تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مەملىكىتىمىزدە تور ئابۇنىچىلىرىنىڭ سانى 800 مىليوندىن ئاشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8-ئاينىڭ 20-كۈنى تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئالاقە تورى ئۇچۇر مەركىزى (CNNIC) 8-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدا تارقاتقان 42-قېتىملىق «جۇڭگو ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئىستاتىستىكا دوكلاتى» دا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلى 6-ئايغىچە، مەملىكىتىمىزدە تور ئابۇنىچىلىرىنىڭ سانى 802 مىليونغا يەتكەن، ئالدىنقى يېرىم يىلدا يېڭىدىن كۆپەيگەن تور ئابۇنىچىلىرىنىڭ سانى 29 مىليون 680 مىڭ بولۇپ، 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغا سېلىشتۇرغاندا %3.8 ئاشقان، ئالاقە تورىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %57.7 كە يەتكەن؛ يانفوندا تورغا چىقىدىغانلار 788 مىليونغا يېتىپ، تور ئابۇنىچىلىرىنىڭ يانفون ئارقىلىق تورغا چىقىش نىسبىتى %98.3كە يەتكەن.

  دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، مەملىكىتىمىزدىكى تور ئابۇنىچىلىرى ئۆسمۈرلەر، ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلارنى ئاساس قىلىدىكەن. 6-ئايغىچە بولغان ئىستاتىستىكا مەلۇماتىدىن قارىغاندا، 10 ياشتىن 39 ياشقىچە بولغانلار تور ئابۇنىچىلىرى %70.8نى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 20 ياشتىن 29 ياشقىچە بولغان تور ئابۇنىچىلىرى ئەڭ كۆپ نىسبەتنى ئىگىلىگەن.

  ئۇنىڭدىن باشقا، رەقەملىشىش تەرەققىياتىنىڭ تېزلىشىشى ۋە رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئالاقە تورى ئۆز ئۈستىگە ئالغان مۇلازىمەت كۆپىيىپ، قوللىنىش دائىرىسىمۇ بارغانسېرى كېڭەيگەن، ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە ئەمەلىي ئىقتىساد چوڭقۇر بىرىكىپ، ياساش كەسپى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىك ۋە مۇلازىمەت كەسپى يېڭى تىپ، زامانىۋى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يۆنىلىشىگە قاراپ سىلجىغان. مۇشۇ ئاساستا، تور ئابۇنىچىلىرىنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، ئالاقە تورىنىڭ سىڭىپ كىرىش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى