تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھېيت مەزگىلىدە كىچىك ئاپتوموبىللار ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تاشيوللاردا ھەقسىز قاتنايدۇ

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن، پىراكتىكانت گاۋ تيەننىڭ 8–ئاينىڭ 20–كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچىلىرى باش ئەترىتى يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، قۇربان ھېيت مەزگىلىدە، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول قاتناش ساقچىلىرى تارماق ئەترىتى باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى يوللاردا ئاپتوموبىللار كۆرۈنەرلىك كۆپىيىدىغان بولۇپ، قاتناش ساقچى تارماقلىرى سەپەرگە چىقىش كۆرسەتمىسىنى ئېلان قىلىپ، ھېيت مەزگىلىدىكى قاتناش بېسىق ۋاقتى، قاتناش ئاسان توسۇلىدىغان يول بۆلەكلىرى ۋە قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان يول بۆلەكلىرىنى ئېلان قىلغان ھەم ئايلىنىپ ماڭىدىغان لىنىيە بىلەن تەمىنلىگەن.

  قاتناش ساقچى تارماقلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل ساياھەتچىلەر كۆپىيىپ، ھېيتتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھىرى ئەتراپىدا ئاپتوموبىللار زور دەرىجىدە كۆپەيگەن، ھېيت ئوتتۇرا–باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يازلىق تەتىلىگە توغرا كەلگەچكە، ئۆز ئاپتوموبىل قىسقا مۇساپىلىك ساياھىتى قىلىدىغانلار كۆپىيىپ، ھېيت مەزگىلىدە ئاپتوموبىللار بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ۋە زەنجىرسىمان سېلىشتۇرمىدا ئۆرلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلۈپ، سائەت 00:10دىن 00:12گىچە شەھەردىن چىقىش بېسىق ۋاقتى، سائەت 00:18دىن 00:20گىچە قايتىش بېسىق ۋاقتى بولۇشى مۆلچەرلەنگەن.

     قاتناش مىقدارىغا ئالدىن ھۆكۈم قىلىش ئارقىلىق قاتناش ساقچى تارماقلىرى ئاسان توسۇلىدىغان ئۈچ يول بۆلىكىنى ئېلان قىلغان، بۇلار ئايرىم–ئايرىم ھالدا ليەنيۈنگاڭ–قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ئۈرۈمچى–كۈيتۈن لىنىيەسى تۇدۇڭخابا–ۋۇگۇڭتەي ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى يول بۆلىكى، G216 لىنىيە شاڭساخې ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى–بوغدا كۆلى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى يول بۆلىكى ۋە ليەنيۈنگاڭ–قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى تۇرپان–ئۈرۈمچى–داخۇاڭشەن لىنىيەسى ئۇلانباي–تۇزكۆل ھەق ئېلىش پونكىتى يول بۆلىكى ئىكەن.

  بۇنىڭ ئىچىدە، ليەنيۈنگاڭ–قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ئۈرۈمچى–كۈيتۈن لىنىيەسىدىكى تۇدۇڭخابا–ۋۇگۇڭتەي ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى يول بۆلىكىدە ئاپتوموبىللار ۋە قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان يول بۆلىكى كۆپ بولۇپ، ئاسانلا ئۇزۇن ئارىلىقلىق قاتناش توسۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. قاتناش ساقچىلىرى ئۈرۈمچىدىن شىخەنزە، كۈيتۈن، قارامايغا بارىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ شەھەر رايونىدىن ئايروپورت يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، ئۈرۈمچى–سانجى چوڭ يولى، ۋۇيى يولىدا مېڭىپ، ئاندىن قۇتۇبى–قاراماي ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى، ماناس ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى ئارقىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا چىقىشىنى تەۋسىيە قىلغان. شىخەنزە، كۈيتۈندىن ئۈرۈمچى شەھىرىگە كىرىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ ماناس ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى، قۇتۇبى–قاراماي ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا چۈشۈپ، ۋۇيى يولى، ئۈرۈمچى–سانجى چوڭ يولى، ئايروپورت يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا مېڭىپ شەھەر رايونىغا كىرىشىنى تەۋسىيە قىلغان.

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لى جيانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش–تىرانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، قۇربان ھېيت مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يەتتە كىشىلىكتىن تۆۋەن (يەتتە كىشىلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللار ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا ھەقسىز قاتنايدىكەن، ھەقسىز قاتناش ۋاقتى 8–ئاينىڭ 22–كۈنى سائەت 0دىن باشلىنىپ، 8–ئاينىڭ 26–كۈنى سائەت 24 تە (بېيجىڭ ۋاقتى) ئاخىرلىشىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى