تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئاپتونوم رايونىمىز «ئىجتىمائىي ئېقىن سۇ»باشلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ياردەم بەردى

ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا كەڭ كۆلەمدە يېتەكلەش ۋە سەپەرۋەر قىلىش

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ جىڭ خەۋىرى: 8-ئاينىڭ 17-كۈنى ئەتىگەندە، پاتىگۈل ئەمەر بالىسىنى يەسلىگە ئاپىرىپ قويۇپ، ئىشلەيدىغان ئورنى — ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى خېيجياسەن تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئارقا كوچا مەھەللىسىدىكى بىر ساتىراشخانىغا يېتىپ كەلدى. پاتىگۈل ئەمەر ‹‹مەن ھازىر ئايدا 2000 يۈەندىن 3000 يۈەنگىچە كىرىم قىلالايمەن، بۇ خىزمەتنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن، ئەگەر مېھرىبان كىشىلەر ماڭا گىرىم قىلىش ۋە چاچ ياساشنى ئۆگەتمىگەن بولسا، ھازىرمۇ ئۆيدە بالا بېقىشنىلا بىلىدىغان ئائىلە ئايالى بولغان بولاتتىم›› دېدى.

     پاتىگۈل ئەمەر تىلغا ئالغان مېھرىبان كىشىلەر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلات شىنجاڭ شىنيى ئىجتىمائىي خىزمەت مۇلازىمەت مەركىزى ئىدى. 2017 – يىلى 5 – ئايدا، شىنجاڭ شىنيى ئىجتىمائىي خىزمەت مۇلازىمەت مەركىزى ئارقا كوچا مەھەللىسىدە ‹‹گۈزەل ھايات›› ئاياللارنى گىرىم قىلىش بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى، ئائىلە قىيىنچىلىقى بار پاتىگۈل ئەمەرمۇ كۇرسقا قاتناشتى ھەم مۇنەۋۋەر كۇرسانتقا ئايلاندى.

    پاتىگۈل ئەمەر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئەۋزەللىكىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ياردەم بەرگەنلىكىدىن نەپكە ئېرىشكۈچىلەردىن بىرى.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2017 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلات 8911گە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىجتىمائىي تەشكىلات 1116، ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر) دەرىجىلىك ئىجتىمائىي تەشكىلات 2614، ناھىيە (رايون، شەھەر) دەرىجىلىك ئىجتىمائىي تەشكىلات 5181 . نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ‹‹ئىجتىمائىي ئېقىن سۇ››نى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى يېتەكچىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئىقتىدارىنىڭ چوڭ – كىچىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا پائال قاتنىشىشتەك ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىيات ياراتتى.

     بۇ يىل 6 – ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش – ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا قاتنىشىشقا كەڭ كۆلەمدە يېتەكلەش ۋە سەپەرۋەر قىلىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى(2018 – يىلىدىن 2020 – يىلىغىچە)››نى بېسىپ تارقىتىپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا قاتنىشىشتىكى نۇقتىلىق ساھەلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا قاتنىشىشتىكى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت، بازار ۋە جەمئىيەت ماس ئىلگىرى سۈرىدىغان نامراتلارنى يۆلەش چوڭ ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.

     ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ‹‹باشقىلارغا ياردەم بەرگەنلىك ئۆزىگە ياردەم بەرگەنلىك›› دېگەن ئاممىۋى پاراۋانلىق ھېسسىياتى ۋە كەسىپلەشكەن ئىختىساسلىقلار، تېخنىكا، مۇلازىمەت ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ تولۇقلىغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىشنى بەزى ئىنچىكە، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، جەمئىيەتتە مېھىر – مۇھەببەتنى مۇجەسسەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ياردەم بەردى.

     شىنجاڭ مائارىپقا ياردەم بېرىش فوند جەمئىيىتىنىڭ ‹‹شادلىق تەنتەربىيە باغچىسى›› تۈرى نەزەرىنى نامرات يېزا – كەنتلەردىكى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە قارىتىپ، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن، ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاي قاتارلىق 11 جايدىكى 372 ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپكە ھەربىر يۈرۈشى 38 مىڭ يۈەنلىك تەنتەربىيە ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلەپ بەردى، يېپيېڭى ۋاسكېتبول، پۇتبول، تىكتاك توپ ئۈسكۈنىلىرى نامرات يېزا – كەنتلەردىكى بالىلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلدى.

     ماددىي ئەشيا ياردىمىگە ئوخشىمايدىغىنى، شىنجاڭ تەينىڭ كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى(تەينىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىلىكى) مەۋقەنى ئۆز ئارتۇقچىلىقىغا قويۇپ، بەزى ئېغىر نامرات ناھىيەلەردە مەھەللە(كەنت) پىسخىكا مۇلازىمەت پونكىتى قۇرۇپ، ئىشنى پىسخىكىلىق يېتەكلەشتىن باشلاپ تۇتۇپ، نامرات ئاممىنىڭ ئىدىيەۋى قارىشىنى ئۆزگەرتىشى، ئۆزىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇشى، ئۆزىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى