تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ 2018 ـ يىللىق جۇڭگو ـ ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ ھەم ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8–ئاينىڭ 20–كۈنى تېلېگراممىسى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 8–ئاينىڭ 20–كۈنى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: 2018–يىللىق جۇڭگو–ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى 9–ئاينىڭ 3–كۈنىدىن 4–كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ باش تېمىسى ‹‹ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ زىچ جۇڭگو–ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش››. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ ھەم ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ. جۇڭگو–ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ ئافرىقا تەرەپ ئەزالىرىنىڭ باشلىقلىرى تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتنىشىدۇ، ئافرىقا رايونىدىكى ئالاقىدار تەشكىلاتلار ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئالاقىدار پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.