تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر نامزاتلىرى تىزىملىكى ئېلان قىلىندى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، سيۇرېخ، 8-ئاينىڭ 20-كۈنى تېلېگراممىسى. ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى 2017~2018-مۇسابىقە پەسلىلىك ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر نامزاتلىرى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، كىرىستىيانو رونالدو، لۇكا مۇدرىچ ۋە سالاخ بۇ تىزىملىككە كىردى.

  ئەڭ ئاخىرقى مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى موناكودا ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ چەك تارتىش مۇراسىمىدا ئېلان قىلىنىدۇ، بۇ ئۈچ ماھىر ئىچىدە خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ ماھىرى مۇدرىچ كوماندىنىڭ ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولۇشىغا، كىرودىيە كوماندىسىنىڭ 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە 2-لىككە ئېرىشىشىگە زور كۈچ قوشۇپ، ئۆزى ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. يۇۋېنتۇس كوماندىسىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىنى يېڭىلا ئويناپ بولغان پورتۇگالىيەلىك چولپان كىرىستىيانو رونالدو خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 5-قېتىم چېمپىيون بولۇشىغا كۈچ چىقاردى ھەمدە ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئۇدا ئالتە يىل ھۇجۇمچىلار رەت تەرتىپىگە چىقتى. مىسىرلىق ھۇجۇمچى سالاخ كوماندىنىڭ ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى بولۇشىغا كۈچ چىقاردى ھەمدە لىۋېرپول كوماندىسىدا توپ تەپكەن مەزگىلىدە ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە يەككە مۇسابىقە پەسلىدە كىرگۈزگەن توپ سانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ تۈرلۈك رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىدى.

  ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى شۇنىڭ بىلەن بىللە بېلەت تاشلاشتا 4-دىن 10-گىچە بولغان ماھىرلارنى ئېلان قىلدى، ئۇلار: گرېزمان، مېسسى، مۇباپپې، دې برۇينې، ۋارانې، خازارد ۋە رامۇس.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى