تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى شىمالىي ئازادلىق يولى بۆلەك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى جەنۇبىي ‏شىنجاڭدىكى بالىلارغا ئۆگىنىش بۇيۇملىرى ئىئانە قىلدى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ياڭ لى خەۋىرى: ئۈرۈمچى شەھىرى شىمالىي ئازادلىق يولى بۆلەك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى پىلانلىق تۇغۇت جەمئىيىتى «مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈپ كۆڭۈل بۆلۈش» ھەرىكىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نامرات رايونلىرىدىكى بالىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، بىر جۈملە ئىللىق سۆز، بىر قۇر كىيىم، بىر ئۆگىنىش ماتېرىيالى، بىر ئويۇنچۇق، بىر كىتاب ئىئانە قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  تەۋەلىكتىكى 1-باشلانغۇچ مەكتەپ پىلانلىق تۇغۇت جەمئىيىتى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە نازارەتچىلىكى ئىدارىسى پىلانلىق تۇغۇت جەمئىيىتى ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار، شۇنداقلا كادىرلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، نامرات رايونلاردىكى بالىلارغا بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشتى.

  كۆپچىلىك يېڭى كىيىم، ئاياغ، كىتاب، ئۆگىنىش ماتېرىياللىرى، ئويۇنچۇق قاتارلىقلارنى بەس-بەستە ئىئانە قىلدى، ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 1-باشلانغۇچتىكىلەر جەمئىي 157 يەشىك بۇيۇم ئىئانە قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە 500 دىن ئارتۇق كىتاب، 200 دىن ئارتۇق كىيىم-كېچەك، 50 جۈپتىن ئارتۇق ئاياغ، 1000 دىن ئارتۇق ئۆگىنىش ماتېرىيالى ۋە ئويۇنچۇقلار بار، بالىلار بۇيۇم ئىئانە قىلىش بىلەن بىرگە، گۈزەل تىلەكلىرىنى يېزىپ قالدۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كىچىك دوستلارغا ئىلھام بەرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى