تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى قەتئىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 2 ـ خەلق دوختۇرخانىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ئارزۇگۈل مامۇت

   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى، دۆلەت قۇدرەت تاپسا، مىللەت گۈللەنسە، كۆپچىلىك ئاندىن بەختلىك بولىدۇ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تەقدىرى دۆلەتنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلانغان، ۋەتەننىڭ بىرلىكى بولغاندىلا دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، خەلقنىڭ بەختى بولىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. مەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلققە، كەسىپكە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىم بىلەن، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى قەتئىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.

   مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى پائال قوغدايمەن. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىدئەت تەلىمات تارقىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ھەر مىللەت خەلققە زىيان يەتكۈزۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشتە، چوقۇم ئىپلاسلىقلارنى پاكىز تازىلاپ، رەزىل كۈچلەرنى بىتچىت قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قەتئىي قاتتىق زەربە بېرىپ، ھەرگىز يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىقىمىز كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش خىزمىتىدە، مەن دەل ۋاقتىدا كۆكرەك كېرىپ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن، تونۇشتا مۈجمەل، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولماي، ھەرىكەتتە سۇسلۇق قىلماي، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولىمەن، تېخىمۇ مۇھىمى، باشلامچىلىق بىلەن كۆزۈمنى يوغان ئېچىپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىيمەن، يەنە بارلىق ئاممىنىڭ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ جىنايى ماھىيىتى ۋە رەزىل ئەپت – بەشىرىسىنى ئېنىق تونۇشىغا باشلامچىلىق قىلىمەن ۋە ياردەم بېرىمەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى تىغمۇتىغ كۈرەش قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى تۈپ يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلايمەن.

   ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولىمەن. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى باشتىن – ئاخىر قەتئىي قوغداپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى يەنىمۇ مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، سىياسىي ئىرادەمنى، سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىم ۋە سىياسىي سەزگۈرلۈكۈمنى كۈچەيتىمەن. كاللامنى ئالاھىدە سەگەك تۇتۇپ، كۆزۈمنى يوغان ئېچىپ، مەيدانىمنى ئالاھىدە مۇستەھكەم قىلىپ، پولاتتەك ئېتىقاد، پولاتتەك ئىشەنچ، پولاتتەك ئىنتىزام، پولاتتەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى مەردانە ھالدا، كۈچلۈك ئىرادە بىلەن تەشۋىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى ياڭرىتىپ، نۇرلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئەڭ كۈچلۈك ساداغا ئايلاندۇرىمەن.

   باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ قەتئىي ئىلگىرى سۈرگۈچىسى بولىمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنىڭ، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ مۇھىم كاپالىتى. ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى خىزمىتى نىزامى››نى پائال باشلامچىلىق بىلەن ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش››، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئىشنى ئۆزۈمدىن، ئەتراپىمدىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش››، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ‹‹تۆت تارىخ››ى تەشۋىق – تەربىيەسىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىگە ياخشى ئاساس سېلىپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى، ئىنچىكە، ئەمەلىي ئىشلەيمەن. ھازىر، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى، پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتى ۋە قانۇن – بەلگىلىمىلىرىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ ئېغىر خەۋپىنى ئېچىپ تاشلاپ، سۆز – ھەرىكىتىم ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلىشىشقا يېتەكلەپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ پولات سېپىلىنى بەرپا قىلىمەن.

   بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باش نىشاننى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. ئەسلىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بۇرچنى ئۇنتۇماي، باشتىن – ئاخىر ئامما ئارىسىدىن كېلىش، ئامما ئارىسىغا بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۆزئارا ياردەم بېرىشى، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈشىدىكى قەلب كۆۋرۈكى، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ قوغدىغۇچىسى بولىمەن. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىشىنىڭ مۇستەھكەم قالقىنى، خەلق دېموكراتىيە دىكتاتۇرىسىنىڭ قۇدرەتلىك پولات مۇشتۇمى بولسىلا، دۈشمەن ئۇنسۇرلارغا قاتتىق قوللۇق بىلەن ئەجەللىك زەربە بېرىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتەلەيمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى