تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

مەنزىرە رايونى قۇرۇپ، مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، كەسىپنى گۈللەندۈرۈش

 ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى تېزلەتكەنلىكى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان(2)

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن

  تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولدى، قاناس مەنزىرە رايونىدا بېلەت سېتىۋېلىش تەسكە توختىدى، قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى... دۆلەت ئىچى – سىرتىغا داڭلىق بۇ ئېسىل مەنزىرە رايونلىرى يارقىن نام كارتىسىغا ئايلىنىپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەل تاغ – دەريالىرى، گۇمانىتار مەنزىرىلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئېسىل مەنزىرە رايونلىرىنى باشلامچى قىلغان ساياھەت مەنزىلگاھى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدە ساياھەتچىلىك سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى.

     شىنجاڭ زور كۈچ بىلەن ئېسىل مەنزىرە رايونى قۇرۇپ، مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ساياھەت بايلىقىنى بەھرىلىنىشكە، ئىستېمال قىلىشقا بولىدىغان ساياھەت مەھسۇلاتىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇنى باشلامچى قىلىش ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسىپ ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشىدىكى مۇھىم موتورغا ئايلىنىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ‹‹بىپايان زېمىن، چەكسىز مەنزىرە، شىنجاڭ ياخشى جاي›› دېگەن ئوبرازنى مەملىكەتكە تونۇتتى ۋە دۇنياغا يۈزلەندۈردى.

     ئېسىل مەنزىرە رايونلىرى ئارقىلىق گۈزەل تاغ – دەريالارنى تۇتاشتۇرۇش

     قاناس تىلغا ئېلىنسا، كىشىلەر تەبىئىيلا ‹‹ئىنسانلارنىڭ بۇلغانمىغان پاكىز زېمىنى›› دېگەن سۆزنى ئەسكە ئالىدۇ ھەم كۆز ئالدىدا ھەيۋەتلىك مۇز داۋانلار ۋە قارلىق چوققىلار، ئېگىزلىكتىكى سېھرىي كۈچكە تولغان سىرلىق كۆللەر، تۇتاش كەتكەن ئېقىنلار ۋە ئېگىز تاغلار نامايان بولىدۇ. دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرگە نىسبەتەن 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بىر رايوننىڭ ساياھەت ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

     ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خوۋ خەنمىن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئۇنى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسپىگە ئايلاندۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى، ساياھەتچىلىككە ئالاقىدار تارماق ۋە كەسىپلەر تەشەببۇسكار، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، ئىلمىي پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەۋزەل شارائىت ۋە ھازىر بار ئاساسقا تولۇق تايىنىپ، زور كۈچ بىلەن ئېسىل مەنزىرە رايونى قۇرۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى قارلىق تاغ، قۇملۇق، كۆل، ئوتلاق، چۆللۈك، قەدىمىي يول ۋە مىللىي ئۆرپ – ئادەت، تارىخىي مەدەنىيەتنى ئېسىل مەنزىرە رايونى ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇپ، ئېسىل مەنزىرە رايونلىرىنى يېتەكچى كۈچ قىلىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

     شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى كۆپ خىل ۋە مول بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ساياھەت تەرەققىياتىدىكى مۇھىم رايون ھېسابلىنىدۇ، شىنجاڭدا ھازىر دۆلەت A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن 369ى بار، بۇنىڭ ئىچىدە 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن 12سى بولۇپ، غەربىي رايون بويىچە 1 – ئورۇندا، مەملىكەت بويىچە 2 – ئورۇندا تۇرىدۇ.

     بىر ئېسىل مەنزىرە رايونى بىر ‹‹ئالتۇن خەتلىك لەۋھە تاختىسى››، 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلىدىغان كۇرسلۇق مەھسۇلات بەلگىسى بولۇپ، ئۇنىڭ شۇ جاينىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ۋە ئۇنى يېتەكلەش رولى غايەت زور. شىنجاڭدا دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن ئېسىل مەنزىرە رايونىنى باشلامچى قىلغان ساياھەت مەنزىلگاھى سىستېمىسىنىڭ كۇرسلۇق مەھسۇلات ئۈنۈمى كۈنسېرى گەۋدىلەنمەكتە.

     يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرى، 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرىدا ساياھەتچىلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مىقدارى تېز ئېشىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان سەيلە – تاماشا، ئىستىراھەت، ھېس قىلىش، دەم ئېلىش قاتارلىق مەھسۇلاتلار بىلەن كۆپ مەنبەلىك تەمىنلەش شەخسىي ئاپتوموبىللىق ساياھەتنىڭ تېز ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى، ئالاھىدە ساياھەتچىلىك كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى، سەھرا ساياھىتى جانلاندى، ئائىلىۋى قونالغۇ ساياھىتى باش كۆتۈردى، قار – مۇز ساياھىتى، گۈل پەسلى ساياھىتى تېز راۋاجلاندى، ساياھەتچىلىك جۇشقۇنلۇققا ۋە ھاياتىي كۈچكە تولدى.

     دۆلەت ئېكولوگىيە ساياھىتى ئۈلگە رايونى، دۆلەت ساياھەت ئارامگاھى، پۈتۈن رايون ساياھىتى ئۈلگە رايونى ۋە ئۆزگىچە ساياھەت مەنزىلگاھى... شىنجاڭدا ھازىر 250 كىلومېتىرلىق ئېسىل مەنزىرە رايونىنىڭ تارقىلىش ئەندىزىسى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈلمەكتە، ئېسىل مەنزىرە رايونىغا تايىنىپ تۇتاشتۇرۇلغان تاغ – دەريالار كارتىنىسى، گۇمانىتار كارتىنىسى شىنجاڭنىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيەسىنى، گۇمانىتار مەنزىرىسىنى، ئۆزگىچە ئۆرپ – ئادەت، شۇ جايدىكى خەلقنىڭ تەبىئىي شارائىتى ۋە ئۆرپ – ئادىتىنى تولۇق نامايان قىلماقتا.

     ھەممە ئادەم تەلپۈنىدىغان ساياھەت مەنزىلگاھى بەرپا قىلىش

     مەنزىرە رايوننىڭ ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرۇپ، ‹‹كىرىش، توختاش، قونۇش››نى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇشتا مەنزىرە رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى ئىنتايىن مۇھىم.

     5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ساياھەت بىلەن تەمىنلەشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئۇ، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت مەنزىلگاھىنى تاللىشىدىكى مۇھىم ئامىل. شىنجاڭ 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى زاپاس ئامبىرىنى زور كۈچ بىلەن قۇرماقتا، شەيتانكەرش مەنزىرە رايونى، پامىر مەنزىرە رايونى، جامبۇلاق مەنزىرە رايونى، سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى، ئاناركۆل مەنزىرە رايونى، جاتا مەنزىرە رايونى قاتارلىق بىر تۈركۈم نۇقتىلىق مەنزىرە رايونلىرى دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، ھەتتا دۇنيا دەرىجىلىك ساياھەت ئېسىل مەنزىرە رايونىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن يېڭى قەدەم تاشلىدى.

  بۇ يىل ئاناركۆل مەنزىرە رايونىنىڭ 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىشتىكى ھالقىلىق بىر يىل بولۇپ، مەنزىرە رايونى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تېزلەتتى، ئېكولوگىيەلىك ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، مەنزىرە كۆرۈش كارىدورىنى يېڭىدىن سېلىپ، ئاممىۋى ھاجەتخانىنى ئۆزگەرتىپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك ساياھەت بەلگىسىنى مۇكەممەللەشتۈردى. مۇلازىمەت ئىقتىدارىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئاناركۆل مەنزىرە رايونىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. جامبۇلاق مەنزىرە رايونىدا شۇڭغۇما پاراشوت، ئاپتوموبىل لاگېرى، خەلقئارا چاڭغا مەيدانى، ئاسما ۋاگون، سىيرىلما يول قاتارلىق ھېس قىلىش خاراكتېرلىك تۈرلەر يولغا قويۇلۇپ، ساياھەتچىلەر ‹‹بىخەتەر، ئازادە، قولاي، خۇشال›› بولۇشتەك ئەلا سۈپەتلىك ھېس قىلىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولدى.

     شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىگە مەسئۇل تارماقلار ۋە ساھە، كارخانىلار ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، مۇلازىمەتنى چىڭ تۇتۇپ، سەرخىل مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ساياھەت بازارلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، سەرخىل مەنزىرە رايونلىرىنىڭ باشلامچىلىق، يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدى.

     بەش يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ساياھەت كەسپىگە 75 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىندى، 2017 – يىلىلا 436 ساياھەت تۈرى قۇرۇلۇپ، 20 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى، بۇ تۈرلەر ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرى، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى، شەخسىي ئاپتوموبىل ۋە ئۆي ئاپتوموبىل لاگېرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە مەنزىرە رايونىنىڭ قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشى ناھايىتى زور نىسبەتنى ئىگىلىدى.

     ساياھەت، قاتناش قاتارلىق تارماقلار ۋە جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىرلىشىپ يۆلىشى بىلەن، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرى، ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى، پىيادىلەر يولى، بەلگە تاختىسى، سۇ، توك، گاز، پار، ئالاقە، بۇلغىما چىقىرىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلدى، ساياھەت يېمەك – ئىچمەكلىرى، ياتاق، مال سېتىۋېلىش بارغانسېرى قېلىپلاشتۇرۇلدى.

     ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى بازار ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىپ، ساياھەت كارخانىلىرىنى شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈشكە، بىر تۈركۈم ئۆزگىچە، ساياھەتچىلەر ياقتۇرىدىغان ساياھەت يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىشقا رىغبەتلەندۈردى. ھەرقايسى ساياھەت كوپىراتىپلىرى قاتارلىق ساياھەت كارخانىلىرىمۇ سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنى كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش تارىخىي پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىجادىي ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئېسىل لىنىيە بەرپا قىلىپ، جاي – جايلاردىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى.

     ئەلا مۇلازىمەت ساياھەتچىلەرنىڭ رازىمەنلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈردى

     شىنجاڭنىڭ مەنزىرە رايونلىرى بىپايان، ناھايىتى گۈزەل ھەم ئۆزگىچە، ساياھەتچىلەرنى ئۇنىۋېرسال جەلپ قىلىدىغىنى مەنزىرە بايلىقى بولۇپلا قالماي، يەنە ساياھەت ئەسلىھەلىرى، مۇلازىمەت سەۋىيەسى، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى، مۇھىت سۈپىتى قاتارلىقلاردۇر. ئاپتونوم رايونىمىز سەرخىل مەنزىرە رايونلىرى يۇمشاق دېتال سەۋىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى مەنزىرە رايونلىرىغا كېلىشتىن كېتىشكىچە بولغان ھەربىر ھالقىدا سۈپەتلىك مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن قىلدى.

     ساياھەتچىلەرنىڭ رازىمەنلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ساياھەتكە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋە ساھەلەر مۇلازىمەتنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زور كۈچ بىلەن ساياھەتچىلىككە چېتىشلىق كەسىپكارلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت قائىدە – يوسۇنلىرى ۋە مۇلازىمەت تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت ئېڭى ۋە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، كەسىپتە قېلىپلاشقان، قىزغىن، تەشەببۇسكار ساياھەت مۇلازىمەت ئوبرازىنى ياراتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ساياھەتچىلەرنى خۇشال – خۇرام ئوينايدىغان، خاتىرجەم ساياھەت قىلىدىغان، قايتقاندا كۆزى قىيمايدىغان قىلدى.

     8 – ئاي كىرىشى بىلەن، دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولغان نارات ساياھەت مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەر تېز سۈرئەتتە كۆپىيىپ، يەككە كۈندىكى ساياھەتچى 15 مىڭ ئادەم(قېتىم)گە يېقىنلىشىپ، تارىختىكى يېڭى سەۋىيەنى ياراتتى. ساياھەتچىلەر كۆپەيگەن بولسىمۇ، مۇلازىمەت دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىشكە بولمايدۇ، مەنزىرە رايونى كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، 100دىن ئارتۇق ئارىلىق ئاپتوبۇسىنى تەڭشەپ، بېرىپ – كېلىش زىچلىقىنى ئاشۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

     ئۇنىڭدىن سىرت، ئاپتونوم رايونىمىز ئاممىنىڭ ساياھەت ئېھتىياج ئالاھىدىلىكىگە پائال ئۇيغۇنلىشىپ، ئالاقە تورى دەۋرىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشتى، كۈچەپ ئەقىل – پاراسەت ساياھىتى سىستېمىسى بەرپا قىلدى، ساياھەتنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش مۇلازىمەت باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆستۈردى، شىنجاڭنىڭ ساياھەت چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى ۋە ساياھەت ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سۇپىسى تېز سۈرئەتتە قۇرۇلماقتا، شىنجاڭ ساياھەت مۇلازىمىتى ۋە باشقۇرۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ‹‹يان تېلېفوندا شىنجاڭنى بەھۇزۇر ساياھەت قىلىش››نى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرماقتا.

     ساياھەتچىلەرنىڭ رازىمەنلىك دەرىجىسى مەنزىرە رايونىنىڭ ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ھەممىدىن بەك گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ. 2017 – يىللىق ساياھەتچىلەرنىڭ رازىمەنلىك دەرىجىسىنى ئۆلچەش ۋە باھالاش ئانالىز دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەتچىلەرنىڭ رازىمەنلىك دەرىجىسى 85.39 بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن ‹‹بىرقەدەر رازى بولۇش››تەك سەۋىيە يارىتىلغان.

     ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ساياھەت مۇلازىمىتى سۈپىتىنى ئۈلگە ئارقىلىق يېتەكلەش يىرىك پىلانى ۋە مۇلازىمەت ۋەدىنامىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك ساياھەت مۇلازىمىتى سودا تىزىملىكى تۈزۈپ، ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت كۇرسلۇق مەھسۇلاتىنى بازارغا سېلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ باھالىشىنى ئاساس قىلغان ساياھەت مەنزىلگاھىغا باھا بېرىشنى قانات يايدۇرۇپ، ‹‹شىنجاڭ ياخشى جاي›› دېگەن ناخشىنى يەنىمۇ ياڭرىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى