تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

شاڭخەيلىك ‹‹دادام–ئاپام›› كېلىپ مېنى يوقلىدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خې خۇڭۋېي

  8–ئاينىڭ 22–كۈنى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى ‹‹يىنيۈەن›› ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرىدىغان ئاقاننىڭ ئۆيى ناھايىتى قىزىپ كەتتى، ئۈستەلگە بوغۇرساق، ساڭزا ۋە ھەرخىل قۇرۇق يەل–يېمىشلەر تىزىلغان بولۇپ، بايرام كەيپىياتىغا چۆمگەنىدى.

  ‹‹تاماق يەيلى، بۇ بىر پارچە قوي گۆشىنى سىزگە تۇتاي...››. تاماق ئۈستىلىدە، ئاقان پىشۇرۇلغان قوي گۆشىنى پارچىلاپ، بىرىنچى پارچىسىنى شاڭخەيلىك ‹‹دادا››سى ياۋ جىنرۇڭنىڭ قاچىسىغا سېلىپ قويدى. بۇنى كۆرگەن شاڭخەيلىك ‹‹ئاپا››سى جاۋ يۆخۇا ناھايىتى خۇش بولۇپ كەتتى. تاماقتىن كېيىن، قازاق مىللىتىنىڭ ‹‹قارا يورغا››سىنىڭ رىتىمىغا جور بولغاچ، ئاقان ئەر–خوتۇن ئۆلچەپ تىكىلگەن ‹‹چاپان››نى ياۋ جىنرۇڭ ئەر–خوتۇنغا سوۋغا قىلدى ھەم ئۇلارغا نەپىس دوپپا كىيگۈزۈپ قويدى.

  ئىككى ئائىلە كىشىلىرى 2017–يىلى 8–ئاينىڭ 20–كۈنى شاڭخەيدىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىزدا تونۇشۇپ قالغانىدى. ئەينى چاغدا قىزىغا ھەمراھ بولۇپ يازلىق لاگېرغا بارغان ئاقان شاڭخەيدىن ئۈرۈمچىگە ساياھەتكە ماڭغان ياۋ جىنرۇڭ ئەر–خوتۇن بىلەن تونۇشۇپ، سەپەردە ناھايىتى كۆڭۈللۈك مۇڭداشقان ئىدى. ئۇلار ئايرىلغاندىن كېيىن، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى دائىم سىندا پاراڭلىشىپ، بىر–بىرىدىن ئەھۋال سورىشىپ تۇردى. ياۋ جىنرۇڭ مۇنداق دېدى: ئاقان ئوغلۇم بىلەن تەڭ دېمەتلىك ئىكەن، ئۇ دائىم بىزنى مورىغا كېلىپ كۆرۈپ بېقىشقا تەكلىپ قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن، خوتۇنۇم ئىككىمىز يازدا بېرىپ تۇغقانلىشىشنى مەسلىھەتلەشتۇق، ئاقاننىڭ ئۆيىگە كەلگىنىمىزدە، ئاقاننىڭ ئاتا–ئانىسى بىز بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى، ھېچقانداق ياتسىراش ھېس قىلمىدۇق.

  ئاقان مۇنداق دېدى: شاڭخەيلىك ‹‹دادام، ئاپام›› بالىلىرىمغا نۇرغۇن ئوقۇش بۇيۇملىرى، ئويۇنچۇق ھەم كىيىم–كېچەكلەرنى ئەۋەتىپ بەردى، ئۇلار بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ.

  ئاقان ياۋ جىنرۇڭ ئەر–خوتۇننى باشلاپ شۇيموگۇ، سەيزىگۇ، پىڭدىڭشەن قاتارلىق جايلارغا ئاپىرىپ، ئۇلارنى مورىنىڭ سېھرىي كۈچىدىن بەھرىلەندۈردى. ياۋ جىنرۇڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: خوتۇنۇم ئىككىمىز شاڭخەيدىن گۈزەل مورىغا كېلىپ، قازاق ئوغلۇم ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بەختلىك مىنۇتلارنى بىللە ئۆتكۈزۈپ، قويۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كەيپىياتىنى تولۇق ھېس قىلدۇق، بەكلا خۇشال بولدۇق، بەختكە چۆمۈلدۇق!

  ياۋ جىنرۇڭ تاپىلاپ مۇنداق دېدى: سىلەر چوقۇم شاڭخەيگە بېرىڭلار، بالىلىرىڭلارنىمۇ بىللە ئېلىپ بېرىڭلار، ئۇ يەردە قېرىندىشىڭلار بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى