8-ئاينىڭ 20-كۈنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان مېڭشى-خۇاجۇڭ تۆمۈريولى خەنجياڭ دەرياسى پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆۋرۈكى.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: جۇڭگو تۆمۈريول 11-ئىدارىسى گۇرۇھى قۇرۇلۇشنى ئۈستىگە ئالغان مېڭشى-خۇاجۇڭ تۆمۈريولى خەنجياڭ دەرياسى پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ يانتۇ ئاسما ئارقانلىرىنى تارتىش خىزمىتى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى تاماملاندى. مېڭشى-خۇاجۇڭ تۆمۈريولى خۇاجياڭ دەرياسى پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆۋرۈكى خۇبېي ئۆلكىسى شياڭياڭ شەھەر رايونى بۆلىكى يۇقىرى ئېقىنىدىن تەخمىنەن ئۈچ كىلومېتىر كېلىدىغان خەنجياڭ دەرياسى ئۈستىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 5242 مېتىر بولغان مېڭشى-خۇاجۇڭ تۆمۈريولىدىكى نۇقتىلىق كونترول خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ كۆۋرۈكنىڭ دەريا يۈزىدە جەمئىي 18 كۆۋرۈك گۇندىسى بار، دەريا يۈزدىكى ئاساسىي كۆۋرۈك قوش مۇنار بەش ھالقىما بۆلەكتىن تۈزۈلگەن قىيپاش تارتىلغان ئاسما كۆۋرۈك بولۇپ، ئەڭ چوڭ ئارتىلىش دىيامېتىرى 248 مېتىر كېلىدۇ.
(جىن ۋېي فوتوسى)