ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاڭ جىجۈن، ياڭ چۈەنلى خەۋىرى: فۇكاڭ شەھىرى بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ توك ئارقىلىق ئىسسىتىش قۇرۇلۇشى يېقىندا تاماملىنىش باسقۇچىغا كىردى، مۆلچەرلىنىشىچە، 9-ئايدا مەنزىرە رايونىدا توك ئارقىلىق ئىسسىتىش ئەمەلگە ئېشىپ، پار قازانلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، يىلىغا پار قازان چىقارغان 4000 توننىدىن ئارتۇق بۇلغىما ئازايتىلىدىكەن.
فۇكاڭ شەھىرى بۇ يىل توك ئارقىلىق ئىسسىتىش تۈرىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالدى، فۇكاڭ رايونىدا 3 يىلدا توك ئارقىلىق ئىسسىتىش كۆلىمىنى 4 مىليون 500 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يەتكۈزۈش مۆلچەرلەندى.