تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش،ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

    بىر دەۋرنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان رەسىمنىڭ ئاساسىي رېڭى كىشى قەلبى؛ بىر مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنىڭ ئاچقۇچى روھتا. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان مۇھىم پەيتتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەملىكەتلىك تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتى يىغىنىنى ئاچتى. بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭ بەش يىل ئىلگىرى ‹‹19 – ئاۋغۇست›› مۇھىم سۆزىنى قىلغاندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىنى يەنە بىر قېتىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى بولۇپ، تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

     باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزىدە يېڭى دەۋر پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر خۇلاسىلىدى، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەنىڭ تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىنىڭ تارىخىي ئورنى ۋە بۇرچى، ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر شەرھلىدى، يۆنىلىش خاراكتېرلىك، نېگىزلىك، ئومۇمىيەت خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيەلىك بىر قاتار مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بەردى، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەنىڭ تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە قارىتا مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. سۆزدە ئومۇمىيەت ئىگىلەنگەن، يىراققا نەزەر تاشلانغان، ئۇنىڭ مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى مۇپەسسەل، ئۇ يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەنىڭ تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. بىز سۆزنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى سۆزنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ياخشى تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىشىمىز كېرەك.

     سۆزنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىنىڭ مۇھىم، زور نەتىجىلىرىنى تولۇق چۈشىنىشىمىز زۆرۈر. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە جۇڭگو ئارزۇسىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشتىن، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى كەڭ كۆلەمدە ئەۋج ئالدۇرۇشقىچە، يەنە دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈشكىچە... بەش يىلدىن كۆپرەك ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى قارار – ئورۇنلاشتۇرمىسى تامامەن توغرا بولغان، تەشۋىقات – ئىدىيە سېپىدىكى كەڭ كادىرلارغا تامامەن ئىشىنىشكە بولىدۇ. بولۇپمۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بەش يىلدىن كۆپرەك ئەمەلىيەت جەريانىدا ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹توققۇز چىڭ تۇرۇش›› تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىنىڭ قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى، شۇڭا ئۇ تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈپ قوللانما بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇشىمىز، ئۇنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

     سۆزنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، يېڭى ۋەزىيەتتە تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىنىڭ بۇرچى، ۋەزىپىسىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشىمىز زۆرۈر. ‹‹تارىخ نەدىن باشلانغان بولسا، ئىدىيە مۇساپىسىنىمۇ شۇ جايدىن باشلاش كېرەك››. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، تەشۋىقات خىزمىتىدە مەۋقەنى جەزمەن يېڭى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى كوردىناتنى توغرا تېپىپ، تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خەۋپ – خەتەر ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، كۈچنى مۇجەسسەملەشنى تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىنىڭ مەركىزىي ھالقىسى قىلىشىمىز كېرەك. يېڭى ۋەزىيەتتىكى تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، بايراقنى كۆتۈرۈش، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىش بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى ئاڭلىق زىممىمىزگە ئېلىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ غايە – ئېتىقاد، قىممەت قارىشى، ئەخلاق قارىشى جەھەتتە زىچ ئىتتىپاقلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇمىيىتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

     سۆزنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، يېڭى ۋەزىيەتتە تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇر تونۇشىمىز زۆرۈر. بەش يىلدىن كۆپرەك تىرىشىش ئارقىلىق، تەشۋىقات – ئىدىيە سېپىنىڭ مەنبەنى ساپلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىدە زور ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئېگىلمەي – سۇنماي يېڭىلىق يارىتىدىغان مۇھىم باسقۇچقا قەدەم قويدى. يېڭى ۋەزىيەتتە تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولۇشتا، جەزمەن توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك خىزمەتكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاچقۇچلۇق جاي، مۇھىم جايغا كۈچ سەرپ قىلىپ، خىزمەت سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىگە كۈچ سەرپ قىلىپ، قۇدرەتلىك ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى ۋە يېتەكلەش كۈچىگە ئىگە سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيە بەرپا قىلىپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت زور ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا بولغان يېڭى ئارزۇسىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

     يېڭى ۋەزىيەتتىكى تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە، ئاچقۇچى ئادەمدە، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى جەزمەن كۈچەيتىشىمىز زۆرۈر. بىر رەھبىرىي كادىرنىڭ پىشىپ يېتىلگەن – يېتىلمىگەنلىكىگە، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالايدىغان – ئالالمايدىغانلىقىغا قاراشتا، بىر مۇھىم تەرەپ شۇكى، ئۇنىڭ تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىگە ئەھمىيەت بەرگەن – بەرمىگەنلىكىگە، تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىنى تۇتۇشقا ماھىر – ماھىر ئەمەسلىكىگە قاراش كېرەك؛ بىر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)نىڭ سىياسىي جەھەتتە كۈچلۈك – كۈچلۈك ئەمەسلىكى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا تەۋرەنگەن – تەۋرەنمىگەنلىكىگە قاراشتا، بىر مۇھىم ئۆلچەم شۇكى، ئۇنىڭ بايرىقى روشەن ھالدا پارتىيە تەشۋىقاتنى باشقۇرۇش، پارتىيە ئىدېئولوگىيەنى باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرغان – تۇرمىغانلىقىدا. پارتىيەنىڭ تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە ئىستىل كاپالەت بولۇپ، ‹‹تۆت خاھىش››، بولۇپمۇ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈزىتىش كېرەك؛ قابىلىيەت ئاچقۇچ بولۇپ، تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتى كادىرلىرىنىڭ ئايىغى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، زېھنى ئوچۇق، قەلىمى كۈچلۈك بولۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، ماھارىتى ئۈستۈن، ئەمەلىيەتچىل، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىنتىلىدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتى قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

     بىر دۆلەت، بىر مىللەت بىر مەقسەتتە ئالغا ئىلگىرىلەشتە، ئورتاق غايە – ئېتىقادتا بولۇشنى تىرەك قىلىشى زۆرۈر. پارتىيە بايرىقىنى تەشۋىقات – ئىدىيە سېپىدە جەۋلان قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن نەتىجە يارىتىش ئارقىلىق تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولساقلا، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت ۋە قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچكە ئىگە قىلالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 – ئاينىڭ 23 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى