تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

  كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى چۆرىدەپ ئەقىل كۆرسەتتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 8–ئاينىڭ 20–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ‹‹ئۇنىۋېرسال بىرتۇتاش پىلانلاپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش››نى چۆرىدەپ، كېڭىشىش سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە سۆز قىلدى.

  سۆھبەت يىغىنىدا، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، مۇتەخەسسىسلەردىن بولۇپ ئون كىشى ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشنىڭ رولىنى ئومۇميۈزلۈك جارى قىلدۇرۇش، ساغلام تۇرمۇش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى ۋە داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش توغرىسىدا ئەقىل كۆرسەتتى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئاجىز ھالقىلارنى چۆرىدەپ، دەل جايىدا كۈچەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللاندى، بۇنىڭ بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، ھەر مىللەت ئامما پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. كۆپچىلىك مۇنداق تەكلىپ بەردى: ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش داۋالىنىش كاپالىتى مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش–سەھىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى كۈچەپ ياخشىلاپ، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنىڭ ساغلاملىق ئېڭىنى ئاشۇرۇپ، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ما شيۇڭچېڭ باش تېمىلىق سۆز قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ پىكىر–تەكلىپلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى ۋە جاۋاب بەردى.

  سۆزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق كۆرسەتتى: كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىش يەنىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىدىكى ‹‹قاتتىق سۆڭەك››، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ھەرمىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تىرىشىپ ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك ساغلاملىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ‹‹تۆت ئاڭ››نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ، ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كۆپچىلىك كۆرسەتكەن ئەقىلنى توپلاپ، ھەل قىلىش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى؛ ئىدىيە ئارقىلىق يېتەكلەش، زىددىيەتنى پەسەيتىش، ئەل قەلبىنى مايىل قىلىش خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ ئاكتىپلىق، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى ئىشلىشى؛ تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، جامائەت قاتنىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق كۆرسەتتى: يىغىنغا قاتناشقان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار پائال تەكلىپ–پىكىر بېرىپ، سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كېڭىشىش، مۇزاكىرە قىلىش جەريانىدا ئورتاق تونۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەقىل–پاراسەتنى مۇجەسسەملەپ، خەلق بىلەن كېڭىشىش، خەلق ئۈچۈن كېڭىشىشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيەتچانلىقنى تولۇق نامايان قىلىپ، ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭى ۋە ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلار بۇ قېتىمقى يىغىندىكى ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللارنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ، يىغىندا شەكىللەنگەن ئورتاق تونۇش ۋە مۇھىم تەكلىپ–پىكىرلەرنى توپلاپ، رەتلەپ چىقىپ، كېڭىشىش تەكلىپ دوكلاتى شەكلىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتكە يوللىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى