تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

سۈت پاراشوكى تەڭشەشتە تۆۋەندىكىدەك خاتالىقلاردىن ساقلىنىڭ

ماتېرىيال سۈرەت

   بالىلارغا سۈت پاراشوكى تەڭشەپ بېرىش ئانىلارغا ناتونۇش ئۇقۇم ئەمەس، ئەمما ئانىلار سۈت پاراشوكى تەڭشىگەندە قانداق سۇ ئىشلەتسە ياخشى بولىدىغانلىقى، سۇ تېمپېراتۇرىسىنىڭ قانچىلىك بولسا مۇۋاپىق بولىدىغانلىقى ھەققىدە گاڭگىراپ قالىدۇ. تۆۋەندە ئانىلارغا سۈت پاراشوكى تەڭشەشنىڭ توغرا ئۇسۇلى ھەققىدە سۆزلەپ بېرىمىز.
    «خۇالۇڭ» تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئانىلار تۆۋەندىكى بەش خىل سۇغا سۈت پاراشوكى تەڭشىمەسلىكى كېرەك ئىكەن:
    1. قايتا-قايتا قاينىتىلغان سۇ. قايتا-قايتا قاينىتىلغان سۇنىڭ سۇ تەركىبى پارلىنىش جەريانىدا بىر قەدەر يۇقىرى نىترات ۋە نىترىت پەيدا قىلىدۇ.
    2. سۇ تازىلىغۇچتا تازىلانغان سۇ. ئۆيدىكى سۇ تازىلىغۇچنى دائىم دېگۈدەك تازىلاپ، تەكشۈرۈپ تۇرغىلى بولمىغاچقا، ئىچىدە نۇرغۇن باكتېرىيە پەيدا بولۇشى مۇمكىن.
    3. مىنېرال سۇ. تەبىئىي مىنېرال سۇ تەركىبىدىكى ناترىي ۋە باشقا مىنېرال ماددىلار ياكى كېيىن قوشۇلغان ناترىي ۋە باشقا مىنېرال ماددىلار بالىنىڭ بۆرىكىگە يۈك بولۇپ قالىدۇ.
    4.ئۇزۇن ۋاقىت قويۇپ قويۇلغان سۇ. سۇ ئۇزۇن ۋاقىت قويۇپ قويۇلسا، تەركىبىدىكى نىترات نىترىتقا ئايلىنىپ كېتىدۇ. شۇڭا 12-24 سائەتتىن ئارتۇق قويۇپ قويۇلغان سۇدا بالىلارغا سۈت پاراشوكى تەڭشەپ بەرمەسلىك كېرەك.
    5. قاتتىق سۇنى يۇمشىتىش ئۈسكۈنىسىدە بىر تەرەپ قىلىنغان سۇ. بەزى ئائىلىلەردە قاتتىق سۇنى يۇمشىتىش ئۈسكۈنىسى ئىشلىتىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن سۇ تەركىبىدىكى ناترىي ئېشىپ كېتىدۇ-دە، بالىنىڭ بۆرىكىگە بېسىم پەيدا قىلىدۇ.
    ئۇنداقتا زادى قانداق سۇدا سۈت پاراشوكى تەڭشەش كېرەك؟بېيجىڭ جۇڭيى تېبابىتى-دورىگەرلىك داشۆسى قارىمىقىدىكى جۇڭيى-غەرب تېبابىتى بىرلەشمە دوختۇرخانىسى بالىلار بۆلۈمىنىڭ سابىق مۇدىرى جاڭ سىلەي «ھاياتلىق ۋاقت گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: سۈت پاراشوكى تەڭشەشتە ئەڭ ياخشىسى پەن-تېخنىكىلىق بىر تەرەپ قىلىنغان، تازىلىقى ئۆلچەمگە يەتكەن تۇرۇبا سۈيىنى قاينىتىپ ئىشلىتىش كېرەك. «داخې» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (WHO)، ئامېرىكا كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش مەركىزى (CDC)، ئەنگلىيە دۆلەتلىك سەھىيە سىستېمىسى (NHS) دىكىلەرمۇ ئوخشاشلا سۈت پاراشوكى تەڭشەشكە ئىشلىتىلىدىغان سۇ تېمپېراتۇرىسىنىڭ 70سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن.
    ئاخىرىدا «داخې» تورى كۆپچىلىكنى ھەر قېتىم تەڭشەپ قويۇلغان سۈت پاراشوكىنى ئىككى سائەت ئىچىدە بالىغا ئىچكۈزۈپ بولۇشى كېرەكلىكىنى، ئىچىپ تۈگىتەلمىگەن بولسا ۋاقتىدا تۆكۈۋېتىش كېرەكلىكىنى، سۈت پاراشوكىنى كۆپرەك تەڭشەپ قويۇشنى ئويلىغان ئانىلارنىڭ سۈتنى تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن دەرھال توڭلاتقۇغا سېلىپ سوغۇق ساقلىشىنى، بۇنداق سۈت پاراشوكىنى ئەڭ كۆپ بولغاندا 24 سائەت ساقلىغىلى بولىدىغانلىقىنى، بالىغا ئىچكۈزۈشتىن بۇرۇن ئىسسىتىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

«خەلق تورى»دىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى