەم بولمامدۇ›› دەپ ئارزۇ قىلسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ‹‹كىرىش بېلىتى بەك قىممەت ئىكەن، بولدى قىلايچۇ›› دەپ خۇرسىنىشقا مەجبۇر بولدى.

     2018 – يىللىق مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››دا، زۇڭلى لى كېچياڭ ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات›› بەرگەندە پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكى ئۈلگە رايونى بەرپا قىلىپ، دۆلەت ئىلكىدىكى نۇقتىلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ كىرىش بېلىتى باھاسىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. بۇ تەدبىر خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى نامايان قىلىپ، قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

     دۆلەت ئىلكىدىكى نۇقتىلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ يۇقىرىراق بولغان كىرىش بېلىتى باھاسىنى تۆۋەنلىتىش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن›› روھىنى ئىزچىللاشتۇرغانلىقى، ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكى، شۇنداقلا ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تەدبىرى. بۇ سىياسەتنىڭ ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ تۈرلۈك ياخشى تەرىپى بار: بىرىنچىدىن، مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلىتى باھاسى گەرچە تۆۋەنلىتىلگەندەك قىلسىمۇ، باھا تۆۋەنلىگەنلىك خۇش خەۋىرى تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلىدۇ، كىرىش بېلىتى ئومۇمىي كىرىمىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ناتايىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، كىرىش بېلىتى باھاسى تۆۋەنلىتىلگەندىن كېيىن، مەنزىرە رايونلىرى چوقۇم تىجارەت ئىقتىدارى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك، بۇ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە نىسبەتەن ياخشى ئىش؛ ئۈچىنچىدىن، دۆلەت ئىلكىدىكى نۇقتىلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ كىرىش بېلىتى باھاسىنى تۆۋەنلىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە، بۇنىڭغا بازار مۇقەررەر ھالدا بىر قاتار ئىنكاس قايتۇرىدۇ، باشقا مەنزىرە رايونلىرىنىڭ كىرىش بېلىتى باھاسىمۇ مۇناسىپ تۆۋەنلەپ، پۇقرالار تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشىدۇ.

     مەيلى باھانى تۆۋەنلىتىش بولسۇن ياكى ئېتىبار بېرىش بولسۇن، باھادا قوللىنىلغان ئېلىش ئۇسۇلى ئەمەلىيەتتە ساياھەتچىلىكنىڭ ئۇزاق، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا قوشۇش ئۇسۇلىنى قوللانغانلىقتۇر. بۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، ساياھەتچىلىكنىڭ ھەقىقىي تۈردە ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق، شۇنداقلا ئۇ يەنە بەخت كەسپى ھېسابلىنىدىغان ساياھەتچىلىكنىڭ ‹‹بەخت ئاساسىي رەڭگى››نى ھەقىقىي نامايان قىلغانلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى