تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئىچىدە قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزلىرى كۆپەيتىلىدۇ ‏

  شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىشتا يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ئۈرۈمچىدىن قومۇل، پىچان، كورلا، غۇلجا قاتارلىق تەرەپلەرگە قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزىنى كۆپەيتىدىكەن.

  قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە يولۇچىلار شىنجاڭ ئىچىدىكى ئوتتۇرا، قىسقا يوللۇق سەپەرنى ئاساس قىلىدىكەن، شىمالىي شىنجاڭدا غۇلجا، بېيتۈن، كۈيتۈن، شىخەنزە، قاراماي، جەنۇبىي شىنجاڭدا كورلا، ئاقسۇ ۋە قەشقەر ئاساسلىق سەپەر يۆنىلىشى بولىدىكەن.

  شەرقىي شىنجاڭغا بارىدىغان يولۇچىلار ئاساسلىقى قومۇل ۋە تۇرپانغا مەركەزلەشكەن. ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلى يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە قايتىش مەزگىلى بولۇپ، بۇ مەزگىلدە يولۇچىلار كۆرۈنەرلىك كۆپىيىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى