تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز ئىنچىكە تەدبىرلەر ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا كاپالەتلەندۈردى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ جىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8–ئاينىڭ بېشىدا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ناھىيەنىڭ 19 كەنتىدە كەنت دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى ياردەمچىسى سىناق خىزمىتى يولغا قويۇلدى. كەنت دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى خىزمىتىدە ئەسلىدىكى كەنت كادىرلىرى قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەش تۈزۈمى مەخسۇس ئادەم، مەخسۇس ئىش ئورنى تەسىس قىلىشقا ئۆزگەرتىلىپ، ئاساسىي قاتلام خەلق ئىشلىرى خىزمىتى تېخىمۇ دەل جايىدا، تېخىمۇ ئىنچىكە ئىشلىنىپ، دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ ئەڭ ئېھتىياجلىق كىشىلەرگىچە دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئاسىيە ئىسمائىل مۇنداق دېدى: نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىدە نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، تەجرىبىلەر يەكۈنلەنگەندىن كېيىن، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە كېڭەيتىلىدۇ.

  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 1 مىليون 330 مىڭ نامرات ئوبيېكت ئىچىدە تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلىدىغان ئوبيېكت جەمئىي 320 مىڭدىن كۆپرەك كىشى. شەھەر–يېزىلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت خىزمىتىنى تېخىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئاساسىي قاتلامغا قاراتتى.

  بۇ يىل 4–ئايدا، خەلق ئىشلىرى نازارىتى مېيىپلەر بىرلەشمىسى بىلەن بىرلىشىپ بەش خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، يېزا–كەنتلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، دەل جايىدا بېكىتىش ۋە ئۇچۇر خاتىرىلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىنىڭ 19 ناھىيەسىدىكى 65 يېزا–بازارنىڭ 150 كەنتىدىكى 610 ئائىلىنى نەق مەيداندا زىيارەت قىلىپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ تەكشۈرۈپ، سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش ۋە دەل جايىدا بېكىتىشنى چىڭ تۇتتى. خىزمەت گۇرۇپپىلىرى ‹‹ئىككىنى يۇقىرىغا يوللاش، ئىككىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، ئىككىنى سېلىشتۇرۇش›› ئۇسۇلىنى قوللاندى، يەنى ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش–ئېچىش ئىشخانىسى تەمىنلىگەن تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئوبيېكتلىرىنىڭ ئىسىملىكىنى قاتلاممۇ قاتلام كەنتلەرگە يوللاپ، تەكشۈرۈپ، ئاندىن تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ناھىيە دەرىجىلىككىچە مەلۇم قىلدى، خىزمەت گۇرۇپپىلىرى ناھىيەلەرنىڭ نامراتلارنى يۆلەش، تۆۋەن كاپالەت سىستېمىسىنى سېلىشتۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تەڭشەپ، تولۇقلىغاندىن كېيىن يەنە كەنتلەرگە چۈشۈرۈپ بەردى، كەنتلەر تەكشۈرۈپ سېلىشتۇرغاندىن كېيىن تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلىدىغانلارنى ھەقىقىي ئىسمى بىلەن جەزملەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەتتىن تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشان–ۋەزىپىسىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈردى. 5–ئاينىڭ ئاخىرى، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان بارلىق ئوبيېكتنى يېزىلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزدى.

  خاتا كاپالەتلەندۈرۈش، كاپالەتتىن چۈشۈپ قېلىش، ئادەمگەرچىلىك كاپالىتى قاتارلىق مەسىلىلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز ئاپتونوم رايون بويىچە يېزىلارنىڭ تۆۋەن كاپالىتىنى مەخسۇس تۈزەشنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىپ، يېزىلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت خىزمىتىدىكى چىرىكلىك مەسىلىسى ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ بىر–بىرلەپ ئەمەلىيلەشتۈردى، بىر تەرەپ قىلدى.

  دەل جايىدا كاپالەتلەندۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 7–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز خەلق ئىشلىرى ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش مەبلىغىنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇپ تارقىتىشتا ھەقىقىي ئىسىم بويىچە باشقۇرۇش، بىر ئادەمگە بىر كارتا بېجىرىشنى يولغا قويدى. 7–ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، 5–ئايدىن 6–ئايغىچە بولغان تۆۋەن كاپالەت پۇلى تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرىنىڭ بانكا كارتىسىغا ئۇرۇلدى.

  ئادەم كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئىنچىكە تەدبىرلەرنى قوللانغاندىن باشقا، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دەل جايىدا كاپالەتلەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى 11 نازارەت، ئىدارە بىلەن بىرلىكتە ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئاھالىلەرنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش مەشغۇلات قائىدىسى››نى يولغا قويۇپ، 14 نازارەت، ئىدارە بىلەن ئۇچۇرلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، تەرەپ–تەرەپكە تۇتاشقان، ئۇچۇرلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان ‹‹چوڭ سانلىق مەلۇمات›› سۇپىسى قۇرۇپ، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى قاتارلىق ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش ئوبيېكتلىرىنى بېكىتىشنىڭ ئىلمىيلىكى، توغرىلىقىنى ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى