تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

«خەيخۇڭ»: خەلقئارالىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى يىغىش-تارقىتىش مەركىزى بەرپا قىلىمىز

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 8–ئاينىڭ 20–كۈنى، ‹‹خەيخۇڭ›› خەلقئارا يېمەكلىك ئەشيا ئوبوروتى پورتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى چېن دېجى مۇنداق دېدى: بۇ يىل پاكىستاندىن بىر تۈركۈم دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى سىناق تەرىقىسىدە ئىمپورت قىلدۇق، بىز مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، ھەتتا ياۋروپادىكى يېمەكلىك كارخانىلىرى بىلەن بولغان ئالاقە–ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ‹‹خەيخۇڭ›› خەلقئارا يېمەكلىك ئەشيا ئوبوروتى پورتىنى مەۋقەنى شىنجاڭغا قاراتقان، ئوتتۇرا ئاسىياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سوغۇق ساقلاش زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى تەقسىملەش مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

  8–ئاينىڭ 20–كۈنى سائەت 18دە، ئۈرۈمچى ئىقتىساد–تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)دىكى ‹‹خەيخۇڭ›› خەلقئارا يېمەكلىك ئەشيا ئوبوروتى پورتىنىڭ يۈك مەيدانىدا، ئىشچىلارنىڭ سوغۇق ساقلاپ توشۇش ئاپتوموبىللىرىغا ئالدىراش مال قاچىلاۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ‹‹خەيخۇڭ›› خەلقئارا يېمەكلىك ئەشيا ئوبوروتى پورتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى چېن دېجى مۇنداق دېدى: چۈشتىن ئىلگىرى بۇنىڭدىنمۇ ئالدىراش بولۇپ كېتىمىز، ھازىر ئەشيا ئوبوروتى پورتىمىزنىڭ كۈنلۈك ئوتتۇرىچە مال كىرگۈزۈش–چىقىرىش مىقدارى 2000 توننىغا يېقىنلىشىدۇ. 2017–يىلى ئەشيا ئوبوروتى پورتىمىز توڭلىتىلغان يېمەكلىكتىنلا پۈتۈن يىللىق مال كىرگۈزۈش–چىقىرىش مىقدارىنى 600 مىڭ توننىدىن ئاشۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ توڭلىتىلغان يېمەكلىك بازىرىدا %85 ئۈلۈشنى ئىگىلىدى.

  چېن دېجى مۇنداق دېدى: بىز يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى توڭلىتىپ ساقلاش، دەرىجىگە ئايرىپ ئوراش، ئېلېكتىرونلۇق راسچوت قىلىش، يېمەكلىك مەنبەسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سوغۇق ساقلاش زەنجىرسىمان ئوبوروتى تەمىنلەش زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەت يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سوغۇق ساقلاش زەنجىرسىمان ئوبوروتىنى كۆزىتىش سۇپىسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇش ئارقىلىق پۈتۈن مۇساپىلىك سوغۇق ساقلاش زەنجىرىنى كۆزىتىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق.

  ئەشيا ئوبوروتى پورتىدا ئىمپورت يېمەكلىكلەر سارىيى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، قازاقىستاننىڭ ئۇنى، قىرغىزىستاننىڭ ھەسىلى، گىرۇزىيەنىڭ قىزىل ھارىقى قاتارلىق ئىمپورت مەھسۇلاتلىرى بار ئىكەن. ئۈرۈمچى گىرۇزىيە سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ياڭ گوجۇڭ ئىچكىرى ئۆلكىدىن كەلگەن سودىگەر بىلەن كېڭىشىپ، مال تارقىتىش ۋاقتىنى مەسلىھەتلىشىۋاتقان ئىكەن. 2015–يىلى ياڭ گوجۇڭ ئەشيا ئوبوروتى پورتىدا مەخسۇس ئىمپورت يېمەكلىكلەر سارىيى تەسىس قىلىنغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئىلگىرىكى تىجارەت ئورنىدىن بۇ يەرگە كۆچۈپ كېلىپ، گىرۇزىيەدىكى بىر ھاراقچىلىق مەيدانىنىڭ ھارىقىنى مەخسۇس سېتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپتۇ.

  ياڭ گوجۇڭ: مەن بۇ ھاراقچىلىق مەيدانى ئىشلەپچىقارغان ھاراقنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى باش ۋاكالەتچىسى، قىزىل ھاراق گىرۇزىيەدىن بىۋاسىتە شىنجاڭغا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، ئاندىن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى سودىگەرلەرگە يەتكۈزۈلىدۇ. بۇ يەر ئىلگىرىكى مەملىكەت بويىچە ئەشيا ئوبوروتىنىڭ تەقسىملەش ھالقىسىدىكى ئاخىرقى ئورۇندىن ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆزگەردى، دېدى. ھازىر، ئۇ ۋاكالەتچىلىك قىلىۋاتقان قىزىل ھاراقنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە سېتىلىدىكەن.

  شىنجاڭ ‹‹خەيخۇڭ›› ئوقەتچىلىك مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى ئۇنىۋېرسال يېمەكلىك سوغۇق ساقلاش زەنجىرى قۇرۇلۇشىنى يادرو، ئېكولوگىيەلىك باقمىچىلىق، يېمەكلىك ئىنچىكە پىششىقلاش، سوغۇق ساقلاش زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى، سودىدىكى تەقسىملەش، ئېلېكتىرونلۇق سودىنى بىر گەۋدە قىلغان پۇقراۋى كارخانا. سودا مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن 10 مىليارد يۈەنلىك 100 نۇقتىلىق ئالاقىلىشىش بازىرى، ئاممىۋى پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ سېتىش بازىرى قاتارىغا، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق باشلامچى كارخانىسى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

  2011–يىلى، يېڭى ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، ئەنئەنىۋى توپ سېتىش بازارلىرىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، شىنجاڭ ‹‹خەيخۇڭ›› ئوقەتچىلىك مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى 2 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ‹‹خەيخۇڭ›› خەلقئارا يېمەكلىك ئەشيا ئوبوروتى پورتى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئەشيا ئوبوروتى پورتى دېيىلىدۇ)نى قۇردى، ئەشيا ئوبوروتى پورتى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سوغۇق ساقلاش زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى تەقسىملەش مەركىزى، 150 مىڭ توننا دەرىجىلىك توڭلىتىش ئامبىرى، 10 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق سودا زالى قاتارلىق قىسىملاردىن تەركىب تاپقان. 2014–يىلى تىجارەت باشلىغاندىن كېيىن، ئەشيا ئوبوروتى پورتىنىڭ تىجارەت دائىرىسى توڭلىتىلغان يېمەكلىك، ئالاھىدە ئىچىملىك، قوشۇمچە يېمەكلىك، قەنت–گېزەك، مەملىكەت بويىچە داڭلىق، ئالاھىدە مەھسۇلاتلار قاتارلىق نەچچە ئون چوڭ تۈرنى قاپلاپ، 2000دىن ئارتۇق سودىگەرنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلغان.

  ھازىر، ئەشيا ئوبوروتى پورتىنىڭ 2–قارارلىق قۇرۇلۇشى تاماملاندى، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تىجارەت باشلىشى مۆلچەرلەنمەكتە. شۇ چاغدا، شىنجاڭدىكى ئىستېمالچىلار بۇ يەردىن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپانىڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، گۆش مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ئىمپورت يېمەكلىكلىرىنى تېخىمۇ كۆپ سېتىۋالالايدۇ.

  چېن دېجى مۇنداق دېدى: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن، بۇ يىل مەخسۇس ئىمپورت–ئېكسپورت ئىشلىرى بۆلۈمى تەسىس قىلدۇق ھەم يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى سودا ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تىجارەت تورىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈردۇق. چەت ئەللەردىكى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازارلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئۈرۈمچى كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە توشۇشنى تاموژنىدا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەركىزى، جۇڭگو–ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتارلىق ئەۋزەللىكلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئەشيا ئوبوروتى پورتىنى تەدرىجىي ھالدا دۆلەت ئىچى–سىرتىغا يۈزلەنگەن خەلقئارالىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى يىغىش–تارقىتىش مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى